كۆرۈش: 364|ئىنكاس: 2

سالوندىكى ناخشىلارنى دېتال ئىشلەتمەيلا چۈشۈرۇش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-14 14:17  


سالوندىكى ناخشىلارنى دېتال ئىشلەتمەيلا چۈشۈرۇش ئۇسۇلى



كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر؟ بەزى توردشلارنىڭ ئۈندىدار سالونىدىكى ناخشىلارنى چۈشۈرۈش جەھەتتە قىيلىنىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاددىي بولسىمۇ، كىچىككىنە بىر ھۆنەرنى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم. خۇش، ئەمسە دەرسلىك ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان مەسلە بولسا تۈۋەندىكىدەك:

1-خىل ئەۋزەللىك: مەسلەن، سىز مەلۇم سالوندىكى ئاۋازلىق ئەسەر ۋە ياكى ناخشا-مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇپ قالغان، ئەمما، قانداق چۈشۈرۈشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتقان بولسا، بۇ دەرسلىكىمىز دەل سىزنىڭ مۇشۇ خىل مەسلىنى ھەل قىلىشىڭىزغا يارىدەمدە بولىدۇ.
2-خىل ئەۋزەللىك: ئادەتتە سىز سالونلاردىكى زىيارەت قىلغان ھۆججەتلەر يانفۇنىڭىزنىڭ يۈكىنى ئېغىرلشتۇرۇپ، سۈرئەت تۈۋەنلەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. سىز دەرسلىكتە سۆزلەنگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئارتۇق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئارقىلىق يانفۇنىڭىزنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ، سۈرئەتنى تىزلىتىش مەقسىتىگە يتەلەيسىز.
3- خىل ئەۋزەللىك: بەزى ھەقلىق مەزمۇنلاردىنمۇ ھەقسىز بەھرىمان بولۇش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. (ئەسكەرتىش: باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئامال بار ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، شۇنداقلا، قانۇنسىز ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)

كونكىرىت-قەدەم-باسقۇچلار:

1-قەدەم: تېلفۇننىڭ ھۆججەت文件管理 (باشقۇرۇش كۆزنىكى)دىن Tencent ناملىق ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە كىرىمىز.
2-قەدەم: MicromMsg بۇ ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە كىرىمىز.
3-قەدەم: af107546e7918348eedd378e6428d9e6 دېگەن بۇ ھۆججەت قىسقۇچىنى چىكىپ ئىچىگە كىرىمىز. (بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ نامى مۇقىم ئەمەس، ھەر خىل نۇسخىدىكى تىلفۇنلاردا ھەر خىل نامدا كۆرۈنىدۇ، ئادەتتە بۇنىڭ ئورنى ئەڭ ئۈستىدە، شۇنى ئېچىپ ئىچىدە music دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ بار-يوقلىقىغا تەپسىلىي قارىساق بولىدۇ. ئەگەر music دېگەن ھۆججەت قىسقۇچى بار بولسا مۇشۇ شۇ ئىكەن دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ)
4-قەدەم: music دېگەن بۇ ھۆججەت قىسقۇچىنى چىكىپ ئىچىگە كىرىمىز. بۇ ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە كىرسەك، بۇ ھۆججەت قىسقۇچىدا بىز  شۇ سالونلاردىن ئاڭلىغان بارلىق ناخشىلارنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ. بىز سالوندىن ئاڭلىغان ناخشىلارنىڭ تىزىملىكى ۋېروس شەكىلگە ئوخشاش چىقىدۇ. يەنى ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:


Screenshot_2016-08-14-13-30-05-91.png

5-قەدەم: بىز شۇ تىزىملىكىتىكى ھۆججەتلەرنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىنى mp3 گە ئايلاندۇرۇپ قويساق، بۇ ھۆججەتلەرنى نورمال قويۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز. ھۆقجەتنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىنى mp3 گە ئايلاندۇرۇڭ دىسەم، بۇنىڭغا قانداق دېتال ئىشلىتىدىغاندىمەن دەپ ئويلاپ يۈرمەڭ. بۇنىڭ مەشغۇلات تەرتىپى تۈۋەندىكىدەك: ھۆججەتنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش دېگەن تۈرنى تاللايمىز ھەمدەيەنى ھۆججەت نامىنىڭ كەينىگە mp3. نى قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.





6-قەدەم: ئۆزگەرتىكەندىن كىيىن، بايىقى ۋىروسقا ئوخشاش ھۆججەتنىڭ mp3 شەكلىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقايسىز. رەسىمدىكىدەك:




ئىزاھات:

1.ئەلۋەتتە، سۇبات سالونى قاتارلىق چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمىنلەنگەن سالونلاردىن بىۋاستە چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سالوننىڭ ئۆزىدە چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمىنلەنگەن بولسا يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ يۈرمەي بىۋاستە چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەن تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇلنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمىنلەنمىگەن سالونلاردىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئاۋازلىق ئەسەر ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى چۈشۈرۈشتە پايدىلىنسىڭىز بولىدۇ.
2. چۈشۈرمەكچى بولغان ناخشىنى تولۇق ئاڭلاپ بولغان بولىشىڭىز كېرەك. يېرىم ئاڭلاپلا چىكىنىپ چىقىپ قارىسىڭىز شۇ ناخشىنىڭ سىز ئاڭلىغان يېرىگىچىلىكلا ساقلىنىدۇ.
3. music ھۆججىتىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى سان-ھەرىپ ئ‍ارىلاش ھۆججەت سۇمكىسىدىن بىرقانچىسى بار مۇقىم بىرلا سۇمكىدىن چىقمايدۇ، ئ‍اشۇ سان ھەرىپ ئ‍ارلاش ھىچقانداق مەنىسى يوق ھۆججەت سومكىلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراڭ.



تېخىمۇ كۆپ دەرسلىك ۋە بىلىملەرنى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز مۇنتىزىم مائارىپ تور بېكىتىمىزگە مەرھەممەت!!!


بۇ يەرنى بېسىپ ئەسلى تېمىنى زىيارەت قىلىڭ: http://www.muntizim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2677

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +1شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
دانيار + 2 + 2 + 1 + 2

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-8-16 11:45:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقاتىدىغان تېما يوللاپسىز رەھمەت.
ۋاقتى: 2016-8-20 20:50:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتېريال ئىكەن، رەھمەت سىزگە!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش