ئانامدەك
ئاپتۇرى: مۇتەللىپجان قاۋۇل
بايقاش تورىدىكى بارلىق ئانىلارغا ۋە بارلىق تورداشلارنىڭ ئانىلىرىغا بېغىشلايمەن!
پۈتكۈل ئۆمىرىنى بالام بالام.. دەپ ئۆتكۈزۈپ، پەرزەتنى ئىشقىدا يۈرىكى ئوت، كاۋاپ بولۇپ كۈيىۋاتقان بارلىق ئاق كۈڭۈل، مىھرىبان، پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىمىز مەڭگۈ ئامان بولۇڭلار ۋە بىز كەبى پەرزەنتلىرىڭلاردىن مەڭگۈ رازى بولۇڭلار.
بايقاشتىن ئاڭلاش:
ئانامدەك
ماڭا كۆيۈپ يۈرگەنلەر كۆيەلمەسكەن ئانامدەك، مېنى ئەسلا يۈرەكتىن سۆيەلمەسكەن ئانامدەك. مەن يىغلىسام يۈرىكى پارە بولۇپ مەن ئۈچۈن. بەخت تاپسام شادلىنىپ كۈلەلمەسكەن ئانامدەك. قىيامەتلىك دوستۇم دەپ ئىشەنگىنىم سىردىشىم، سىرلىرىمنى كۆڭلىگە كۆمەلمەسكەن ئانامدەك. سېنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن كېچىمەن دەپ يۈرگەنلەر، ۋاقتى كەلسە مەن ئۈچۈن ئۆلەلمەسكەن ئانامدەك. ئاكا - ئۇكا قېرىنداش بىر بولسىمۇ قېنىمىز، ئاغرىپ ياتسام بېشىمدا تۈنەلمەسكەن ئانامدەك. بىر ياستۇققا باش قويغان ئايالىم ھەم بالاممۇ، مۇشەقەتتە ۋايسىماي ئۆتەلمەسكەن ئانامدەك. مېنى ھەريان ئۇچۇرسا بۇ ھاياتنىڭ بورانى، ھېچكىم ماڭا ئەگىشىپ كېتەلمەسكەن ئانامدەك. بەخت مەندىن يىراقلاپ زىمىستانغا يۈزلەنسەم، كېلەر بىر كۈن باھار دەپ كۈتەلمەسكەن ئانامدەك. نەپ ئالغاندا مېنىڭدىن پەرۋانە بوپ يۈرگەنلەر، چاڭقىغاندا ئۇسسۇزلۇق بېرەلمەسكەن ئانامدەك. تەقدىر دېگەن باغرى تاش كۆزلىرىمنى ياشلىسا، ئالقىنىدا يېشىمنى سۈرتەلمەسكەن ئانامدەك. ئانا دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەن ئەسلىدە، بۇ دۇنياغا قىممەتلىك مېھمان ئىكەن ئەسلىدە. پەرزەنت ئۈچۈن يېقىلغان گۈلخان ئىكەن ئەسلىدە، مېنى جاندىن ئەزىزرەك كۆرەلمەسكەن ئانامدەك!
بۇ ئېسىل ئەسەرنى ئاۋازلىق ئىشلەپ تارقاتقان ئىبراھىم تورىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! |