كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 2

بالا تەربىيەلەشتىكى مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئۇنتۇماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالا  تەربىيەلەشتىكى  مەجبۇرىيىتىڭىزنى  ئۇنتۇماڭ
   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى


--------------------------------------------------------------------------------
ئاسىيە ئابلا



بىر بالا ئورمانلىقتا ئويناۋېتىپ بىر جادۇگەرگە ئۇچراپ قاپتۇ، جادۇگەر ئۇنىڭغا ‹‹مەن ئەپسۇن ئوقۇپ، سېنى دۇنيادىكى ئەڭ دۆت بالىغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن›› دەپتۇ، بالا جادۇگەرنىڭ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلۇپ ئۆيىگە كېلىۋاپتۇ. ئۇ ئۆيىگە كىرىۋېتىپ، ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويغان بىر چېلەك سۇنى ئېھتىياتسىزلىقتىن تۆكۈۋېتىپتۇ. ئاپىسى: ‹‹سەن نېمانداق دۆت، شۇنچە يوغان چېلەككىمۇ پۇتلىشىپ كېتەمسەن؟›› دەپتۇ، ئاپىسىنىڭ ‹‹دۆت›› دېگەن بۇ سۆزى بالىغا بەكلا تەسىر قىپتۇ، ئەتىسى بالا مەكتەپكە بېرىپتۇ، دەرس ئارىلىقىدا ئوقۇتقۇچى بالىدىن سوئال سوراپتۇ، بالا جاۋاب بېرەلمەپتۇ. ئوقۇتقۇچىسى: ‹‹مۇشۇنداق ئاددىي سوئالغا جاۋاب بېرەلمەمسەن؟ كاللاڭنى ئىشلەتسەڭ بولمامدۇ، دۆت›› دەپ قاقشاپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن بالا دەرستىن، ئۆگىنىشتىن يالتىيىدىغان، ساۋاقداشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ.



بۇ گەرچە بىر ھېكايە ۋەقەلىكى بولسىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار ئەتراپىمىزدا ھېلىھەم مەۋجۇت. ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيلا ئېغىزىغا نېمە كەلسە دەۋېرىدىغان ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەتىراپىمىزدا يوق ئەمەس. بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنىڭ كۆپ قىسمى مەكتەپتە ياكى يەسلدە ئۆتىدۇ، ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن توختىماي ئەيىبلىنىش، يەكلىنىش، ھەتتا ھاقارەتلىنىش بالىلارنىڭ ساغلام، ئۈمىدۋار، روھلۇق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردىكى ئاكتىپ، ساغلام پىسخىكىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنى توغرا تونۇپ، بالىلارغا روھىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇق بېرىشى كېرەك.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-4 11:09:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەرچە بىر ھېكايە ۋەقەلىكى بولسىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار ئەتراپىمىزدا ھېلىھەم مەۋجۇت. ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيلا ئېغىزىغا نېمە كەلسە دەۋېرىدىغان ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەتىراپىمىزدا يوق ئەمەس. بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنىڭ كۆپ قىسمى مەكتەپتە ياكى يەسلدە ئۆتىدۇ، ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن توختىماي ئەيىبلىنىش، يەكلىنىش، ھەتتا ھاقارەتلىنىش بالىلارنىڭ ساغلام، ئۈمىدۋار، روھلۇق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردىكى ئاكتىپ، ساغلام پىسخىكىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنى توغرا تونۇپ، بالىلارغا روھىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇق بېرىشى كېرەك............ بەك توغرا ،دانا پىكىر بۇ
ۋاقتى: 2016-1-4 14:21:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايە قىسقا ۋە شۇنداق مەزمۇنلۇق كىشىنى ئويلاندۇرغۇدەك چىقىپتۇ ... دىمىسىمۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ، ئاتا- ئانىلار پەرزەنىتلىرىگە قارىتا  ھەربىر ئېيىتقاقچى بولغان گېپىدە دەڭسەپ دىگۈلۈك ... كىچىكلەرلا ئەمەس چوڭلارغىمۇ بۇنداق گەپلەر بەكلا تەسىر قىلىدۇ ... مېنىڭچە بۇنداقلا پەرزەنىت تەربىيلەش ۋە ئوقۇغۇچى تەربىيلەش لاياقىتىنى ھازىرلىمىغانلار دەپ قارايمەن ... تېمىڭىزغا تەشەككغر قېرىندىشىم ، مېنى بەكلا سۈيۈندۈردىڭىز ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش