مەكتىپىڭىزنىڭ گىرىبىنى ئۆزىڭىز قول سېلىپ ياسىۋېلىڭ
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئالدىنقى قېتىم "مەكتىپىڭىزنىڭ گىرىبىنى بىللە ياسايلى" ناملىق تېمىنى يوللىغاندىن كىيىن، بىر قىسىم تورداشلار ئۆزىنىڭ مەكتىپىگە ۋاكالىتەن ياساپ بىرىشىمنى ئېيىتقان ئىدى، گەرچە ۋاقىتىم بىر قەدەر قىس بولسىمۇ، لىكىن تورداشلارنىڭ ئۈمىدىنىڭ يەردە قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاددىي بولسىمۇ بىر قانچە خىل لاھىيە شەكلى بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ بەرگەن ئىدىم، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ باھاسى تولىمۇ يۇقىرى بولدى ھەم مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى، تۈنۈگۈن قارىسام بودەك ۋە bahwan-96 ناملىق ئىككى نەپەر توردېشىمىز ئۆزىنىڭ ئۈگەنگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ، شۇ سەۋەپلىك مەزكۇر تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەكتەپ گىرىبى ئادەتتە، شۇ مەكتەپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن لاھىيلىنىدۇ. كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا، شۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە نامى، يەرلىكى ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان LOGO رەسىم، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ياكى سىمىۋوللۇق تۈسكە ئىگە باشقا رەسىم ياكى ئالاھىدە رەڭلەر ... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لاھىيلەشكە قويۇلىدىغان تەلەپ تۈۋەندىكىچە:
1. فورماتى: فورماتى چوقۇم بەلگىلىك مەقسەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئايرىم-ئايرىم بىكىتىلىدۇ. ئەگەر، مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ياكى باشقا قۇرۇلۇشلارغا ئورناتماقچى بولسىڭىز ئەھۋالغا قاراپ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكىنى 1 مېتىر قىلىپ بىكىتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ماتىريال يۈزىدە يەنى مەكتەپ نىزامنامىسى، پىلان-خۇلاسىلەر ۋە ياكى باشقا ماتىرياللارنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكىنى 10 سانتمېتىر قىلىپ بىكىتسىڭىز بولىدۇ. 2. شەكىل بىكىتىش: لاھىيە شەكلىنى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمدەك، مۇۋاپىق تاللاسىڭىز بولىدۇ. 3. ساقلاش: لاھىيلەپ بولغاندىن كىيىن، ساقلىغاندا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە PSD ۋە JPEG ياكى GIF شەكىلىدە ساقلىسىڭىز بولىدۇ. مەقسەت، كىيىنكى قېتىملىق ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت. تۈۋەندە بېكىتىمىز ئىلگىرى ياسىغان بىر قانچە مەكتەپ گىرىبىنىڭ كۆرۈنمە رەسىمى ۋە 13 پارچە PSD قېلىپ ھۆججىتىنى بىللە يوللايمىز، ئىھتىياجلىق دوسىتلارنىڭ چۈشۈرۈپ مەشىق قىلىپ بېقىشىنى، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق شەكىل ۋە رەڭ ياكى مەزمۇن تاللاپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى شەكىلگە ئايلاندۇرىۋېلىشىنى، مومكىن بولسا لاھىيلەپ چىققان ئەسەرلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە تېما ئاستىغا ئېلىپ كىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
لاھىيە ئەسەرلىرىمىز:
PSD ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈش مەنزىلى: بۇ يەرنى بېسىڭ |