كۆرۈش: 106|ئىنكاس: 1

ئىلمىي مۇدىرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك قابىلىيەتلەر(ماقالە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىلمىي مۇدىرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك قابىلىيەتلەر

مۇھەممەد ئەخمىدى ئوغلان
(يەكەن ناھىيىلىك 1.ئوتتۇرا مەكتەپتىن)


ئىلمىي مۇدىرلار ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم ۋە كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىك كوللىكتىپى ئىچىدىكى مۇھىم شەخىس، شۇنداقلا مەكتەپ مۇدىرىدىن قالسىلا ئوقۇتۇشتا ئاساسلىق ئىش باشقۇرغۇچى ھېساپلىنىدۇ.
بىر مەكتەپكە نىسپەتەن ئېيىتقاندا، ھالقىلىق ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئوقۇ-ئوقوتۇش خىزمىتى بولۇپ، باشقا خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، ئاشۇ مەركىزى خىزمەت- ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەن بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەشغۇلىيەت ئېڭىنىڭ ئىگىز – پەسلىكى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقى،  ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئۆزلىشىش- ئۆزلەشمەسلىكى، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، سېستىمىلىق،  پىلانلىق ئېلىپ بېرلىش- بىرىلماسلىقى يەنىلا  ئېلمى مۇدىرلارنىڭ ساپاسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، ئەلبەتتە.ئۇنداقتا ئېلمى مۇدىرلار ئۆزىدە زادى قانداق ساپا ۋە قابىلىيەتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن:

1.سىياسى- ئددىيىۋى ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىشى لازىم.
ئۇلار چوقۇم پارتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى فاڭجىن – سىياسەتلىرىنى، دۆلىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن،  رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ ئىچكى- تاشقى سىياسەتلىرىنى،  مائارىپ سىياسەتلىرىنى،  (تۈرلۈك ئېتىۋار بېرىش سىياسەتلىرىنى)، ‹‹ئىككى ئاساسەن››كۆرسەتكۈچلىرىگە ئائىت ئاددى ساۋاتلارنى، ئۆز جايىدىكى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك ھۆججەت – قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگۈنىشى،  گېزىت-ژورنال،  رادىئو-تېلىۋىزىيە قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،  ئۆز خىزمىتىگە ، مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك يېڭىدىن – يېڭى،  كۆزنەك ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشى،  بۇنى دائىملىق خىزمەتلەر قاتارىدا ئەستايىدىل ئەمەلىلەشتۈرىشى،  ئۆزىنى  ھەر ۋاقىت  سەگەك  تۇتۇشقا  ئەھمىيەت  بېرىشى لازىم.

2. تەشكىللەش،  باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
ئىلمى مۇدىرلار مەكتەپتە بەلگۈلۈك ئىززەت- ھۆرمەتكە، نوپۇزغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەش،  ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش،  سۈرۈشتە قىلىش،  يىغىن ئېچىش،  ۋە باشقا جەھەتلەردە  بەلگۈلۈۈك ساپا، يېتەرلىك قابىلىيەت بولمىسا بولمايدۇ.ئىلمى تەرەققىيات قارىشى ئومومىيۈزلۈك  تەكىتلىنىۋاتقان  بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار جەزمەن باشقۇرۇش ۋە سۆز- ھەركەتتە،  يۈرۈش - تۇرۇشتا ئىلمى بولۇش،  ئوقۇتقۇچىلارغا كۆيۈنىش،  ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇش،   ھە دىسىلا ئوقۇتقۇچىلاردىن قۇسۇر ئىزدەپ،  ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە‹‹ھۇجۇم›› قىلماسلىقى لازىم.

3.كەسپى بىلىم سەۋىيىسىنى ئۈلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇش لازىم.
ئېلمى مۇدىرلار نۆۋەتتىكى يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىغا  ماسلىشىشى،  ئۆزىنى يېڭى بىلىم- ئۇچۇرلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ تۇرۇشى،  ئۆز كەسپىگە ئائىت ماتىرياللارنى كۆپلەپ كۆرىشى،  بۇ ھەقتە ئىزدىنىشى،  مۇۋاپىق مىقتاردا مەلۇم يىللىقنىڭ دەرسىنى ئۆتۈشى،  خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى  بەلگۈلۈك ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشى،  باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى مەجبۇرى ئوچۇق دەرس ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرىۋەرمەي،  ئۆزىمۇ مەكتەپ بويىچە ئوچۇق ۋە  ئۈلگۈلۈك  دەرس ئۆتۈپ بېرىشى،  بۇ ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ  مەكتەپتىكى  ھەقىقى باشلامچىلىق،  ئاۋانگارتلىق رولىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.

4.قارار چىقىرىش ۋە تۈزۈم بەلگىلەش قابىلىيىتى بولۇش كېرەك.
ئىلمىي مۇدىرلار ئاساسلىقى مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرلىشى ئۈچۈن،  مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش،  ئۇنۋان ئۆستۈرۈش،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەشغۇلىيىتنى خۇلاسە قىلىش،  ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرىنىڭ ماۋسۇملۇق(ئايلىق)،  يىللىق خىزمەتلىرىنى مىقتارلاشتۇرۇپ باھالاش، سېلىشتۇرۇش،  ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇش (سايلاش) قاتاتارلىق جەھەتلەردە، ھەر ۋاقىت چوڭ ئومومىلىقنى كۆزدە تۇتىشى، بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە نىسپەتەن پايدىسى، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولغان قارارلارنى چىقىرىشى،  مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپى ئەزالىرى يىغىنىدا(ياچېيكا يىغىنىدا) ئۆز كۆزقارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇشى، چوڭ- كىچىك  ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى  مەكتەپ  مۇدىرىغا قارا- قويۇق دوكىلات  قىلىۋەرمەي،  مېغىز بىلەن شاكالنى ئايرىپ،  ئىنچىكە ھالقىلارغا  دىققەت قىلىپ،  ئۆزى  مۇستەقىل تۈزۈم بەلگىلىشى ھەم ئۇنى جانلىق ئىجرا  قىلىشى كېرەك. ھەم ئۆزىگىمۇ تەلەپنى يۇقۇرى قويۇپ، تەشكىلى تۈزۈم كۆزقارىشى جەھەتتە باشقا ئادەتتىكى  ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.ئۇنداق بولمايدىكەن خىزمەتلەر شۆھبىسىزكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، نورمال تەرتىپ بۇزۇلىدۇ،  باشقا  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ  سۇسلىشىدۇ.

5. ئىلمى مۇدىرلار  تۈرلۈك پىلانلارنى تۈزۈشكە ماھىر بولۇش لازىم.
كونىلاردا :‹‹پىلانسىز ئىش- قېلىپسىز خىش››دىگەن گەپ بار، شۇڭا يىللىق، ماۋسۇملۇق، پەسىللىك،  ئايلىق،( ھەپتىلىك)  ئوقۇتۇشقا  مۇناسىۋەتلىك  پىلانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلمى مۇدىرلار ئەتراپلىق، كونكىرىت، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا  بىر قوللۇق  ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىشى، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر تالاي سىياسى تەشۋىقاتلار دۆۋىسى ھەم قۇرۇق سەپسەتىلەر  بولۇپ قالماسلىقى، ئالدىنقى بىر مەزگىللىك ئىشلىنىپ بولغان خىزمەتلەر پىلاننىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسى بولماستىن  بەلكى،  ئۇ كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان بولۇشى،  چوقۇم ئورۇنلاش ئىھتىمالى  يۇقۇرى،  مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن خىزمەتلىرىنى سېستىمىلىق قانات يايدۇرۇشتا  باسقۇچ خاراكتىرلىك يېڭىلىق  يارىتالايدىغان دەرىجىدە  تۈزۈلىشى  لازىم.
دىمەك،  پىلان ھەممە خىزمەتنىڭ ئاساسى، پىلاننىڭ كونكىرىت ، جانلىق تۈزۈلۈشى دائىملىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كاپالىتى،  مۇكەممەل تۈزۈلگەن  پىلان جەزمەن ئىشلىرىمىزنى   مۇكەممەللىككە  ئېلىپ  بارىدۇ.

6.دەرىس سەتكىسنى ئىلىمى تۈزۈشكە ماھىر بولۇش لازىم.
دەرىس سەتكىسى ئىلمى بولۇش دىگىنىمىز – خاتاسىز بولۇش،  سېستىمىلىق بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش،  ئۆز-ئارا توقۇنۇشۇپ قالماسلىق،  ئوقۇتۇش پىرۇگىراممىسىنىڭ تەلىپىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بېرەلەيدىغان  بولۇش،   ئىمكانىيەتنىڭ  بارىچە   بىر دەرىسنى  ئارقىمۇ- ئارقا،  قوش ئورۇنلاشتۇرۇشتىن  ساقلىنىش  دىگەنلىكتۇر.        
      ئىلمى مۇدىرلار دەرىس سەتكىسى  تۈزۈشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ،  ئوخشىمىغان زىدىيەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ،  سىنىپ،  ئوقۇتقۇچى سانى كۆپ بولغان چوڭراق مەكتەپلەردە  تېخىمۇ شۇنداق.  سەتكە تۈزۈشمۇ خۇددى ئۆي- ئىمارەت  سالغاندا بىر خىش- بىر خىشتىن قويغانغا ئوخشايدۇ.  شۇڭا ئىلمى مۇدىرلار سەتكە تۈزۈش جەريانىدا قايسى سىنىپنىڭ،  قانچىنچى يىللىقنىڭ،  قايسى دەرسىنى  قانچىنچى سائەتكە  ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوبدان ئويلىشىشى، ئاساسى پەنلەر بىلەن قوشۇمچە پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى، رەسىم،  مۇزىكا،  تەنتەربىيە،  يەرلىك دەرىس،  مەكتەپ دەرسى قاتارلىق  دەرىسلەرنىڭ سەتكىسىنى چۈشتىن بۇرۇنغا (1-2- سائەتكە) ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇندىن باشقا يەنە دەرىس سەتكىسى تۈزۈشتە ئىلمى مۇدىرلار يېڭى دەرىىسلىك ئۆلچىمى،  يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى،  ئوقۇتۇش پىرۇگىراممىسىغا ئائىت  بىلىملەردىن  تولۇق خەۋەردار بولۇشى،  قايسى دەرىس  قايسى يىللىققا  قانچە سائەت  ئۆتۈلىدىغانلىقىدەك  ئاددى، ئەمما  مۇناسىۋەتلىك  بولغان ئۇقۇملار ھەققىدە ئېنىق چۈشەنجىگە  ئىگە  بولۇش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا ھەر كۈندە، ھەر ھەپتىدە،(ھەر ئايدا) سەتكە ئۆزگەرتىدىغان  ئەھۋال كېلىپ  چىقىدۇ- دە ئوقۇتۇشنىڭ نورمال تەرتىۋى قالايمىقانچىلىققا ئۇچراپ،   دەرىس  ئۆتۈلمەي  قېلىش  ئەھۋاللىرى سادىر بولىدۇ.ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ  ئېغىرراق  ئەھۋاللار يۈز  بېرىدۇ.

7.ئىككىنجى دەرىسخانا ۋە باشقا ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش قابىلىيىتى بولۇش كېرەك.
مەكتەپلەردە ئىككىنجى دەرىسخانا پائالىيەتلىرى ھەم تۈرلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەرنىڭ سالمىقىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئىلمى مۇدىرلارمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىدىكى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر  تونۇپ،  ئالدىن پىلانلاش بىلەن بىرگە،  ھەرقايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرى تۈزگەن  يىللىق،  ماۋسۇملۇق پىلانلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە،  بەلگىلىك ئۈنۈمى بولغان مەزمۇنى رەڭدار،  شەكلى خىلمۇ- خىل،  قىزىقارلىق، ئۇلارنىڭ  زېھنى قۇۋىتىنى ئاشۇردىغان ، تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان (قوزغايدىغان)، ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنىڭ  مەزمۇنىغا ماس كەلگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ  بېرىشقا ياخىشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە  يېتەكچىلىك  قىلىشى لازىم. تۈرلۈك بايرام،  خاتىرلەش كۈنلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماي ، يىللىقلار گۇرۇپىلىرى  بويىچە، پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرى بويىچە  ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرى،  مەشرەپ - كۆڭۈل ئېچىش، زېھىن سىناش،  نەخ مەيداندا ماقالە يېزىش،  ئىمتىھان مۇسابىقىلىرى،  تۈرلۈك كۇرژۇكتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماھارەت مۇسابىقىلىرى،  نۇتۇق سۆزلەش،  مودىل ياساش،  رەىسم،  ھۆسىن خەت. .......قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا بالىلار بايرىمى، نورۇز بايرىىمىنىمۇ مەكتەپ خاراكتىرلىك چوڭ پائالىيەت قاتارىدا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ،  ئۆتكۈزۈشكە ئىلمى مۇدىرلار ياخشى كۈچ  چىقىرىشى  كېرەك.

8.مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىق- دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇشقا ئەھمىيەت  بېرىش كېرەك.
ئىلمى مۇدىرلار ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ باشقا  قوشنا مەكتەپ،  قوشنا ناھيە،  مۇمكىن بولسا قوشنا ۋىلايەتلەرگىچە  بېرىپ، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك  مەكتەپلەر بىلەن دوستلۇق- ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى، ئۆز- ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇشى، تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى،  ئارتۇقچىلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ  ئۆگۈنىشى،  باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى  مۇكەممەللەشتۈرۈشى ،   تۈرلۈۈك ئىتىۋار بېرىش- يولغا قويۇش سىياسەتلىرىدىن  تەڭ  بەھرىمان بولۇشى، ‹‹مىنىڭلا راست››دەپ پۇتىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش  ئىددىيىسىدىن ساقلىنىشى تولىمۇ زۆرۈر. مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ۋاقتى قەرەلدە ئېلىپ بېرىپ، ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ  نۆۋەتتىكى  مائارىپ ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىشكە ئاساس سېلىش كېرەك.

9.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش قابىلىيىتى بولۇش  لازىم.
يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى  يۇقۇرى دەرجىلىك  مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ھەرقايسى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ ، كەسپى مەكتەپلەرگە كىشىنى خوشال قىلارلىق دەرجىدە قىممەت باھالىق يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ بەردى. ئىلمى مۇدىرلار بۇخىل خەيرىخاھلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى،  رولىنى چوڭقۇر تونۇپ  ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشى،ئىشلىتىشنى – خۇسۇسىيىتىنى مۇكەممەل بىلىدىغان خادىملارنى ئۇنى باشقۇرۇشقا  قويۇشى، قىممىتى بار بىلىم- ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا  چۈشۈرۈپ قەرەرلىىك، پىلانلىق ھالدا قوللۇنىشى، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن چۈشۈرۈپ پايدىلانغان بارلىق ئۇچۇر –  ماتىرىياللارنى  مۇندەرىجىلەشتۈرۈپ،  ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلىشى لازىم.

10.ئوچۇق دەرىس ئۇيۇشتۇرۇش قابىلىيىتى بولۇش لازىم.
مەكتەپلەردە ئوچۇق دەرىس ئۇيۇشتۇرۇش (ئۆتۈش)، نورمال خىزمەت  تەرتىۋى ھېساپلانسىمۇ، لىكىن، ئىلمى مۇدىرلار بۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرى ۋە ھەرقايسى يىللىقلارنى ئاساس قىلىپ،  ئوچۇق دەرىسنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى  مەكتەپ بويىچە ئۆلگىلىك،  مۇسابىقىلىق دەرىسلەرنى  شۇ دەرىس ئوقۇتقۇچىسىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ  ئېلىپ  بارغاندىن باشقا، قەرەرلىك- قەرەلسىز ھالدا  يېپىق دەرىسلەرنىمۇ كۇچ تەشكىللەپ ئاڭلاپ كۆرۈشى لازىم. ئۆتمەكچى بولغان ئوچۇق دەرىسلەرنىڭ پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ،  بارلىق دەرىسلەرنى بىر ھەپتىگە، ياكى بىرەر ئايغا جۇغلىۋالماي،  ماۋسۇمغا  تارقاقلاشتۇرۇپ ئېلىپ  بېرىشى، ئۆتۈلگەن دەرىسلەرگە توغرا، لىللا باھا بېرىپ  ھەقىقى ئەلالىرىنى تاللاپ چىقىشى،  مۇكاپاتلاشقا تېگىشلىكلىرىنى مۇكاپاتلىشى،  باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىنى، ( قويغان نومىرلىرىنى) خالىغانچە باشقىلارغا  ئاشكارىلاپ قويماسلىقى،  بۇ ھالدا كېلىپ چىقىدىغان زىدىيەتنىڭ  ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر.

11.يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشكە  ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
يېڭى ئوقۇتقۇچىلار – يېڭى قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن،  ئۇلارنىڭ خىزمەت  تەجىربىسى كەمچىل، مەسىللەرنى تەھلىل قىلىشى نىسپەتەن يۈزەكى، ئىش ئورنىغا  ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن، تەشكىلى تۈزۈم كۆزقارىشى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، يىراقىنى كۆرەرلىك ئىددىيسىى  ئاجىز بولغاچقا،  ئىلمى مۇدىرلار ئۇلارنى ئۆزىدىكى سەۋەنلىك  ھەققىدە  سەگەكلىك بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشى،  مەكتەپنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىشى،  پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرىشى، ئۇلارنىڭ  خىزمىتىگە ئىلھام بېرىشى لازىم.  ھە دىسىلا ئەينى يىللاردىكى جاپا – مۇشاقەتنى سۆزلەپ(بىز ئۇنداق ئىشلىگەن،  بۇنداق ئىشلىگەن، ئانچە سائەت دەرىس ئۆتكەن ، مانچە سائەت دەرىس ئۆتكەن دەپ) ۋەز – نەسەھەت ئېيىتماسلىقى لازىم.  
دىمەك، ئىلمى مۇدىرلار مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك  ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى،  ھەرگىزمۇ ئالاھىدە بولۇۋالماسلىقى،  ھەممىگە ئوخشاش نەزەدە قارىشى،  ئاكتىپ- دادىل بولۇشى،  قائىدە تۈزۈملەرنى پىرىنسىپ بويىچە ئىجرا قىلىشى،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەتىنى قوغدىشى،  مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى،  ئۆز خىزمىتىگە جان كۆيدۈرىشى،  يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ۋە  يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولۇشى، ئۆگىنىشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.شۇنداق قىلغاندا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى تەرتىپلىك يۈرۈشىدۇ، ئىلمى مۇدىرلارمۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئالدىدىكى ئىناۋەت- نوپوزىنى تىكلەپ ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئىستىقباللىق ھايات مۇساپىسىگە داغدام يول ئاچالايدۇ.
مۇھەممەد ئەخمىدى ئوغلان(يەكەن ناھىيىلىك 1.ئوتتۇرا مەكتەپتىن)  
         

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +4تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 4 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-14 00:20:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم  ئامانجان ياخشى تەھرىرلىنىپتۇ، بۇ ماقالام ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››  دا ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش