| مۇۋەپپەقىيەت مېۋىسى قولىمىزدىلا ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
-------------------------------------------------------------------------------- دولقۇن تۇرسۇن
مۇۋەپپەقىيەت ھاياتلىقىمىزدىكى بىزگە كېرەكلىك بولغان ۋە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ماددىي، مەنىۋى ئېھتىياجلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ غەلىبە مېۋىسىگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىك ئۆزىمىزگە باغلىق ئەلۋەتتە.
ئەپسۇسكى، كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، تىرىشىشى، ئىزدىنىشى، تۇتقان يولى، باشقىلارنىڭ يېتەكلەش ئۇسۇللىرى قاتارلىق ھەر خىل ئوبيېكتىپ، سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئۇشبۇ تاتلىق مېۋىگە ئېغىز تېگەلەيدىغانلارمۇ، تېگەلمەيدىغانلارمۇ بار، بەزىلەر ‹‹قولى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق›› دېگەندەك، ئۆزىنىڭ تەييارلىقىنىڭ، ئىزدىنىشىنىڭ، بەدەل تۆلىشىنىڭ قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي ھەرخىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ۋاز كېچىشىمۇ مۇمكىن. يەنە بەزىلەر بولسا مېۋىنىڭ ياخشىسىنى ئۈزىمەن دەپ، كىچىكرەك بولسىمۇ كۆز ئالدىدىلا ساڭگىلاپ تۇرغان، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ھەم قولىنى بەكرەك سوزسىلا ئۈزەلەيدىغان مېۋىلەرنى ياراتماي، ئېگىز شاختىكىلىرىگە قولى يەتمەي، قولى يەتسىمۇ جۈرئىتى كەملىك تۈپەيلىدىن بەل قويۇۋېتىدىغان، كېيىن ئويلىسا ئۆزىنىڭ بەك چوڭىغا ئېسىلىۋالغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغانلىقى، ئەمما پۇشايمان قىلغان ۋاقىت ئۆزىنىڭ قولدىن بېرىپ قويغان، تولىمۇ كىچىككەن ۋاقتىغا توغرا كېلىشى، بەلكى، بۇنداق پۇرسەتلەر قايتا كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.
رېئاللىقتىكى بىز ئېرىشمەكچى بولغان مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىلىرىمۇ دەل مېۋە ئۈزگەنگە ئوخشايدۇ. پەقەت ئۇسۇل، نىشان، تىرىشچانلىق ئوخشاش بولمىغانلىقتىنلا بەزىلرىمىز مەغلۇپ بولىمىز، بەزىلرىمىز خۇشال كۈلىمىز، بەزىلرىمىز كۆز يېشى قىلىپ ئازابلىنىمىز. ئەڭ مۇھىمى، ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان شېرىن -ئارزۇ ئىستەكلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن خىيالىي تەسەۋۋۇرلار قاينىمىدا ئەللەيلىنىپ، چوڭ-چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىلا ئويلاپ، كۆز ئالدىمىزدىكى، مۇشۇ مىنۇتتىكى، تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە مۇناسىۋەتلەردىكى بىزگە ئەڭ كېرەك بولۇۋاتقان ئاددىي، كىچىك ئىشلاردىن نەتىجە يارىتىشتىن باشلاپ، ئۆزىمىزنى ئەمەلىيەت ئىچىدە تاۋلاشقا ئېرەنسىزلىك بىلەن قارايدىغانلىرىمىز خىيالىي دۇنيانىڭ نامسىز قۇرۇق سۆلەت قەھرىمانىلا بولۇپ قالىمىز خالاس.
چولپان بولالمىساقمۇ، يېڭى بىر كەشپىيات يارىتالمىساقمۇ، ئالاھىدە ماھارەتلىك ‹‹قالتىس ئادەم›› بولمىساقمۇ ھېچقىسى يوق. چۈنكى ھەممە ئادەم ئۇنداقمۇ بولالمايدۇ، ھەم ئۇنداق پۇرسەتكىمۇ ئىگە ئەمەس. پەقەت بىز ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشىپ، تۇرمۇشىمىزدىكى، خىزمىتىمىزدىكى بىز قىلىشقا تېگىشلىك، بىزگە خۇشاللىق، بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدىغان كىچىك تەرەپلەردىن قول سېلىشقا، ئىزدىنشكە ماھىر بولۇپ، ئۆگەنگەنلىرىمىز، بىلگەنلىرىمىزنى ئىشلىتىپ ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىپ، تۇرمۇشىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلىسەكلا ئەھمىيەتلىك ياشىغان بولىمىز. مانا بۇ بىز تەشەببۇس قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەت. مانا، بۇ قولىمىزنىڭ ئۇچىغىلا ئېلىنىشىپ تۇرغان مۇۋەپپەقىيەت مېۋىسى.
|
|