| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-8-19 16:07
مۇجى يىزىلىق ئوتتورا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يىللىقلار بويىچە ئالاقە باغلاش تۈزىمى ۋە تەدبىرى
مۇجى يىزىلىق ئوتتورا مەكتىۋى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى
مۇجى يىزىلىق ئوتتورا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يىللىقلار بويىچە ئالاقە باغلاش تۈزىمى ۋە تەدبىرى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇرىىيتىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئىلمى بۆلۈم ۋە ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى ئوقۇتۇش ،دەرسكە قاتنىشش ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ئارقىدا قالغان سىنىپلارنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇلارنى يىتەكلەيدۇ. 1. سىنىپلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىللىرىگە قارىتا ھەر قايسى يىللىقلارنى بىرلىك قىلغان ھالدا تەشكىلى رەھبەرلىك كۈچەيتىلىپ مەسئۇلىيەت كىشى – بىشىغىچە ئەمەلىلەشتۈرىلىدۇ . بۇنىڭدا 1-يىللىقلارنىڭ خىزمەتلىرىگە مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى توختىباقى ياسىن، 2-يىللىقلارنىڭ خىزمەتلىرىگە مەكتەپ ئەخلاق-تەربىيە مۇدىرى ئەخمەتجان تۇدىباقى ، 3-يىللىقلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىلمىي مۇدىرى ئابلاجان يۇنۇس يىتەكچىلىك قىلىدۇ . قوش تىل سىنىپلارنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ماخمۇتجان مەمتىمىن يىتەكچىلىك قىلىدۇ . 1. ئوقۇتۇش جەھەتتە ئارقىدا قالغان سىنىپلارنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەش،دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سىردىشش،پىكرلىشش ئارقىلىق ئوقۇتۇش جەھەتتە ئارقىدا قىلىش ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى جەھەتتىكى نىگىزلىك سەۋەپىنى تىپىپ چىقىپ ئوقۇغۇچىلارنى تىرىشىپ ئۈگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، دەرس ئوقۇتقۇچىلارىغا بولغان تەلەپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش جەھەتتە ئارقىدا قالغان سىنىپلار ئۆزگەرتىلىدۇ. 2. ماۋسۇم ئاخىرىدا ئوقۇتۇش نەتىجىسى جەھەتتە يىللىقلار گۇرپپىسى ئىچدە نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغان سىنىپ كوللىكتىپىنى تەقدىرلەش ئارقىلىق ئارقىدا قالغان سىنىپ كوللىكتىپىنى ئۇلاردىن ئۈگىنىشكە يىتەكلىنىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىلىدۇ. 3.دەرسكە قاتنىشش جەھەتتە ئارقىدا قالغان سىنىپلارنى يىتەكلەش جەھەتتە ھەر 15كۈندە بىر قىتىم سىنىپلارنىڭ دەرسكە قاتنىشش ئەھۋالىدىن خۇلاسە چىقىرىپ يىللىقلار گۇرپپىسى ئىچىدە بىرنىچى بولغان سىنىپ كوللىكتىپىنى يۆتكەلمە قىزىل بايراق بىلەن تەقدىرلەش ،ئارقىدا قالغان سىنىپ كوللىكتىپىنى سىرىق تاختاي بىلەن ئاگاھالاندۇرۇش ئارقىلىق ئارقىدا قالغان سىنىپلار نى تەقدىرلەنگەن سىنىپلاردىن ئۈگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئاكىتىپچانلىقى ۋە ئۇيۇشچابلىقى يۇقىرى كۆتۈرىلىپ دەرسكە قاتنىشش نىسىپىتى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. 4.ئەگەر ھەر قايسى جەھەتلەردە ئاجىز ئوروندا تۇرىۋاتقان سىنىپلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە ياخشىلىنىش بولمىسا شۇ يىللىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
|
|