بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-29 23:39
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مۇنتىزىم مائارىپ تور بېكىتىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى، ھەممىڭلارنىڭ تنىڭلارغا سالامەتلىك، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق، ئائىلەڭلارغا خاتىرجەملىك يار بولغاي!!! مۇنتىزىم مائارىپ تور بېكىتى قۇرۇلغان قىسقىنىغە 3 ئايدىن بىرى، تور بېكىتىمىز ئاددىيلىقتىن بارا-بارا مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى، تورداشلارنىڭ سانىمۇ تېزلىكتە كۆپىيىپ، بۇ ئەھۋال بىزنى تېىىمۇ تىرىشىشقا ۋە يازمىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا دەۋەت قىلدى، مۇنتىزىم مائارىپ تور بېكىتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز بولسا رايونىمىزدىكى بارلىق مائارىپچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۇلارنى ئۆزئارا-پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ۋە ئۆزئارا ئۈگىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىش، ماتىريال مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى كۈچىنى ئازراقمۇ بولسىمۇ تىجەش، كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنى قانداق تەربىيلەش؟ قانداق يىتەكلەش؟ جەھەتتىكى باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئىلىم-مەرىپەت ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل مەشىق سوئاللىرى بىلەن تەمىنلەش، ھەل قىلالمىغان مەسلىلىرىگە تېز سۈرەتتە جاۋاپقا ئىگە قىلىش، كومپىيوتېر بىلىملىرىنى تېخىمۇ كىڭەيتىش، كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى دۇچ كەلگەن مەسلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىش، پىسخىك بېسىم كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان مۇشۇ كەملەردە كۆپچىلىكنىڭ ئاراملىق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇش، ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىھىرلىك قوللىرى بىلەن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئەدەبىيات-سەنئەت سەھىپىمىز ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن دىدارلاشتۇرۇش، ئۇلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت ۋە سەھنە بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، 2016-يىلىنى يېڭىچە قەدەملەر بىلەن كۈتىۋېلىش، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، بېكىتىمىزنى قوللاۋاتقان ئەزىز تورداشلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش بېكىتىمىز تۈۋەندىكى مۇكاپاتلىق پائالىيەتنى يولغا قويدۇق.
1. پائالىيەت شەكلى:
(1) 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بۇلغان مۇشۇ 15 كۈن ئىچىدە بېكىتىمىزگە يېڭىدىن تىزىملاتقان ئەزالارغا 10 تىللا سوۋغا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۈندە بىر قېتىم بېكىتىمىزگە كىرىپ، بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلسا ھەر كۈنى 10 تىللا بىلەن تارتۇقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇندىن بۇرۇن تىزىملاتقان كونا ئەزالىرىمىزغىمۇ تېخىمۇ كاتتا سوۋغىلىرىمىز بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ 15 كۈن ئىچىدە بېكىتىمىزگە كۈندە بىر قېتىم كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق 10 تىللا تاپالايدۇ.
(2) يېڭى يىلنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بېكىتىمىزگە ئاتاپ ھەر خىل شېئىر ياكى باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققۇچىلارغا 100~20 تىللا مۇكاپات بىرىلىدۇ.
(3) بېكىتىمىز نامىدا ئاۋازلىق ئەسەر، يېڭى يىللىق تەبرىك كارتىسى ۋە ياكى باشقا شەكىللەردىكى ئەسەرلەرنى تەييارلاپ ھەر قايسى تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىغا يوللىغۇچىلارغا 150~20 تىللا مۇكاپات بىرىلىدۇ.
2. پائالىيەت ۋاقتى: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە 15 كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
(1) ئەزا تىزىملىتىش بىر ئادەم پەقەت بىرلا قېتىم تىزىملىتىش بىلەن چەكلىنىدۇ.
(2) بېكىتىمىزدىكى قىسمەن تېمىلارنى ھەقلىق قىلىشتىكى مەقسىتىمىز ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئەمەس، بۇ پەقەر تورداشلارنى بېكىتىمىزگە تېما يوللاشقا دەۋەت قىلىش، ئۇلارنى بەھىرمان بولۇش بىلەن بىرگە بەھىرمان قىلىشقىمۇ يىتەكلەشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ساختىپەزلىك قىلىپ تەكرار تىزىملاتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
4. ئىلاۋە: بېكىتىمىزگە پات ئارىدا ئۆلچەملەشكەن مەكتەپ ئارخىپ-ماتىرياللىرى، مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا زۆرۈر بولغان باشقا پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى كۆپلەپ يوللىنىدۇ. دوسىتلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزغا يېڭى يىللىق سالام يوللىغاندا مەزكۇر خۇش-خەۋەر ئارقىلىق ئۇلارنى بېكىتىمىز بىلەن دىدارلاشتۇرىشىڭزنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەت ئۇچۇرىنى ھەر قايسى QQ توپلىرىغا تارقىتىپ قويۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بېكىتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى: http://muntizim.com
ھۆرمەت بىلەن: مۇنتىزىم مائارىپ تور بېكىتى ئىشخانىسى
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى |