ئاتامنىڭ غورورى بار غورورۇمدا
مۇھەممەد ئەھمىدى ئوغلان
سول تارتىپ ماڭغىنىم راس سەپ ئالدىدا، ئاتامنىڭ غورورى بار غورورۇمدا. يىگىتلىك خىسلىتىم شۇ- مەردانىلىك، ئاتامنىڭ قىنى ئاققاچ تومورۇمدا.
كۈيلەيمەن شۇڭا مەرتلىك- ساداقەتنى، خۇيۇمغا ياتتۇر مەڭگۈ لايغەزەللىك. يۈرەكنىڭ يالقۇنجىشى تەڭ قۇياشقا، شۇ ئاتەش ئىچىرە مەۋجۇت چىن گۈزەللىك
ئاتامدىن ئاڭلىغانتىم سەبىلىكتە، چىن تۆمۈر چۆچىكىنى - قىسسىنى. شۇ مىسران قىلىچ كەبى ئەقىل تاپتىم، تىلەيمەن يۇلتۇزلاردەك چاقنىشىنى.
بۇ ھايات سەپىرىمدە لەپىلدەيدۇ، تۇغ بولۇپ ھۇجۇدۇمدا سەمىميىلىك، ئاتامنىڭ روھى مەڭگۈ ئەمىن تاپقاي، ياشىسام يىتىلدۈرۈپ ئادىميلىك.
ھالقىسام تاغلاردىن شاتلاندى ئانام، ئالدىمدا نۇرانە گۈزەل كېلەچەك. تارالىسا ئەجرىمدىن ئەلگە قۇت- ئامەت، شۇ يوسۇن ئارمانىم ئاچقاي گۈل- چىچەك.
يەكەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن) |