دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى رېئاللىق ئېلىمىزدە دەۋر تەلىپىگە ماس ھالدا بىر نەچچە قېتىم دەرس ئىسلاھاتى ئىلىپ بېرىلىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىمىزغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى دەرسخانا ئوقۇتۇشىمىزدا يېڭى دەرس ئىسلاھاتى تېگىشلىك ئورنىنى تاپالمايۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا قارىتا يەنىلا ماھارەت ۋە پاراسەت، بىلىم ۋە ئىقتىدار، قىزغىنلىق ۋە دىت، قىممەت قارىشى كەمچىل بولغاچقا، دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىمىزدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش، نەتىجە بولمايۋاتىدۇ. ھازىر، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساپا مائارىپى ئۆز ئىپادىسىنى تىپىپ، ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدا بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى . لېكىن، مىللىي ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنى ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشماسلىقى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەشكە دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن، دەرسخانىلىرىمىزدا نۆۋەتتىكى يېڭى دەرس تەلەپ قىلىدىغان ‹‹مەھسۇلاتلار›› كەم، كونا، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن قېپقالغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا. ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش – ھازىرقى ساپا مائارىپىنىڭ جىددىي تەلىپى بولۇپلا قالماستىن، كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ جىددىي تەلىپى، جەمئىيەت ئىلىم – پەن تىپىدىكى ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىگە ۋە تېخنىكا تىپىدىكى ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىگە موھتاج، مەكتەپلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئەلۋەتتە، ئىجادچانلىق روھىغا باي، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا موھتاج . تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھازىر، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار كۆپۈيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىز، ئومۇمىي ئىجادچانلىق روھى يېتەرلىك ئەمەس. گېرمانىيەلىك مائارىپچى سىپرانگېر مۇنداق دېگەن: ‹‹مائارىپنىڭ مائارىپ بولۇپ تۇرالىشى، ئۇنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىنى ئويغىتالىغانلىقىدىندۇر. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىكى تېخى ئويغانمىغان بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىكىنى قانداقمۇ ئويغىتالىسۇن؟ ئوقۇتقۇچىلاردا ئىجادچانلىق روھى بولمىسا، قانداقمۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا ئىجادچانلىق روھىنى يېتىلدۈرەلىسۇن؟>> قارايدىغان بولساق، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە ساپا مائارىپى يولغا قويۇلۇۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىي دەرسخانا ئوقۇتۇشىمىزدا يەنىلا كونا ئۇسۇلدا دەرس ئۆتۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىش، ئويلىنىش، سوئال خاراكتېرلىك يېتەكلەشتىكى يېڭىلىق يارىتىشى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ پۇختا تەييارلىق قىلمايدۇ، ئىزدىنىش – دەرسلىكنى تەتقىق قىلىش روھى كەمچىل، مانا مۇشۇ سەۋەبلىك، يېڭى دەرسلىكنىڭ تۈپ تەلەپلىرى دەرسخانا ئوقۇتۇشىمىزدا تېگىشلىك ئورنىنى تاپالمايۋاتىدۇ . دەرس ئىسلاھاتى – مائارىپ ساھەسىدىكى بىر چوڭ ئىنقىلاپ، شۇڭا بۇ ئىسلاھات دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئوت يۈرەك مائارىپچىلارغا موھتاج، ھازىرقى دەۋردىكى مائارىپىمىز يېڭىلىق يارىتىشنى، چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنى، ئۈزلۈكسىز بىلىم يېڭىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان، ياش – ئۆسمۈرلەرنى خىرىس ۋە رىقابەتكە تولغان يېڭى دەۋرگە ماسلىشالايدىغان ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان، كۆپ قىرلىق بىلىم ۋە ساپاغا ئىگە ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ زاماننىڭ، دەۋرنىڭ يېڭىلىنىشىدىن دېرەك بىرىدۇ، ئوقۇتقۇچى يېڭى زامان، يېڭى دەۋرنىڭ ئەلچىسى، ھەممە مەۋجۇدات ئوقۇتقۇچى بىلەن يېڭىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، دەۋر بىزگە يارىتىپ بەرگەن ئەۋزەل شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىپ، ئۆزىمىزنى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، دەرسخانا ئوقۇتىشىمىزنى دەۋرگە ماسلىشالايدىغان ھەقىقىي ياراملىق ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مائارىپ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمىز كېرەك.
مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى |