| ھايا گۈزەللىك دەرىخىنىڭ بىر شېخى
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
-------------------------------------------------------------------------------- مۇھەممەدجان تىلىۋالدى، ئابدۇلىتىپ مامۇت
ھايا ئەخلاقسىز ۋە ئەيىب ئىش – ھەرىكەتلەر ئالدىدا خىجىل بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، دانالار ھايانىڭ ماھىيىتىنى ئەدەپ - ئەخلاققا خىلاپ ئىشلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدىغان، كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاق ۋە ھەقىقەتكە سەل قاراشتىن چەكلەيدىغان خىسلەت دەپ قارايدۇ. ھايالىق بولۇش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىزاندۇر. بىر ئادەمنىڭ مەنىۋى كامالىتىنىڭ قايسى پەللىگە كۆتۈرۈلگىنىنى ئۇنىڭ نېمىدىن نومۇس قىلىش ۋە نومۇس قىلماسلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھايا دىلنى روشەنلەشتۈرىدىغان نۇر، ئىنسان ھەر دائىم شۇ مەنىۋى نۇرغا موھتاجدۇر. ئەخلاق بۇيرىمىغان، كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىش، كىشىلەرنىڭ غۇرۇرىغا، ئىپپىتىگە تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىش چوڭ ھاياسىزلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىمىزدە ھايالىق بولۇشىمىز لازىم.
شەرم-ھايا بىر مىللەتنىڭ ئەڭگۈشتەرى. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك لىباس، ئۇ ھەرقانداق ئىنساندا بولۇشى كېرەك بولغان گۆھەر. گۈزەل ئەخلاق ۋە ھايا ھەر قانداق جەمئىيەت، ئائىلە، قولۇم - قوشنا ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلارئارا دوستلۇق، خاتىرجەملىك، مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ كاپالىتىدۇر.
ھايا خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق دەرىخىدىكى بىر شاخ بولۇپ، بۇ شاخقا مەھكەم ئېسىلغان كىشىنىڭ ھاياتى بەختىيار ۋە سائادەت ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئەتراپىدا مۇھەببەت گۈللىرى خۇشپۇراق چاچىدۇ. ئەگەر كىشىدە ھايا بولمىسا، كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئۇيالمىسا، ياخشى قائىدە-يوسۇنلار يوقىلىپ، ھەممە ئىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ، كىشىلەردە ئىشەنچ ۋە دىيانەت قالمايدۇ.
ھايا گۈزەللىك ۋە ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى. كىمكى ھايانى يوقىتىدىكەن، قەدىر-قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. قارا نىيەت، ھاياسىز ئادەم ھەر قانداق پەسكەشلىكنى قىلىۋېرىدۇ، ئىنساننىڭ بىر كەتكەن ئۇيات -نومۇسى قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھايا، نومۇسىنى جاندىن ئەزىز بىلىشى لازىم.
تارىختىن بۇيان چېھرىدىن ھايا، نومۇس تۇيغۇسى چىقىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز ‹‹ھايالىق كىشى-باھالىق كىشى››، ‹‹ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل››، ‹‹ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر››، ‹‹ ھاياسىز ئەلدە بەرىكەت بولماس ›› دېگەنگە ئوخشاش ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ، كىشىلەرنى ھايالىق بولۇشقا، شەرم - ھايانى يوقاتماسلىققا چاقىرىق قىلغان.
ھايا كىشىلەرنى يامان ئىشلاردىن ساقلاپ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇش، كىشىلەر ئارا مۇئامىلىدە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشتەك ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ. ھايا چۈمبىلى يىرتىلغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل غۇنچىسىدا كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق، ئۆكتەملىكتىن باشقا نەرسە تېپىلمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئۆز پەسكەشلىكى، ھاياسىزلىقى تۈپەيلى خار – زەبۇنلۇقتا ئۆتىدۇ.
ھايادىن ئىنسانغا تولۇق مەنپەئەت يېتىدۇ. ئۇ تەبىئىتى ۋە كۆڭلى پاك بولمىغان ھەر قانداق بىرىگە رام ۋە ئۈلپەت بولمايدۇ، ئۆزىگە ھەرگىز يېقىنلاشتۇرمايدۇ ۋە ئىلتىپات كۆرسەتمەيدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھايا ھەممە ئادەمگە، ھەممە ئىشقا يارىشىدۇ. ھايا ئىنسانىي كامىللىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇددى يىلتىزى بولمىغان دەرەخ، قوۋزىقى بولمىغان يۇمران شاخ تېزلا قۇرۇپ ئوتۇنغا ئايلانغاندەك، ئىنساندا ھايا بولمىسا قەدىر - قىممىتى يوقايدۇ. شۇڭا ھەممەيلەن ھايا كىيىمىنى سېلىپ تاشلىۋەتمەستىن، ئۇنىڭغا تېخىمۇ چىڭ يېپىشايلى.
|
|