| ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا يەشمە (4) جاۋ شيا 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا، مائارىپنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇش تەكىتلەندى. مەن يىغىن مەزمۇنىدىكى مائارىپ مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى گۇ گۇاڭخەينى زىيارەت قىلدىم.جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن قاراش كېرەك گۇ گۇاڭخەي مۇنداق دېدى: مائارىپنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدا تۇرۇپ، تۈپتىن ھەل قىلىشقا بولغان نىشانى ۋە ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك نىشانىغا يېتىشتە، ئادەمنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بۇ ئاخىرقى ھېسابتا مائارىپقا باغلىق بولىدۇ. 2010 – يىلىدىكى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تىرەك قىلىش››تىن ئىبارەت كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننى مائارىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش›› ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹مائارىپتا كۈچلۈك رايون قۇرۇش›› نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئىزچىل ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويدى. گۇ گۇاڭخەي مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويغانلىقى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاساسىي مائارىپ›› دېگەن ئىستراتېگىيەلىك قارىشىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى. شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ‹‹شاھماتنىڭ كۆزى››. جەنۇبىي شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم رايون، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى قىيىن نۇقتا رايونى. مائارىپنىڭ ئۇللۇق رولى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. گۇ گۇاڭخەي مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى چىڭ تۇتقانلىق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تۇتقىسىنى، ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىنى چىڭ تۇتقانلىق. جەنۇبىي شىنجاڭدا مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتا پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللىنىپ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ سىياسەت. شۇنداقلا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى. بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مائارىپنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە تىرەكلىك رولىغا تايىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا مائارىپقا تايىنىپ پۇختا ئاممىۋى ئاساس ۋە ئىجتىمائىي ئاساس سېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت يېڭى كەيپىياتى يارىتىشتا مائارىپنى تۇتقا قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدە مائارىپ ئارقىلىق تەرەققىيات سۇپىسى قۇرۇشقا تېخىمۇ تايىنىش كېرەك. گۇ گۇاڭخەي مۇنداق دېدى: مائارىپقا شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇسى يۈكلەنگەن. جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىدىكى قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىشقا ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئارقىلىق دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپنى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹بىر يىل بالدۇر ھەل قىلىنسا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشىدۇ›› دەيدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى بىلەن تۈرلۈك شەكىلدىكى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش يوللىرىنى كېڭەيتىش، شىنجاڭ ئىچىدە تەربىيەلەشنى قوللاش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش كېرەك. گۇ گۇاڭخەي ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ، مائارىپنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپقا ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماي، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ساھەسىدە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تارىخى، تەبىئىي، ئىجتىمائىي شارائىتى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتتىكى ئامىلنىڭ تەسىرىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئاساسى ئاجىز بولۇپ قالغان، مەسىلىلەر مەركەزلەشكەن، ئالاھىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان ‹‹قوش تىل مائارىپى، شۇنداقلا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى›› مەسىلىسىگە مەركەزلىشىشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، ‹‹بىر يىل بالدۇر ھەل قىلىنسا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشىدۇ›› دەيدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشتە، تۈركۈم – تۈركۈم ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. گۇ گۇاڭخەي مۇنداق دېدى: دۆلەتتە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تىل – يېزىقنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ھەم ھوقۇق، ھەم مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا ئېھتىياج. قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، باردى – كەلدى قىلىش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى كىشىلىك ھاياتقا ئىگە قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى قوش تىل ئۆگىنىشنىڭ چىڭ قائىدە ئىكەنلىكىنى، كېيىنرەك ئۆگەنگەندىن بالدۇرراق ئۆگەنگەننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇقلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر قەتئىي ئىرادە، يېتەرلىك سەۋرچانلىق بىلەن مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە تىل ئۆگىنىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پائال، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مائارىپ سۈپىتىدىكى يادرولۇق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك گۇ گۇاڭخەي مۇنداق دېدى: مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق، قوش تىل مائارىپىنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇشتا، ئاچقۇچ ئوقۇتقۇچىلاردا. ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بولمىسا، ياخشى مائارىپمۇ بولمايدۇ، ئوخشاشلا ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بولمىسا، ياخشى قوش تىل مائارىپىمۇ بولمايدۇ. سۈپەت مائارىپنىڭ جان تومۇرى. مائارىپ سۈپىتىنىڭ ياخشى – ناچار بولۇشى ئاتا – ئانىلار، جەمئىيەتنىڭ مائارىپ سۈپىتىگە بەرگەن باھاسى مائارىپنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرغان – قىلدۇرمىغانلىقىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا مائارىپ سۈپىتىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلە تۇتقا قىلىنىپ، ‹‹ئاساس مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ئىقتدارىنى كۈچەيتىش كېرەك››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يادرو قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆستۈرۈش تەرەققىيات قارىشىنى گەۋدىلەندۈردى. گۇ گۇاڭخەي شەرھلەپ مۇنداق دېدى: مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىسلاھاتى، مائارىپ بايلىقى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ۋە كەسپىي سەۋىيەسى مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنىڭ ۋە مەكتەپنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشانىغا يېتىشىنىڭ مۇھىم ھالقىسى. گۇ گۇاڭخەي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ‹‹بەشنى تونۇش›› قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكلەردىن سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ‹‹مائارىپنى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇش كېرەك›› دېگەن ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئومۇمىي سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلسە، مائارىپنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىدىكى ئۇللۇق، ئالدىن يېتەكلەش ۋە ئومۇمىيلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
|
|