كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 4

ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتلىىشى ئۈچۈن،ئوقۇتقۇچىلار قەرەرلىك ھالدا ئائىلە سۆھىبىتى ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە ھەرمەۋسۇمدا بىرقىتىم ئاتا-ئانىلار سۆھىبەت يىغىنى ئېچىلىدۇ.ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار سۆھىبەت يىغىنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېچلىشى ئۈچۈن نېملەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1.ئوقۇتقۇچىلار ۋاقىت چىقىرىپ باغاقچە يېزىپ ئاتا-ئانىلارنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك.بۇنىڭ ئۈنۈمى ئوقۇغۇچىلار ئاغىزاكى ئوقتۇرغاندىن كۆپ يوقىرى بولىدۇ.
2.ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلاربىلەن كۆرۇشكەندە ئىللىق،سىپايە بولۇشى كېرەك.كەمتەرلىك بىلەن ئەھۋاللىشىشى،ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئەستە ساقلىشى،ياخىشى تەسىر بېرىشى كېرەك.
3.ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھىبەتلەشكەندە بالىلىرىنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئۇلارغا بىۋاستە دىمەسلىك كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيب-نۇقىسانلىرىنى سىلقلاشتۇرۇپ ئېيتىش بىلەن بىرۋاقىتىتا ئارتۇقچىلىقىنمۇ بەلگىلىك دەرىجدە ئەسكەرتىپ ،ئاتا-ئانىلاردا ئۆزىگە ۋە مەكتەپكە نىسبەتەن ئىشەنچ،ئۈمىد پەيدا قىلىشى كېرەك.
4.سۆھىبەت يىغىنىنىڭ ۋاقىتى قىسقا،مەزمۇنى مول بولۇشى كېرەك.ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا تەربىيەنىڭ مەكتەپتەمۇئەللىمىدىن ئەمەس،ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەربىيەچى ئىكەنلىكنى ھېس قىلىدۇرۇش كېرەك.
5.ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنىتى بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرۇشى ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش توغرسىدا تەكلىپ بېرش كېرەك.‹‹بالابىلەن سراشىمغان ئاندا مېھىريوق،ئانا بىلەن مۇڭداشمىغان بالىدا ۋاپا يوق››دىگەن سۆز بار،ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ،سىردىشىپ تۇرۇشى،زۆرۇربولغاندا بالىلىرىغا دوست بولالايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنىت تەربىيەسى توغرسىسدىكى كىتابلارنى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇشنى تەۋىسيە قىلىشى كېرەك.
6.ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنىتىلىرىگە ئەدەب-ئەخلاق جەھەتتە ئۈلگە بولۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.چۈنكى چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،ئىلىم-پەنىنى قەدىرلەش،ئىختساتچىل بولۇپ ئىسراپچىلىققا قارىشى تۇرۇشى قاتارلىق ئادەتلەرنى ئامال بار ئاتا-ئانا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئۆگەتىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ يوقىرى بولىدۇ.
7.ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۇلارغا چەكىسز خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقنى،ماختاشىنىڭ رولى ۋە كۈچنى دەرسخاندىكى ئەمەلي مىساللارئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى كېرەك.ئۇنىڭىدىن باشقا ئاتا-ئانىلارغابالىلارنى بەك ئارزۇلىۋەتمەسلىكىنى،ئانچە-مۇنچە ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىملىقنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.
8.ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلەپ -پىكىرنى ئاڭلىغاندا ئېغىر-بېسىق بولۇشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىىرىگە بەك تېز ئىنكاس قايتۇرماسلىقى،ئۇلارنىڭ ئۆزكۆز قارىشىنى دەۋېلىشغا يول قويۇشى ،ئاتا-ئانىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ھېسىس قىلىدۇرۇشى كېرەك.
قىسىقىسى.ئاتا-ئانىلارسۆھبەت يىغىنى ئاچقاندا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيەسىسدىكى رولىنى گەۋدىلەندۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھىمىيەت بېرىپ ،‹‹قۇش ئۇۋىسىسدا كۆرگىنىنى قىلىدۇ››دېگەن تەمىسلىنى ئاتا-ئانىلارغا ئېنىق چۈشەندۇرۇپ ،ئاتا-ئانىلارنى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيىتشكە يېتەكلەپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىلى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىنى ،ساغلام ئۆسۈپ -يېتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق  شارائىت ھازىرلاش كېرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-7-8 19:19:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش سىنىپ مۇدېرلىرى ئۆرنەك قىلسا بولغۇدەك ، ياخشى تېما .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-11 23:52:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم پەرى ئۇستازياخىشمۇسىز؟رەھمەت
ۋاقتى: 2016-7-22 08:48:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى چوقۇم سىنىپ مۇدىرلىرى بىلمىسە بولمايدىغان ياخشى تېما ئىكەن ... مەن شۇنداق سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئاتا- ئانىلارنى كۆرگەن ، سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيى قەيەردە ، ئاتا- ئانىسى كىم بىلمەيدىغان ، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتىنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئەرمۇ ئايال ، ئىسمى نېمە ، سىنىپى قايسى بۇنى تاكى ئوقۇش تاماملاپ چىقىپ كەتكۈچە بىلمەيدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى كۆرگەندىم ، تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ... تەشەككۈر قېرىندىشىم تېمىڭىزغا ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-25 17:45:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئۇستاز؟كۆپرەك تەكىلىپ پىكىرلەرنى بىرشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش