كۆرۈش: 342|ئىنكاس: 4

2016-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق MHK ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]



2016-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق MHK ئۈچىنچى دەرىجە ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى



مۇنتىزىم مائارىپ تورى خەۋىرى، 2016-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق MHK ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى. ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق MHK ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. جايلاردا مەخسۇس ئىمتىھان نوقتىسى تەسسىس قىلىنىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۇسۇلى بولسا ئاۋۋال توردا تىزىملىتىش، ئاندىن نەق مەيداندا سالاھىيەت بىكىتىش ۋە نەق مەيدان ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇل ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلارنى ئالدىن خەۋەردار قىلىش، ئۆچرەت ساقلاش ئېغىر بولۇش مەسلىسىنى  ھەل قىلىش، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى توردا ئۇرۇپ چىقىرىش، ئىمتىھان نەتىجىسىنى توردا تەكشۈرۈش... قاتارلىق بىر قىسىم قولايلىق شەكىللەر يولغا قويۇلىدىكەن. تورداشلار ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا ئىناۋەتلىك كىملىكى ۋە بىر سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىم ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدىكەن. مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جايلاردىكى ئىمتىھان نوقتىسىغا ئاساسەن سان چەكلىمىسى بولۇپ، جايلارنىڭ تىزىملىتىش چېكى توشقاندىن كىيىن، داۋاملىق تىزىملاتقىلى بولمايدىكەن. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىزىملىتىۋېلىشىنى، پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىشىنى سورايمىز.
2015-يىلى كىيىنكى يېرىم يىللىق MHK ئۈچىنچى دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسىنى توردا تەكشۈرۈش تور بەت ئادىرىسى:
بۇ يەرنى بېسىڭ
2016-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق MHK ئۈچىنچى دەرىجە ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ئادىرىسى: بۇ يەرنى بېسىڭ
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-21 23:36:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنتاھاندىنمۇ ئۈتەلمەيدىكەندە ئەمدى ئۇقۇتقۇچىلار ھەي !
ۋاقتى: 2016-2-24 10:38:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! توردا تېزىملىتاي دېسەم رايون تاللىغان ۋاقىتتا خوتەن رايونى كۆرۈنمىدى. بىزلەر توردا تېزىملىتالمايدىغان ئوخشايمىز.

باھا سۆز

قايتا سىناپ بېقىڭلا ئاداش، ئايرال قېرىندىشىمىز يالغان خەۋەر ئېلىپ كەلمەيدۇ.بىرەر باسقۇچ كەم قالدىمۇيا؟ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-24 11:28
ۋاقتى: 2016-2-24 11:28:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاد يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 10:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! توردا تېزىملىتاي دېسەم رايون تالل ...

قايتا سىناپ بېقىڭلا ئاداش، ئايرال  قېرىندىشىمىز يالغان خەۋەر ئېلىپ كەلمەيدۇ.بىرەر باسقۇچ كەم قالدىمۇيا؟
ۋاقتى: 2016-2-24 11:56:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھىميەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمنىلەپسىز، كۆپ تەشەككۇر،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش