كۆرۈش: 66|ئىنكاس: 0

ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    ئائىلە-بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت  يارىتىشىدىكى تۇنجى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەكتەپ. دەل ئاشۇ ئائىلىدە ھەربىر ئادەم ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ يامان ئەخلاقىي چېنىقىشغا ئۇچرايدۇ.

    ئائىلىدە ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېچىلىشقا، ئادەتلىرى پەيدا بولۇشقا، ئەقلى ئويغىنىشقا،  ئېسىل ياكى قەبىھ ئەخلاق-پەزىلىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.

    مىللەتنىڭ گۈللىنىشى يەسلىدىن باشلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى باشقىلارنىڭ تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ.

    شەخسنىڭ ھاياتىدا ئائىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە تەقدىم قىلىش روھى بولمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەخلاقى پەقەت ساختا نىقابقا ئورالغان ئەخلاق-پەزىلەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.

    ئۆز پەرزەنتىگە مېھرى بولمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ھەقىقىي مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

    ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ. چۈنكى، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيەسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ.

    ملتون: «سەھەر شۇ كۈنىدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەندەك، بالىلىق دەۋر بىر ئۆمۈردىن بېشارەت بېرەلەيدۇ.» دېگەنىدى.

    قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار: «ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا تەربىيەلەتكۈزسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز.»

    گېئورگى خېربېرىت: «بىر ياخشى ئانا يۈز نەپەر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ»، دېگەنىدى.

    ئانا بىز كۆرگىلى بولىدىغان پەرۋىشكارىمىز (ئەسلى يازمىدا ئىلاھىمىز دەپ يېزىلغانىكەن، ماڭا بىئەپ تۇيۇلۇپ پەرۋىشكارىمىز دەپ ئالدىم -ئابدۇھەلىم) ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ .

    تۇرسى: «مەيلى سىز قانچە ئۇزاق ياشاڭ، تۇنجى يىگىرمە يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمى بولىدۇ»، دېگەنىدى.

    فىرانسىيەنىڭ: «ئاياللار بولمىسا، ئەرلەر مەڭگۈ ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ»، دېگەن ماقالى بار.

    بىر ئائىلىدە ئانىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى دۇرۇست بولمىسا، ئاتىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ھەرقانچە مەدەنىي بولسىمۇ، بالىنىڭ كىيىنكى ھاياتىدا ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قېيىن.

    ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتىنى يارىتىدۇ، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رەسىملەرنى سىزىشى،  ئۆلمەس مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ۋە دىرامىلارنى يېزىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن بولىدۇ.

    ئايال كىشى ئاقىلانە تەربىيە ئالغاندىن كىيىن، ئارتۇقچە گۆدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئالدىنىپ قىلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بولىدۇ؛ ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيەسىگە ئېرىشكەندىن كىيىن، ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايلا قالماي، يەنە ھەرخىل تەسىرلەرنى توسىيالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ.

    ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقىي ئەھۋالى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئالغان تەربىيەسىگە باغلىق بولسا، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش مەسىلىسى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك.

    ئەرلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە مەنىۋى كۈچى پەقەت ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پاكلىقى ۋە زېھنىي تەربىيىلىنى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
باغداش تورىدىن ئېلىندى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش