كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 1

ئۇستاز روھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇستاز  روھى

   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:  تەڭرىتاغ  ئۇيغۇرچە  تورى


--------------------------------------------------------------------------------
دولقۇن تۇرسۇن



بىز مەڭگۈ ئېيتىپ بولالمايدىغان شۇ قەدەر لېرىك ۋە تەسىرلىك بىر ناخشا بار، بىز ئۇنى كېچە-كۈندۈز يادلايمىز ۋە چىن يۈرىكىمىزدىن ئۈن –تۈنسىز ئوقۇيمىز.

    بىز بىر ئۆمۈر ئىچىپ –ئىچىپ قانمايدىغان شۇنداق تاتلىق ۋە پاكىز ئابى كەۋسەر بۇلاق سۈيى بار. بىز مەڭگۈ بۇ ئەزىز بۇلاق سۈيىگە تەشنا.

       بىز مەڭگۈ ئوقۇپ –ئوقۇپ قولىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەڭ ياخشى بىر كاتتا كىتاب بار. بىز ئۇنى ھەر دائىم يېنىمىزدا ئەتىۋارلاپ ساقلايمىىز.

    بىز مەڭگۈ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن توختىماي ئالدىغا قاراپ ماڭىدىغان پايانسىز كەڭرى پارلاق بىر يول بار. بۇ يول ئۈمىت، بەخت- سائادىتىمىزنى كائىناتقا، جەننەتكە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

      ئۇستاز-لېرىك ۋە تەسىرلىك ناخشا، بۇلاق سۈيى، ئەڭ ياخشى قىممەتلىك كىتاب. پارلاق يول، مۇھىم قورال. بىز مەڭگۈ ئۇستازدىن ئىبارەت مەنىۋىي ئوزۇق ئارقىلىقلا تەبىئەتتىن ئەركىن نەپەس ئېلىپ ياشىيالايمىز.

    ئۇستاز – ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياراتقۇچىلىرى، تىنمسىز تەر تۆكۈپ دۇنيانى ئىلىم مەرىپەت ئۇرۇقى بىلەن ياشنىتىپ گۈللەتكۈچىلىرى. ئۆزىنى بىزلەرگە، دۇنياغا شەخسىيەتسىز بېغىشلاشتىكى قەتئىي، ئۆچمەس قۇياش كەبىي پارلاق نۇردۇر.

    ئۇشبۇ روھ، جىسمىمىزنى كۈچ قۇۋۋەتكە تولدۇرۇپ تۇرىدۇ. روھىيىتىمىزنى مەنىۋىيەت بوستانلىقىدا قاناتلاندۇرىدۇ، قەلىب كۆزىمىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. ئىنساپ، دىيانەت، پاكلىق مەئىشەتلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ بىزگە ئالەمچە مېھر-ۋاپا، چەكسىز ساداقەت، مول ئىلىم –بىلىم دۇردانىلىرى ئاتا قىلىدۇ. مۇھىمى، ئۆزىمىزنى تونۇشىمىزنى، دۇنيانى تونۇشىمىزنى ھەقىقى ھېس قىلدۇرىدۇ. بىزگە ھەقىقىي ئادىمىيلىك سالاھىيەت بېرىدۇ.

    ھۆرمەتتىمەن ئەي قەدىردان ئۇستازىم. بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن. روھىڭ قەلىبلەرنى قەلىبلەرگە تۇتاشتۇرۇپ، دۇنياغا ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئىلىم مەرىپەت ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يارقىن جۇلاسىنى يەنىمۇ نامايەن قىلىپ، دۇنيا تىنىچلىقى، بەخت سائادىتى ئۈچۈن ئالەمچە مەنىۋىي كۈچ بەرسۇن. روھىڭ قالدۇرغان ئىزلاردىن پورەكلەپ قىزىل گۈللەر ئېچىلسۇن.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-18 19:50:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ پاساھەتلىك ئىبارىلەركەن ... تەشەككۈر ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش