| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 11:25
ئوقۇغۇچىلار مۇنداق دىسە قانداق ئىنكاستا بولىسىز ؟ مەكتەپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ، مۇنبەر مۇساپىسىدا ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچى پەقەت دەرىسخانا مۇنبىرى ئارقىلىقلا ئوقۇغۇچىلار يەتكۈزمەكچى بولغان بىلىمنى تولۇق يەتكۈزۈپ بولىمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ ، چۈنكى دەرىسخانا مۇھىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ھالىتىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان تەۋرىنىشلەر بولىدۇ ، ئوقۇغۇچى چوقۇم دەرىسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ يارىدىمۇ ئۆگەنگەن نەزىيىۋى بىلىملەرنى قايتىدىن پۇختىلاپ مۇستەھكەملەپ ئۆز زېھىن ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى قىلمىسا ئۇ ھالدا ئۆگەنگەن بىلىملىرى پەقەتلا پۇچەك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ... بەزىي ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە ئېچىلماي ، ئوقۇتۇشنىڭ ئوتتۇرا ھالقىلىرىدا كاللىسى ئېچىلىپ تىرشىش يولىنى تېپىشى مۇمكىن ، بۇ خىل ئەھۋاللار سىز ۋە بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بۇنداق ئەھۋاللاردا ئۇلارنىڭ ئۆگەنمەكچى بولغان بىلىملىرى گەرچە ئىلگىرى ئۈگىنىپ ئۈتۈلگەندەك قىلسىمۇ ، يېڭى بىلىم ھېسابلىنىپ بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋاللاردىن خالىي بۇلالمايدۇ ... ئاساسىي مەخسەتكە كەلسەك ، ئارىمىزدا نۇرغۇن تەجىرىبىلىك كەسىپداشلار بار ، ئورتاق پىكىرلىشىپ باقساق ... كۆپىنچە كاللىسى ئېچىلغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە قارىتا ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلىپ داۋاملىق بېشىمنى ئاغرىتىدۇ ... مەن بۇ مەسلىدە بىراقلا ھۆكۈم چىقارماي ، پەقەتلا ئوقۇغۇچىلار روھىي ئىلھاملاندۇرۇش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتىمەن ... مەن بۇ خىل پىكىرگە قارىتا ئۈنۈملۈك بىر نوقتىدا تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىپ بۇلالمىدىم ... بەلكىم بۇنداق ئەھۋاللار ھەرقايسى كەسىپداشلارنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن بولىشى ، ھەتتاكى تەجىربىدىن ئۆتكەن يېڭى پىلان ، لاھىيەلىرى بولۇشى مۇمكىن ... مۇمكىن بولسا مۇشۇ تېما ئاساسىدا مەكتەپلەرگە يىغىلىشقىمۇ ئاز قالدى ، بۇ ھەمىمىزگە پايدىلىق ... شۇڭا مۇنازىرە قىلىپ باقساق ، ئۇستازلار تەلىم بەرگەيسىزلەر ...
|
|