| تېل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ھازىرلاشقا تېگلىششلىك ساپالار: تېل-ئەدەبىيات دەرسلىكى قىزىقارلىق ،جانلىق ،ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۇك پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ،باشقا پەنلەرگەقارىغاندائۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.تېل-ئەدەبىيات دەرىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ،ئىجادچانلىقىنى قوزغاش مۇھىم رول ئويىنايدۇ،ئىجادچانلىق ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ يېتىلىدۇ،بالىلىق دەۋىردە ئادەمنىڭ زىېھنى ئوچۇق،شەيىئلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولىدۇ.مېنىڭچە تېل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى تۆۋەندىكىدەك ساپالارنى ھازىرلىغاندا ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ياخىشى يېتەكلىيەلەيدۇ. 1.ئۇنىۋىرىسال ساپاسى يوقىرى،نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدە نوقۇل ھالىدا كەسپى بىلىم بولۇشلا كۇپايە قىلىمايدۇ.ئوقۇتقۇچىدا بۇنىڭىدىن باشقا يەنە ئوقۇتۇش مىتۇدى،بەدىئى دىت ۋە مۇل ئۇنىۋىرسال كەسپى ماھارەت ھازىرلىنىشى كېرەك. 2.تېل-ئادەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىكنى ئەستايدىل ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىشى كېرەك.يېڭى دەرسلىك ئسلاھاتى يولغا قويۇلغىلى خېلى كۆپ يىللار بولغان بولسمۇ،لىكىن بىرقىسم تېل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېخى تولۇق تونۇپ يېتەلمەي،مەقىسەتسز،نىشانىسز ھالەتتە دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ.شۇڭا،تېل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس ئۆلچىمىگە قارىتا چوڭقۇر ھەم ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسل قىلىپ،ئۈزلۈكىسز ئۆگىنىش،تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى،مۇھىمى دەرس تەييارلىغاندا ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ دەرس ئۆلچىمى بىلەن بىردەك بولۇشغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 3.بەلگىلىك تېل قابىلىيىتى ۋە نوتۇق ئىقىتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.تېل-ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇش،سۆزلەش،يېزىش،تەھىلل قىلىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشىنى ئاساسى نىشان قىلىدىغان بولغاچقا ،ئوقۇتقۇچىنىڭ تېلى ۋە تەلەپپۇزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلىغا ۋە تەلەپپۇزىغا ،شۇنداقلا ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى مېغىزلىق،راۋان،ئېنىق ،چۈشىنىشلىك سۆزلەش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. 4.تېل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى كوللىكىتىپ پائالىيەتلەرگە ئويۇشتۇرۇپ،ئۇلارنى شەيىئىلەرنى كۆزىتىش،تەھىلل قىلىش،پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشىكە،ئەركىن پىكىر قىلىش ئىقتىدار ۋە مەسسلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلاپ،توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارنى يېتىلىدۇرۇشكە يېتەكلىشى لازىم: 5.تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا نىسبەتەن ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسل قىلىشى كېرەك.يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلاردا ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئىجادىي تەپەككۇر يېتىلدۇرۇش ،شۇنداقلا ئۇلارغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان.شۇڭا ،تېل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش ئىدىيەسى،ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ،ئۆزىدە يېڭىچە مائارىپ قارىشى تۇرغۇزۇشى كېرەك. 6.ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىدە ساغلام پىسخك ساپا يېتىلدۇرۇشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىمۇباشقا كىشلەرگە ئوخىشاشلا بەزىدە بىرقىسىم ئوڭۇشىسزلىق،ئاۋارىچىلىق،كۆڭۈلىسزلىكلەرگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلاركەيىپياتنى خىزمەتكە ئارىلاشتۇرسا ،تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇشنىڭ نۇرمال ئېلىپ بىرىلشىغا تەسىر يېتىدۇ،شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنى كونىترول قىلالايدىغان ۋە كەيىپىياتنى تەڭشەپ تۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئاپتۇرى:پەيزاۋات ناھېيە شاپتۇل يېزا تىم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى روزىگۇل ئوبۇل |
|