بەدىنىڭىزدىكى ئەزالارنىڭ قايسى ۋاقىتتا، نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
تۇرمۇشىمىزدا ئۈچ ۋاق تاماق يېيىشنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى، خىزمەتكە، مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى بولغىنىدەك، بەدىنىمىزدىكى ئەزالىرىمىزنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا خىزمەت ۋاقتى بولىدۇ. ئۇنداقتا، سىز بەدىنىڭىزدىكى ئەزالىرىڭىزنىڭ سائەت قانچىدە نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقامسىز؟ ھەرقانداق تىپتىكى بىئولوگىيىلىك سائەتنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئىش-ھەرىكەت، بەدەنگە ئاجايىپ غەلىتە كېسەللەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، 20~30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلغان بىلەن ئاللىبۇرۇن كېچىككەن بولىدۇ. شۇڭا تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، بەك كەچ ئۇخلاشتەك ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، بەدىنىڭىزنىڭ تولۇق ئارام ئېلىشىغا ئاساس سېلىشىڭىز لازىم. ▲كەچ سائەت 9 دىن 11 غىچە لىمفا سىستېمىسىنىڭ زەھەر تاشلاش ۋاقتى. بۇ ۋاقىتتا تىنچ تۇرۇش ياكى مۇزىكا ئاڭلاش كېرەك. ▲كەچ سائەت 11 دىن سەھەر سائەت 1گىچە جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ۋاقتى بولۇپ، بۇ جەريان ئۇيقۇ ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ▲سەھەر 1 دىن 3 كېچە ئۆتنىڭ زەھەر تازىلاش ۋاقتى بولۇپ، بۇ جەريانمۇ ئۇيقۇ ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ▲سەھەر سائەت 3 دىن 5 كىچە ئۆپكىنىڭ زەھەر تازىلاش ۋاقتى بولۇپ يۆتەل بولغان ئادەم مۇشۇ ۋاقىتتا ئەڭ قاتتىق يۆتىلىدۇ، سەۋەبى زەھەر تازىلاش ھەرىكىتى ئۆپكىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق ئۈچۈن يۆتەل توختىتىش دورىسى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ▲سەھەر سائەت 5 دىن 7 گىچە چوڭ ئۈچەينىڭ زەھەر تازىلاش ۋاقتى بولۇپ، ھاجەتخانىغا بېرىپ چوڭ تەرەپ قىلىش كېرەك. ▲ سەھەر سائەت 7 دىن 9 غىچە ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ۋاقتى. بۇ ۋاقىتتا ئەتىگەنلىك تاماق يېيىش كېرەك. داۋالانغۇچى بىمارلار ئەڭ ياخشىسى 6 يېرىمدىن بۇرۇن يېيىش كېرەك. كۈتۈنگۈچىلەر 7 يېرىمدىن بۇرۇن يېيىش كېرەك. ئەتىگەنلىك تاماق يېمەيدىغانلار بۇ خىل ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، 9~10 دا بولسىمۇ تاماق يېيىش يېمىگەندىن كۆپ ياخشى. ▲ يېرىم كېچىدىن سەھەر سائەت 4 كىچە يۇلۇننىڭ قان ئىشلەش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا چوقۇم ئۇخلاش كېرەككى تۈنەشكە بولمايدۇ.
مەنبە: ئۇلىنىش تورى |