بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-6-5 01:23
ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى بىكار قىلىنىدۇ شىنخۇا تورى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى، جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز) دىكى ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا تەشكىللەش جىنايىتىگە دائىر ماددىلار ئالى مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ئىمتىھان بېرىشنى، ئىمتىھان ئىنتىزامى ۋە ئىمتىھان مەيدانى بەلگىلىمىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشنى، ھەرخىل گۇرۇھ-شايكىلار ۋە شەخسلەرنىڭ «ئىمتىھانغا ياردەم بېرىش» نامىدىكى قايمۇقتۇرۇشىغا يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ زىيانغا ئۇچراشتىن، ئۆمۈرلۈك ھەسرەتتە قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز) دە بەلگىلىنىشىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەملىكەتلىك ئىمتىھاندا، ساختىلىق قىلىشقا تەشكىللىگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارغا ۋاكالىتەن ياكى باشقىلارنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن بىرىنچى تارماقتا دېيىلگەن ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغانلارغا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ھەرخىل قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن، ئىمتىھاندا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان، ئىنتىزامغا خىلاپ ساختىلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، «دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىپ، شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى ياكى قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا قارىتا دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك مائارىپ ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى 1 يىلدىن 3 يىلغىچە ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ھەمدە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيلىك ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئۆتۈپ بولغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى قەتئىي بىكار قىلىنىدۇ. قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلغانلار ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز) ۋە يېڭى تۈزۈلگەن مائارىپ قانۇنىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش قىلمىشىغا بېرىلىدىغان جازاغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
تېمىنىڭ كىلىش مەنبەسى: بۇ يەرنى بېسىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن خەۋەدار بولماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ |