| دەرس ئۆتۈش، دەرس ئاڭلاش، دەرس باھالاش قاتارلىقلار ھەر بىر ئوقۇتقۇچى دائىم شۇغۇللىنىپ تۇرىدىغان مۇھىم ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپە ئادا قىلىش ئۈچۈنلا دەرس ئاڭلايدىغان، دەرس ئاڭلىغاندا نىمىلەرنى قانداق خاتىرلەشنى تازا چۈشىنىپ كىتەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. دەرس ئاڭلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن، باشقىلارغا ئازراق پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. 1. دەرس ئاڭلاشنىڭ مەقسىدى، پىلانى ۋە تەلىپى ئىنىق بولىشى كىرەك. يەنى دەرسخانىغا مەلۈم مەسىلىلەرنى نىشان قىلىپ كىرىش كىرەككى، ھەرگەزمۇ ئالۋاڭ –ياساق ئورنىدا كىرمەسلىك كىرەك. 2. دەرسلىك، مەكتەپ ۋە دەرس ئۆتمەكچى بولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى چۈشىنىش كىرەك. 3. دەرس ئاڭلىغۇچى بىلەن دەرس ئۆتكۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كىرەك. ئەقەللىسى دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانادىكى ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن: 1) دەرسكە كىچىكىپ كىرمەسلىك، دەرستە مۈگىدەپ ئولتۇرماسلىق، تىلفون ئۇرماسلىق، قوبۇل قىلماسلىق، باشقىلار بىلەن پاراڭ سىلىشماسلىق كىرەك. دىققەتنى دەرس مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئاڭلاش، كۈزىتىش، خاتىرە قالدۇرۇش، پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك. 2) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگنىش قىلىشى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتىشىگە دەخلى قىلماسلىق كىرەك. 3) «ئاساسلىق پەن»، «قوشۇمچە پەن»، «داڭلىق ئوقۇتقۇچى»، «ناچار ئوقۇتقۇچى» دەپ تاللاپ يۈرمەي، ھەممە پەن ۋە ھەممە ئوقۇتقۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلغان ھالدا دەرس ئاڭلاش كىرەك. 4. پىداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى، مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ دەرس ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە چۈشنىش كىرەك. 5. ئاڭلاش، كۆرۈش، خاتىرىلەش ۋە پىكىر يۈرگۈزىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈ كىرەك. 1) نىمىنى ئاڭلاش كىرەك؟ (1) ئوقۇتقۇچىنىڭ يېڭى دەرس ئىدىيىسىنى، ئۇسۇلىنى ۋە تەلىپىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ياكى ئەكىس ئەتتۈرمىگەنلىكىنى ئاڭلاش كىرەك. (2) مۇھىم، قىيىن نوقتىلارنىڭ گۋدىلەنگەن ياكى گەۋدىلەنمىگەنلىكىنى، تەپسىلىي سۆزلەش بىلەن قىسقارتىپ سۆزلەشنىڭ مۇۋاپىق بولغان- بولمىغانلىقىنى ئاڭلاش كىرەك. (3) دەرسخانا تىلىنىڭ راۋان بولغان-بولمىغانلىقىنى، ئىپادىلەشنىڭ ئىنىق-خىرە بولغانلىقىنى ئاڭلاش كىرەك. (4) ئىلمىي خاتالىق بولغان-بولمىغانلىقىنى ئاڭلاش كىرەك. (5) يېڭىلىق يارىتىلغان-يارتىلمىغانلىقنى ئاڭالاش كىرەك. (6) ئوقۇتقۇچىنىڭ تەپەككۈرىنىڭ چوڭقۇر-تىيىزلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىشىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئاڭلاش كىرەك. 2) نىمىلەرنى كۆزۈتۈش كىرەك؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىك رولىنىڭ جارىي قىلدۇرۇلىشى، ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسخانىنىڭ خوجايىنلىق رولىنىڭ جارىي قىلدۇرۇلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزۈتۈش كىرەك. 3) نىمىلەرنى خاتىرلەش كىرەك؟ ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئوقۇتۇشنى باھالاشتىكى پىكىرلەرنى خاتىرىلەش كىرەك. نىمىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىش كىرەك؟ قانداق مەسىلە بارلىقى، بۇ مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى، قانداق تۈزەتكەنلىكى، قانداق يېڭى ئوقۇتۇش ئىدىيىسى بولغانلىقى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش كىرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلىدۇ، باشقىچىرەك بىر تەرەپ قىلسا بولامدۇ يوق؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك تەرەپلەر ۋە خاتالىق يۈز بەرگەن تەرەپلەر قايسى، ئۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ھەمدە ئۇنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرى دىگەنلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش كىرەك. ئەگەر بۇ دەرسنى مەن ئۆتكەن بولسام قانداق قىلار ئىدىم، ئەگەر مەن ئوقۇغۇچى بولسام دەرس مەزمۇنىنى چۈشىنىپ ئىگىليەلەمدىم يوق دىگەنلەرنى ئويلىشىش لازىم. يېڭى دەرس ئىدىيىسى، ئۇسۇلى، تەلىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قانداق ئەۆىس ئەتتۈرۈلىشى كىرەك ھەمدە ئۇنى قانداق قىلغان ئوقۇتقۇچىنىڭ دائىملىق ئوقۇتۇش ھەركىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ دىگەنلەر ئۈستىدە ئويلىشىش كىرەك. بۇ سائەتلىك دەرس شۇ دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇرمال شارائىتتىكى ئوقۇتۇش شارائىتىدىكى سەۋىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىلىدىمۇ يوق، ئەگەر دەرس ئاڭلىغىلى كىرگەنلەر بولمىغان شارائىتتا، ئوقۇتقۇچى دەرسنى يەنىلا مۇشۇنداق ئۆتەمدۇ؟ دىگەنلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش كىرەك. 6. دەرس خاتىرىسىنى ئەستايىدىل قالدۇرۇش كىرەك. دەرس ئالىغاندا خاتىرىلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ ئاساسلىق ياكى قوشۇمچە تەرەپلىرىنى ئىنىق ئايرىش، مۇھىم نوقتىلارنى نوقتىلىق خاتىرىلەش ھەمدە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن قايتا ئويلىنىش قىلىش ئارقىلىق دەرس ئاڭلاش ىاتىرىسىنى قايتا رەتلەش ئارقىلىق ئەقلى تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ، تەھلىل قىلىپ، خۇلاسە قىلىپ، ئارتۇقچۇلۇقلارنى قوبۇل قىلىپ يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىش كىرەك. 7. دەرس ئاڭلاش دوكىلاتىنى شەكىللەندۈرۈش كىرەك. دەرس ئاڭلاش مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان دەرس ئاڭلاش ۋەزىپىسىنى تامالاش ئۈچۈنلا بولۇپ قالماسلىقى، باشقىلارغا ياخشىچاق بولىمەن ياخشى تەرەپلەرنىلا سۆزلەپ، «كىسەللىك» لەرنى يوشۇرۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ مۇھىمى دەرس ئاڭلاش باشقىلارنىڭ ئەدىپىنى بىرىش بولۇپ قالماستى بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش مەقسەت قىلىشى كىرەك. تەتقىقاتچى قەلەم تەۋرەتتى
|
|