| جياڭشىدا ئوقۇتقۇچى، دوختۇرلارنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئىلھاملاندۇرۇلدى
«دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى»دىن «خەلق باشقۇرۇشى»غا ئالمىشىشدا توسالغۇ تەسىس قىلىنمايدۇ
بۇ يىلدىن باشلاپ، جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، داۋالاش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولغان ئالمىشىشقا چەكلىمە قويۇلمايدۇ، مۇناسىپ ئىقتىساسلىقلار ئالمىشىش تۈزۈلمە - مېخانزمىدىكى توسالغۇلار بىكار قىلىنىدۇ.
جېجياڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، ئۆلكىلىك سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت نازارىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «دۆلەت باشقۇرۇشى ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، داۋالاش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، 2016-يىلىدىن باشلاپ شىتاتى بار بولغان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرخانىلاردىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىپ ياكى توختىتىپ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدىغانلىقى، داۋاملىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى تاللىسىمۇ ياكى كارخانا خادىملىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى تاللىسىمۇ بولىدىغانلىقى، خادىم تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ خادىملارنىڭ ئالمىشىشىنى چەكلەشكە بولمايدىغانلىقى (خادىم ئىشلىتىش توختامىدىن باشقا كېلىشىم بار بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا) بەلگىلەندى.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، داۋالاش ئورگانلىرىدىكى ئەسلىدە دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانىلار شىتاتىدىكى خادىملار ئەگەر قايتىدىن دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانىلارغا قايتىپ بارماقچى بولسا، ئوخشاش دەرىجىدىكى مائارىپ، سەھىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئادەم كۈچى، ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بىۋاستە تەكشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.
|
|