كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 4

ۋاقىتقا خىيانەت، ھاياتقا ئاھانەت قىلماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقىتقا  خىيانەت،  ھاياتقا  ئاھانەت  قىلماڭ

   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى


--------------------------------------------------------------------------------
ئابدۇقەييۇم ئېلى



   ۋاقىت ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك شەكىلسىز بايلىق. ۋاقىتنىڭ ئادىللىقى شۇكى، مەيلى پۇل، مېلىنىڭ ھېسابى يوق بايلار بولسۇن ياكى يانچۇقىدا بىر تىيىن يوق نامراتلار بولسۇن، ۋاقىت ھەممىگە ئوخشاش تەقسىملەپ بېرىلگەن. ۋاھالەنكى ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىشنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە بېجىرىپ، چەكلىك ھاياتىنى چەكسىز مەنالارغا ئىگە قىلىۋاتقانلار زادى قانچىلىك؟

   ھاياتتا پۇل، مال ۋە باشقا ماددىي نەرسىلەر بولمىسا بولمايدۇ. بىراق، ئۇ ھاياتلىقتىكى بىردىنبىر نىشان ئەمەس. ئەگەر ئۇ نىشانغا ئايلىنىپ قالىدىكەن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، شۇنداقلا ئەڭ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقىت ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ – دە، كىشىلەر پۇل، مېلىنى يوقاتسا زارلىنىدىغان، ئەمما ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئۆكۈنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ – دە، ۋاقىت قارىشى تۆۋەن، ئىقتىساد قارىشى يۇقىرى بىر تۈركۈم كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ.

   بۇنداق كىشىلەر شۇنى بىلىشى زۆرۈركى، ئادەمنىڭ يېتەرلىك ۋاقتى بولسىلا باشقىلار ئېرىشكەن ھەر قانداق نەرسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

   بىر كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: ‹‹ئادەم 70يىل ياشىسا، ئالدىنقى ئون يىلى گۆدەكلىك، كېيىنكى ئون يىلى قېرىلىق، ئوتتۇرىدىكى 50يىلنىڭ يېرىمى ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ. ھېسابلاپ كۆرسەك پەقەت 25يىلنى تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق – سوغۇقلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن ئۆتكۈزىمىز››. ‹‹سەيشەنبە كۆرۈشەيلى›› ناملىق كىتابتا، بىر پىروفېسسور تەسۋىرلەنگەن، ئۇ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەسرەتلەنگەن ھالدا: ‹‹مەن دائىم ۋاقتىمىز ناھايىتى كۆپ، دەپ ئويلايتتىم، ئەمەلىيەتتە، ھايات تولىمۇ قىسقا، تولىمۇ چەكلىك ئىكەن. بىلىشىڭلار كېرەككى، كۈنلەر ئۇزاق ئەمەس، تۇرمۇشتا مەڭگۈ بەك كېچىكتىم دېمەڭ›› دەپتۇ.

   يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىش تەس ئەمەسكى، ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋاقىتتىن تەركىب تاپقان ئىنتايىن قىسقا بىر جەريان. ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈش، ۋاقتىمىزنى قايسى ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى بىزگە باشقىلار دەپ بەرمەيدۇ. ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز شۇ ۋاقتىمىزنى ئەيش – ئىشرەت، كەيپ – ساپا ۋە باشقا پۇچەك ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىپ ئۆتكۈزسەكمۇ ۋە ياكى قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ ئۆز كەسپىمىزدە نەتىجە يارىتىپ ئۆتكۈزسەكمۇ بولىدۇ. كېيىنكى تاللاش ئەڭ توغرا تاللاشتۇر. چۈنكى ۋاقىتقا خىيانەت، ھاياتقا ئاھانەت قىلساق بولمايدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-18 10:39:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز
ۋاقتى: 2015-11-18 11:26:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداق ئىش ئەمدى ، بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ بۇ تور بەت يا ماڭا شۇنداق كۆرەندىمۇ ؟ ئەجەپ باشقىچە دىسە ؟
ۋاقتى: 2015-11-19 10:04:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ، ياخشى مەزمۇن يوللاپسىز.
ۋاقتى: 2015-11-25 09:50:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
/ئۈمىد ئەپەندىم ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!!!ھارمىغايسىز!!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش