| بىر دېھقان كالىسنى ساتماقچى بۇلۇپ بازارغا ئەچىقىپتۇ ، كۆڭلىدە 4 مىڭ سومغا ساتماقچى بوپتۇ . بىراق كىشلەر قويغان ئەڭ يۇقىرى باھا 3 مىڭ سومدىن ئاشماپتۇ . دېھقان كالىسنى بازاردا بىر كۈن تۇتۇپ تۇرۇپمۇ ساتالماي ئۆيگە قايىتماقچى بۇلۇپ تۇرسا بىر ئاغىنىسى ئۇچراپتۇ ۋە ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يۈر مېنىڭ بازىرى كاسات مالنى بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندۇردىغان ئامالىم بار دەپ كالىنى يېتىلەپ ئادەملەر توپلاشقان بىر يەرگە ئەكىلىپ ، بۇ قاۋۇل ، ياش ھەم بېجىرىم ئىنەكنى كىم سېتىۋالىدۇ . ئۇنىڭ بوغاز بولغىنىغا ئۈچ ئاي بولدى . كىم بۇ ئىنەكنى سېتىۋالسا قورسىقىدىكى موزاينى بىكارغا قۇشۇپ بېرىمەن دەپ توۋلاپتىكەن ئادەملەر ئولۇشۇپ تالاش-تارتىش ئىچىدە بىردەمدىلا 6 مىڭ سومغا سېتىلىپتۇ . دېھقان كالىسنى ئويلىغىندىن يۇقىرى باھادا ساتقىنىغا خوشال بۇلۇپ ئۆيىگە قايتىپتۇ . ئۆيىگە كېلىپ قارىسا ئولتۇرۇپ قالغان قىزىغا ئەلچى كەلگەن بۇلۇپ ، ئايالى ئەلچىلەرگە قىزىنى ماختاۋاتقانىكەن ، دېھقان ئايالىغا ئاغزىڭنى يۇم ، مەن بازىرى كاسات مالنى بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندۇردىغان ئامالنى ئۆگىنىپ كەلدىم دەپ ، ئەمدى مېھمانلار قىزىم قاۋۇل ، ياش ھەم بېجرىم ، ئۇنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا ئۈچ ئاي بولدى . ئەگەر بىز بىلەن قۇدىلاشساڭلار قىزىمنىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنى بىكارغا قۇشۇپ بېرىمىز دەپتىكەن ئەلچىلەر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن ئالدى -كەينىگە قارىماي كېتىپ قاپتۇ .
ئابدۇل تۆمۈر يول ئىدارىسىگە كىرىپ ، تۆمۈر يولدا ئاچال باشقۇرغۇچى بۇلۇش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىپتۇ . ئىمتىھان ئالغۇچى : - --بىر پويىز كىلۋاتىدۇ ، تېزلىكى 120كىلومېتىر ، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە يەنە بىر پويىز 140 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن كېلىۋاتىدۇ ،لېكىن تۆمۈر يول ئاچىلى تاقاق ، سەن ئاچالچى ، ئۇنداقتا سەن دەرھال نېمە قىلىسەن ؟ ئابدۇل :- --دەرھال ئۆي تەرەپكە يۈگرەپ پاتىمەنى چاقىرىمەن . ئىمتىھان ئالغۇچى ھەيران بولغان ھالدا :--- نېمە ئۈچۈن ؟ ئابدۇل :--- پويىزنىڭ بىر- بىرىگە ئۇرۇلغانلىقىنى پاتىمەمۇ كۆرسۇن ----دېگۈدەك . ئەسكى - تۈسكى يىغىدىغان بىر بوۋاي ئەخلەت تۇڭلىرىدىن قۇتا تېرىۋاتسا ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن بىر ئايال دېرىزە ئېيتىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئەخلەت تۇڭىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپ كېتىپتۇ ، بۇنى كۆرگەن بوۋاي : - مۇشۇ شەھەرلىكلەرنىزە نىمە دىگەن ئىسرپخور ھە ! بىر چىرايلىق ئايالكەن ، يەنە ئون يىل ئۆي تۇتۇپ ئاندىن تاشلىۋەتسە بولمامدۇ - دېگۈدەك ...
بىر شوپۇر ماشنا ھەيدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئوسۇرغىسى كېلىپ كېتىپتۇ ، يەل قوياي دېسە ماشىنىدا ئادەم كۆپ ، شۇنىڭ بىلەن لابانى بېسىپ شۇنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ يەل قۇيۇپ ، ئىچىنى بوشىتىۋاپتۇ ، بىر ئازدىن كېيىن يەنە شۇنداق قىپتۇ ، مېڭىۋېرىپ يەنە يەل قويغۇسى كېلىپ لابانى باساي دېيىشىگە ئارقىدا ئولتۇرغان بىر موماي ، بالام شۇ نەرسەڭنى بىر باسمىغىنە ماشىننىڭ ئىچى بەك سېسىپ كېتىدىكەن دېگۈدەك ........
بىر ساراڭلار دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى .... دوختۇرخانىدىكى بىمارلارنى سىناش ئۈچۈن تامغا ئاممىۋى ئاپتۇبۇسنىڭ رەسىمىنى سىزىپ مەن سىلەرنى باغچىغا ئاپىرىمەن تېز ماشنىغا چىقىڭلار دېسە ھەممىسى تام تەرەپكە قاراپ يۈگرەپ تامغا ئۈسۈپتۇ ، ئىككى ساراڭ جايىدا مىدىرلىماي تۇرۇپتىكەن ، باشلىق ئۇ ئىككىسنى ساقايغان ئوخشايدۇ دەپ خوشال بۇلۇپ سىلە نىمىشقا چىقمايسىلە دېسە ئۇ ئىككىسى ماشىندا ئادەم بەك جىقكەن ، بىز تاكسى تۇسۇپ بارىمىز دەپتۇ ...........
بىر ھامىلدار ئايال دوختۇرخانىغا ھامىلە تەكشۈرتكىلى كىرىپتۇ، پىراكتىكانىت بىر دوختۇر ئۇنى تەكشۈرگەندىن كېيىن: -ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ، سىز ئىككى بېشى، تۆت پۇتى، تۆت قۇلى بار غەلىتە ھامىلىگە ھامىلدار بولۇپ قاپسىز... - بۇنى ئاڭلىغان ھامىلدار ئايال ھوشىدىن كېتىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ھامىلدار ئايال ھوشىدىن كېتىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ تۇرغان بىر پىشقەدەم دوختۇر ھېلىقى پىراكتىكانتنىڭ كۆتىگە بىرنى تېپىپ: -ھارامزادە! نېمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن؟ ئۇ دېگەن قوشكېزەك!....
|
|