كۆرۈش: 459|ئىنكاس: 3

ھازىر قىلغان ھورۇنلۇقىڭىز ئاخىرى سىزنى كاچاتلايدۇ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھازىر قىلغان ھورۇنلۇقىڭىز ئاخىرى سىزنى كاچاتلايدۇ

1. باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا ئاپام مىنى ھۆسىن خەت مەشىقىگە قاتناشتۇردى . ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى مەن قەلەم رىڭى ، موي قەلەملەرنى يۈدۈپ مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە باراتتىم . قەلەم رىڭى ھەردائىم سومكامدا بويىلىپ كىتىپ ئاچچىغىمنى كەلتۈرەتتى . شۇڭا مەن ھەم ئاۋارچىلىق ھەم خوشياقمىغان قەلەم مەشىقىگە نەچچە قىتىم بىرىپلا بارماس بولدۇم .
كىيىن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا ھەر قىتىملىق ماقالە يىزىش تاپشۇرقىدىن يۇقىرى نۇمۇر ئالالماي مۇئەللىمدىن سەۋەبىنى سورىدىم . مۇئەللىم ماڭا " ماقالىنى ياخشى يازالايسەن . خىتىڭ سەل سەترەك " دىدى .
مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ماقالە يىزىش مۇسابىقىسىگە مۇئەللىم مىنىڭ قاتنىشىشىمنى تەۋسىيە قىلدى . لىكىن بىر شەرت -- ماقالىنى ئاۋۋال ئۆزۈم يىزىپ بولغاندىن كىيىن خىتى چىرايلىق ساۋاقدىشىمغا قايتا كۆچۈرتۈپ ئاندىن مەكتەپكە تاپشۇرۇش .
ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقتا پىراۋا ئىلىشقا شوپۇرلۇق مەكتەپكە تىزىملاتتىم . مىنى تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مىجەزى قوپال ئىدى . نەچچە قىتىم تىل ئىشتقاندىن كىيىن بارغۇم كەلمەي بارمايلا قويدۇم .كىيىنچە بارامەن دەپ ئويلىغان ، بىراق مانا ھازىر مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە ئازلا قالدىم . پراۋام يوق .
چاغاندا شەھىرىمىزدىكى تاكسى شوپۇرلىرى ۋاقىت ھىسابلىغۇچنى باسمايتتى . 10 سومغا ئاپىرىدىغان يولنى 30 سوم باھا قويۇپ " مۇشۇ پۇلغا ماڭساڭ ماڭ ، بولمىسا كارىم يوق " دەپ تۇرىۋالاتتى .
ئۆيدىكىلەر ئالدىراش ، ئۆيدە بىر ماشىنا بار . لىكىن مەن ھەيدىيەلمەيمەندە ! ئامال يوق تاكسىغا ئولتۇراتتىم .
سۇ ئۈزۈشنىمۇ ئازراقلا ئۈگىنىپ بولدى قىلدىم ، بىر كۈن بىرىپ بىر كۈن ئۇخلايدىغان رەسىم سىزىش كۇرسلىرى ، ئەتە يادلايچۇ دىگەن ئىنگىلىزچە سۆزلۈكلەر پات پات مىنى قىيىن ئەھۋالغا قويىدىغان بولۇپ قالدى .
"سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ " بۇ ھەقىقەت ، بۈگۈن قىلغان ھورۇنلىقىڭىز ئاخىرى بىر كۈنى سىزنى كاچاتلايدۇ .

2.يىڭى ئۆيۈمنى بىزەۋاتقاندا ئۆينىڭ ئىشكاپلىرىنى ئۇستام كىلىپ ياساپ بىرىۋاتاتتى . ئىشىك دەرىزىلەر ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئوچۇق ئىدى . قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كەلگەن بىر داداش ئۆيۈمنىڭ  بىزەش ئىشلىرىنى كۆرۈپ باققىلى كىردى .  
داداش ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ياغاچچىلىقنى ياخشى ئۈگەنمىگىنىگە بەكمۇ پۇشايمان قىلىدىكەن . ئۇ ياش ۋاقتىدا ياغاچچى ئۇستامغا ئەگىشىپ ياغاچچىلىقنى ئۈگىنىپ باققان بولۇپ ئۇ ۋاقىتتا ياغاچچىلىقنى بەك زىل ، بەك ئاۋارچىلىق ھىس قىلىپتىكەن . بىر قىتىم قولى زەخمىلەنگەنلىكنى باھانە قىلىپ ئۈگىنىشنى تاشلاپ قويۇپتىكەن .  ئاندىن ھەم ئاسان ھەم جاپاسىزراق ئىش تېپىش ئۈچۈن بىر تۇققىنى بىلەن باشقا شەھەرگە ئىشلەمچىلىككە بىرىپتۇ .
ھىچقانداق بىر ھۈنىرى يوق بولغان بۇ داداش  ، قىش توشۇيدىغان  ، زاۋۇتلاردا بىشىنى كۆتۈرمەي مالنى قۇتىسىغا قاچىلايدىغان دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ ئون نەچچە يىل ئىشلەمچىلىك قىلىپ يەنىلا چوڭ شەھەردە ماكانلىق بولالماپتۇ .
ئىلگىرى بۇ داداش بىلەن بىللە ياغاچچىلىقنى ئۈگەنگەن يەنە بىر كىشى بولسا ھازىر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن قول ھۈنەرۋەن بولۇپ قاپتۇ . ھەتتا ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئائىلە سايمانلىرىنى ياسايدىغان زاۋۇتىمۇ بار ئىكەن .
لىكىن ئۇ باشقىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئۆزى يىرىم يولدا تاشلىۋەتكەن ھۈنەر ئارقىلىق پۇل تاپقىنىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇرىدۇ خالاس .

3. ئېسىمدە قىلىشچە بىر ئاكتىيور مۇنداق دىگەن :
15ياش ۋاقتىڭىزدا سۇ ئۈزۈشنى ئۈگىنىپ يىرىم يولدا تاشلاپ قويدىڭىز .18كە كىرگەندە سۇغا چۈشۈپ كىتىپ "قۇتقۇزۇڭلار " دەپ ۋاقىرىدىڭىز .
18ياشتا سىز ئىنگىلىزچە ئۈگىنىشنى تەس كۆرۈپ ئۈگەنمىدىڭىز . 28ياش ۋاقتىڭىزدا ئىنتايىن ياخشى بىراق ئىنگىلىزچە تەلەپ قىلىدىغان بىر كەسىپنى ئۇچراتتىڭىز . سىز ئامالسىز " مەن بىلمەيمەن " دىدىڭىز . ھاياتىڭىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا قىيىنچىلىقتىن قانچە قورقسىڭىز ، ئۈگىنىش قانچە خوشياقمىسا  ئاخىرىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلالمايسىز . خۇددى تاغقا يامىشىپ يىرىم يولدا توختاپ قىلىپ تاغ چوققىسىدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇر ئالالمىغاندەكلا .
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا ھورۇنلۇق قىلىپ ياخشى ئۈگەنمىدىڭىز . كىيىن ساۋاقداشلىرىڭىز بىر بىرلەپ داڭلىق مەكتەپلەرگە ياكى داڭلىق كارخانىلارغا  قوبۇل قىلىندى ، لىكىن سىز يىرىم كىچىدە ئۇخلىماي " تەقدىر نىمە دىگەن ئادالەتسىز " دەپ ئۇھ تارتىسىز .
ئورۇقلاشنى پىلانلاپ نەچچە كۈن چىنىقتىڭىز ، لىكىن ئاخىرىغا چىقىرالمىدىڭىز . ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن بىر كۆڭلەكنىڭ سىز كىيىدىغان نۇمۇرى يوق ، بەدەنىڭىزدىلى لوق گۆشلەرگە قاراپ ئۆزىڭىزگە ئۆچ بولدىڭىز .
......

ھازىر قىلغان ھورۇنلىقىڭىز ئاخىرى چوقۇم سىزنى كاچاتلايدۇ .
مەن بىر ھورۇن ئادەمگە قانداق گەپ قىلسام ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ قايتىدىن ئادەم بولىدىغىنىنى بىلمەيمەن .
لىكىن مىنىڭ كۆڭلۈمگە ئايان :
تەستەك يىسەم يۈزۈم ئاغرىيدۇ . ئەگەر ئىششىپ قالسا سەت بولۇپ قالىمەن .
باغداغ تورىدىن ئېلىندى.



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-6-1 08:42:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماس بولغان سەھىپىگە يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
ۋاقتى: 2016-6-6 18:52:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيتى  يوقىرى تېما يوللاپىسز، كۆپ تەشەككۇر
ۋاقتى: 2016-9-22 13:05:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن،ھارمىغايسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش