| ئىككى شېئىر مۇھەممەد ئەخمىدى ئوغلان گۈل ئانا تۇپراق كۆكسىدىن ئۈندۈڭ، ۋە يېتىلدىڭ كۆركەم- چىرايلىق. سولاشمىدىڭ بوران-چاپقۇندا، كۆڭۈللەرگە بېرىپ ئاراملىق.
سۆيەر نازۇك لىۋىڭگە شەبنەم، سۈبھىدەمدە ۋەسلىڭگە قېنىپ. گۇۋاھچىسى ناخشىچى تورغاي، مۇھەببىتى ئوت بولۇپ يېنىپ.
سىنى تىمسال قىلاي ھاياتقا، غۇنچىسىنى قىران ياشلىقنىڭ . سوۋغىسى سەن ئەبەدىل-ئەبەت، سەدايى بوپ يۈرگەن ئاشىقنىڭ.
ئانا كۆكلەپ چىقتىم قىزىل گۈل بولۇپ، يۈرىكىڭدىن جانىجان ئانا. مىھرىڭ بىلەن سۇغاردىڭ ئاسراپ، زەپ چىرايلىق ئېچىلدىم مانا.
ئەزىم دەريا ئاقار دولقۇنلاپ، ئىككىمىزنى چاتقان سۆيگۈدە. دەريا دىمەك مېھرىڭدۇر-مېھىر، شۇڭا ئۇتۇپ چىقتىم بەيگىدە.
سىنىڭ كۆڭلۈڭ تۇمانسىز ئاسمان، مەن ئۇنىڭدا پەر سىلكىگەن قۇش. ۋۇجۇدۇڭدىن پارلايدۇ قوياش، يۇلتۇزلىرىڭ (باغرىڭدا بىھۇش). مۇھەممەد ئەخمىدى ئوغلان(يەكەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
|
|