| ئوقۇغۇچىلارياقتۇرىدىغان سىنىپ مۇدىرى بولۇش ئۈچۈن ئون نەچچە يىلىدىن بۇيان سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتمەن،مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلار ياقتۇردىغان مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى بولۇشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغادىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى،سىنىپ مۇدىرى ئۈلگىلىك رولنى جارى قىلىدۇرۇشى كېرەك.سىنىپ مۇدىرى ھەرۋاقىت سۆزھەرىكىتنىڭ ئۈلگىلىك رولىغا دىققەت قىلىشى،ئۆزى ئۈلگە بولۇپ،باشلامچلىق بىلەن ئىشلىشى كېرەك. (1)سىنىپ مۇدىرى مەيلى سىنىپ خىزمىتىدە بولسۇن ياكى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە بولسۇن ئەستايدىل بولۇشى،نام-مەنپەئەت قوغلاشىماسلىقى ،قائىدە-تۈزۈمگە بويسۇنۇشى،ئوقۇغۇچىلارنى قالايىمقان جازالىماسلىقى،سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولۇشى،ئوقۇغۇچىلاردا ياخىشى تەسىر قالدۇرۇشى،باراۋەر بولغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسۋتىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئېشەنچىسگە ئېرشىشىى لازىم. (2)ئقۇغۇچىلارغاقىزغىن مۇئامىلدە بولۇش لازىم.ئوقۇغۇچىلارنى سۆز بىلەن قايىل قىلىپ،ھەرىكىتى بىلەن تەسىرلەندۇرۇپ،كۆپىرەك ئىلھاملاندۇرۇپ ۋەيېتەكلەپ،ئازراق تەنقىدلەپ،دۇستانە سوھبەتلىشىپ،ئاكىتىپلىقنى جارى قىلدۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. (3)ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئۆزنىڭ قابىلىيەت –ئىقتدارنى نامايەن قىلىش لازىم.ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭلاپ،ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىپلا قالماي قانداق ئادەم بولۇشىنى ئۆگىتپ ،ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىش ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۇرۇش لازىم. ئىككىنىچى،ئوقۇغۇچىلارنى ماھىرلىق بىلەن باشقۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقنى قوزغاش لازىم. (1)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتۇقىچلىقىلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ،ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قۇزغاش لازىم. (2)مول مەزمۇنلۇق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ،سىنىپ يىغىنىنى جانلاندۇرۇپ،سىنىپ يىغىنىنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم. (3)سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بېكىتىپ،سىنىپ باشقۇرۇشقا نۆۋەتلىشىپ قاتىنىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىغا قاراپ ۋەزىپىگە قويۇپ،ھەربىرئوقۇغۇچىنى سىنىپ ئېشلىرىغا قاتناشتۇرۇپ،باشقلارنى چۈشىندىغان،قوللايدىغان،ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەش لازىم. (4)تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ،قائىدە بويىچە ئش كۆرۇپ،ھەربىر ئوقۇغۇچىدا تۈزۈم ئارقىلىق ئۆزىنى كونترول قىلىدىغان،مۇكاپات ۋە جازانى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدىغان ئادەتنى يېتلىدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى،ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ،گەپ-سۆز،ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىش كېرەك،سىنىپ مۇدىرىنىڭ تىل بايلىقى قانچە مول،جانلىق بولسا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىركۈچى شۇنچە زور بولىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرلىرى: (1)ئاممىباپ تىلدا سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. (2)تىلى جانىلق،ئوبرازلىق بولۇشى كېرەك. (3)تىلى يۇمۇرستىك ۋە ئىلھاملاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. تۆتىنچى،سەمىمىي بولۇشى،باراۋەرلىك ئىدىيەسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.ھەربىرئوقۇغۇچىلار خۇددى مايىسغا ئوخىشاش ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلدىغان مۇھىتىقا ئېھتىياجلىق.بىز‹‹باراۋەر بولۇش››دىگەن سۆزنى ئېسمىزدە چىڭ تۇتۇپ،ئوقۇغۇچىلار قانداق خاتالىق ئۆتكۇزۈشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا شكايەت قىلىدىغان،مۇنازىرە قىلىدىغان پۇرسەت بېرىپ،قالايمىقان ۋارقىراپ-جارقىرايدىغان ئەھۋاللاردىن سىاقلىنىپ،ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئەۋەزەل شارائىت يارتىپ بېرىشمىز كېرەك.
|
|