| مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق باشلاندى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان تەڭرىتاغدا ئۇچرىشىپ، قۇياش نۇرىغا چۆمگەن يىپەك يولىدا تېز ئىلگىرىلەيلى ليۇ يەندۇڭ مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، جاڭ چۈنشيەن تەبرىك سۆزى قىلدى ليۇ پېڭ باشلىنىش سۆزى قىلدى، شۆھرەت زاكىر باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ياۋ تۇڭ، جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: «ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغدا جۇلالاندى قار - مۇز، كىيدى ھەممە جاي كۈمۈشتەك لىباس». تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى، ئۈرۈمچى يۇقىرىقى تاغقا جايلاشقان قار لەيلىسى شەكلىدىكى شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۈگۈن بۇ جايدا داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇ، دۆلىتىمىز 2022 - يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۇنجى مەملىكەتلىك قار - مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى بولۇپ، مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن چىقىپ، شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى! ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن تەبرىك سۆزى قىلدى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ باشلىنىش سۆزى قىلدى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. چېگرا شەھەردە قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەپ، ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىنىڭ كېچىدىكى چىراغ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن چىراغ نۇرى قوشۇلۇپ، مەرۋايىتتەك چاقناپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار - مۇز مەنزىرىسىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشقانىدى. تېز تېيىلىش سارىيىدىكى چىراغلار يوپيورۇق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى − مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16 دە، تەنھەرىكەتچىلەر مارشى ياڭراپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق، مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ۋە مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بايرىقىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، مەملىكەت بويىچە 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن كەلگەن 52 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىردى. ئالدىمىزدىكى 11 كۈندە 3188 تەنھەرىكەتچى ئۈرۈمچى ۋە فۇكاڭدىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە رايونىدىكى مەيدانلاردا ماھارەت كۆرسىتىپ، مۇز ئۈستى تۈرى، قار ئۈستى تۈرى، قىشلىق ئىككى تۈر، مۇز چەينەك، مۇز توپ قاتارلىق بەش چوڭ تۈر، 11 تارماق تۈر بويىچە 97 ئالتۇن مېدالنى تالىشىدۇ. بۇ، مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ زور بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقە. شىنجاڭ ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن 226 تەنھەرىكەتچىنى بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ، توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە ۋاكالىتەن بارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتنىشىپ، تېز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ تېيىلىش، ئەركىن چاڭغا تېيىلىش، U شەكىللىك مەيداندا ۋە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش ھەم قىشلىق ئىككى تۈر، دالىدا چاڭغا تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئالتۇن مېدالنى تالىشىدۇ. بۇ يەنە شىنجاڭنىڭ مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە. مەيدانغا كىرگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، تاماشىبىنلارغا كۈلۈمسىرەپ قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى: نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئالقىش ياڭرىتىپ، تەنتەنە بىلەن ئۇلارنىڭ مەيدانغا كىرگەنلىكىنى قارشى ئالدى. بارلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق ئاستا - ئاستا يۇقىرى ئۆرلىدى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار دۆلەت شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇدى، جاراڭلىق دۆلەت شېئىرى نەق مەيداندا ياڭرىدى. جاڭ چۈنشيەن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىنىڭ باشلىنىش يىلىدا، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش پەيتىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاكالىتەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە مېھمانلار، بارلىق تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپېر، پىدائىيلار ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ گۈزەل ماكان، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى تەنتەربىيە چوڭ رايونى بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئەزەلدىن تەنتەربىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. شىنجاڭ ئۆزگىچە قار - مۇز بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى تۈرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز «يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مول خاسلىققا ئىگە» تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئاساسىي مەقسىتى بويىچە مۇسابىقە ئىشلىرىنى ئىنچىكە تەشكىللەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تىرىشىپ «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكەن، ئىناق، بىخەتەر، قالتىس، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» قار - مۇز تەنھەرىكىتى كاتتا مەرىكىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىدە سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، ياخشى نەتىجە يارىتىشىنى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن! ليۇ پېڭ باشلىنىش سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شەرقىي شىمالدا ئۆتكۈزۈلمەي، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى «جەنۇبتا قانات يايدۇرۇش، غەربكە كېڭەيتىش» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم باسقۇچ. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ئېلىمىز قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ ۋە سىناپ، 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ خىزمەتلىرىنى پىلانلاپ ۋە مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ، قار - مۇز مەدەنىيىتى يېتىشتۈرۈپ، قار - مۇز كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، 300 مىليون كىشىنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق خادىملارنىڭ جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى ۋە ئولىمپىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ، بەلگىلىمىگە بويسۇنۇپ، باراۋەر رىقابەتلىشىپ، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك جەھەتتە قوش ھوسۇل ئېلىپ، 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م گە بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى چېنىقتۇرۇش ۋە يېتىشتۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ليۇ يەندۇڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىدى. مەيداننى ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالىرى قاپلىدى، تاماشىبىنلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. «كېلىڭلار، قار - مۇزلاردىن، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلاردىن ھالقىپ كېلىڭلار، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشقان مەدەنىيەت ئوتى ئەزەلدىن ئۆچۈپ باقمىغان...» مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ناخشىسى «قار - مۇزلاردىن ھالقىش» ياڭرىغاندا، مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بايرىقى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ئاستا - ئاستا يۇقىرى ئۆرلىدى. رەخىمباي تالابقان، شۈ جاۋشياۋ، چيۇ جاۋيى قاتارلىق تەنھەرىكەتچىلەر تىرېنېر، رېپېرلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى. سەھنە تەڭرىتاغنىڭ قارلىق چوققىسى شەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىنىڭ نەپىسلىكىگە رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى قوشۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تېخىمۇ نامايان قىلغانىدى. ناغرا ساداسى بىلەن ئالقىش سادالىرى ئەۋجىگە چىقىپ، مۇز چوققىنى لەرزىگە سالدى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى − قار لەيلىسى قونچىقى سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بېيجىڭ، جاڭجياكۇ، سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي شىمالدىكى قارلىق دالا ئارقىلىق شاڭخەي، شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىپ، ئاندىن قەدىمىي شەھەر شىئەندىن تەڭرىتاغنىڭ مەركىزىي رايونىغا قايتىپ، مۇسابىقە مەيدانىغا چۈشتى. ئارقىدىنلا، بىر پارچە رەسىم ئاستا - ئاستا ئېچىلىپ، «قار - مۇز بىلەن قاپلانغان تەڭرىتاغ، قۇياش نۇرىغا چۆمگەن يىپەك يولى» ئاساسىي تېمىسىدىكى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە نومۇرلىرى باشلاندى. مۇقەددىمە «قار - مۇزلاردىن ھالقىش» ئالتاينىڭ قەدىمكى چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكىتى بىلەن باشلىنىپ، تاماشىبىنلارنى ئىنسانلار چاڭغا تېيىلىشنى باشلىغان چاغلارغا ئېلىپ كەلدى، مۇزىكا ۋە چىراغ نۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ۋاقىت يەنە زامانىۋى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قايتتى؛ «قار - مۇز رىشتى»، «تەڭرىتاغ مۇھەببىتى»، «جۇڭگو ئارزۇسى»دىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇندا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتى، ئاممىۋى تەنھەرىكىتى، مىللىي سەنئىتى بىلەن قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلدى؛ ئاخىرىدا داڭلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس، ۋاڭ خۇڭۋېي ئورۇنلىغان «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن يىپەك يولى» دېگەن ناخشا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. مەدەنىيەت - تەنتەربىيە نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنى بىر مەيدان قار - مۇز سەنئىتى كاتتا مەرىكىسىدىن ھۇزۇرلاندۇردى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تاماشىبىنلارغا ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە جانلىق شىنجاڭنى نامايان قىلدى. تاماشىبىنلار ھاياجان ئىلكىدە قوللىرىدىكى رەڭلىك نۇر تايىقىنى پۇلاڭلىتىپ، سانسىزلىغان يۇلتۇزدەك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەنىدى. بەش ئاي جەريانىدا 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى ئالاقە تورى ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدىكى 13 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىغا يەتكۈزۈلدى، 7 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يەتكۈزۈشكە ئاكتىپ قاتناشتى، ئۇلار يول بويى ئارزۇنى يەتكۈزۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالاقە تورى دەۋرىنىڭ يېڭى نۇرىنى چاچتى. 12 مەشئەل يەتكۈزگۈچى مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەنتەربىيە سارىيىدا ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشتى. شىنجاڭدا تۇنجى ئولىمپىك مېدالىغا ئېرىشكەن ساھىل ۋالىبولى ماھىرى ۋاڭ جيې، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس چېمپىيونى ئابدۇشۈكۈر مىجىت، ئۇدا 11 يىل مەملىكەتلىك 1500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقە تۈرىنىڭ چېمپىيونى ۋە ئومۇمىي ماھارەت چېمپىيونى ليۇ لۇڭفېي، شىنجاڭ ماھىرلىرىدىن مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار ئۈستى مۇسابىقە تۈرىدە بىردىنبىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ئېلزات مىجىت، مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جۇدوچە چېلىشىش چېمپىيونى يەن زى، مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول چېمپىيون كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئېرپان ھېزىمجان، دۇنيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرى مېدالىغا ئېرىشكەن ماھىر نۇرمەمەت تۇراق، ساھىل ۋالىبولى تۈرى بويىچە يېشى ئەڭ كىچىك دۇنيا چېمپىيونى شيا شىڭيى، مەملىكىتىمىزنىڭ چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى ماھىر ليۇ لىنا، 2 - نۆۋەتلىك ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بايراقچى ۋاسكىتبول ماھىرى دىلارە دىلشات، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس چېمپىيونى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، تەپمە فوكۇس دۇنيا چېمپىيونى لى جاۋيى... ئىلگىرى شىنجاڭ ئۈچۈن شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن داڭلىق ماھىرلار سەپ بولۇپ، مۇقەددەس ئوتنى كۆتۈرگىنىچە ئاستا يۈگۈردى، مەيداندىكى تاماشىبىنلار گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭراتتى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى تۇتاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئېگىز بوشلۇققا پولات سىم تارتىلغان بولۇپ، ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزگۈچى، ئىلگىرى - كېيىن يەتتە تۈردە جىننىس دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەم ياراتقان، ئۇدا بەش نۆۋەت مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دارۋازلىق ئويۇنى كۆرسىتىش بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئادىل ھوشۇر مەشئەلنى قولىغا ئېلىپ، پولات سىمدا مېڭىپ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەۋاتقان جايغا كەلدى. ئۇ پىلىكنى تۇتاشتۇرۇشى بىلەن قار ئۇچقۇنلىرى دەرھال ئېرىپ، ئوت نۇرى چاقناۋاتقان خەنزۇچە «冬» (قىش) خەت شەكلىدىكى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گېربىگە ئايلىنىپ، قار لەيلىسى شەكلىدىكى ئاساسلىق مەشئەل مۇنارى تۇتاشتۇرۇلدى، مۇقەددەس ئوت لاۋۇلداپ كۆيدى، شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىنىڭ ئۈستىنى قىپقىزىل نۇر قاپلىدى. بۇ چاغدا، پۈتۈن مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، شادىيانە مۇزىكا، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى 20 - يانۋاردىن 30 - يانۋارغىچە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نۇر چېچىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ماھىرلىرىنى ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يۈرۈش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ليۇ يەندۇڭ، جاڭ چۈنشيەن قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، مۇسابىقىنى كۆردى، تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپېر، پىدائىي، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ۋە تاراتقۇلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىككە چاغانلىق بەخت تىلىدى. ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىمىز 2022 - يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك قار - مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن چىقىپ غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ساغلام جۇڭگو بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ماھارەت مۇسابىقىسى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەتىجە ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئېلىپ، 2022 - يىللىق قىشلىق ئو ت م ئۈچۈن تېخنىكا جەھەتتىن چېنىقىپ، تەجرىبە توپلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ كۆپچىلىكنى قار - مۇز مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى، ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى بەس - بەستە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، 300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا باشلامچىلىق قىلىش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن مۇسابىقىنى يېشىل، تەڭ بەھرىلىنىدىغان، ئوچۇق، پاك ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسى بويىچە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ئىشلەپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قالتىس، مۇۋەپپەقىيەتلىك، خۇشال - خۇرام، تىنچ، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ شياۋجۈەن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ياڭ شۇئەن، فېڭ جيەنجۇڭ، گاۋ جىدەن، لى يىڭچۈەن، مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە تەرەپلەر رەھبەرلىرىدىن جاڭ جيەندۇڭ، لى پۇشيۇ، زۇ شياۋپىڭ، ئاۋسترىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېرېنې، شياڭگاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى خو جېنتىڭ، ئاۋمېن تەنتەربىيە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دەي زۇيى قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
|
|