كۆرۈش: 610|ئىنكاس: 4

ئەر-ئاياللىق نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۈچ باسقۇچ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەر-ئاياللىق نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۈچ باسقۇچ

ئىككى ياش يېڭى نىكاھ تۇرمۇشىنى باشلىغاندا بېشنىڭ باش، ئايىغىنىڭ تاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، قىسمەن ئەر-خوتۇنلار ھەقىقەتەنمۇ ئارزۇسى بويىچە بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم ئەر-خوتۇنلار كېلىشەلمەي، نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچ بولىدۇ، مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپلا كەتسە، نىكاھى مۇستەھكەملىنىدۇ.

1. توي قىلغان تۇنجى يىلى. قىز -يىگىت تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئېلىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە كۆنەلمەي بىئارام بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈپ پۇشايمانمۇ قىلىدۇ. خوتۇنى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قىسمەن ئەرلەر تالاغا قاراپ قالىدۇ، مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى نىكاھ بۇزۇلىدۇ.

2. تويدىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلى. قىز بىلەن يىگىت قايناق مۇھەببىتنىڭ كۈچىدە تويدىن كېيىنكى تۇنجى يىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، ئۇنداقتا يات جىنىسلارنىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ مۇھەببەتكە تەرەققىي قىلىپ تاكى بىر-بىرىدىن زېرىكىدىغان ۋاقتىنىڭ ئارانلا ئۈچ يىل بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىۋېلىشى كېرەك، يەنى ئەر-خوتۇن توي قىلغاندىن كېيىن بىر-بىرىگە يول قويۇش، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، بىر-بىرىگە بىھۇدە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۈچ يىل بەرداشلىق بەرگەن نىكاھنىڭ مۇھەببەت پۇرىقى يوقاپ، ئىككى تەرەپنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

3. تويدىن كېيىنكى يەتتىنچى يىلى. ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھى يەتتىنچى يىلىغا ئۇلاشقاندا، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، خىزمەت بېسىمى، ھېسسىياتنىڭ تەدرىجىي سۇسلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلگىرىكى قىزغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەر-خوتۇندا تاپتىن چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەر-خوتۇنلار بۇ مەزگىلدە نىكاھىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، دەيدىكەن، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى تۇتۇۋالغاندا ئۇنى كۈنبويى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا نىكاھ ساقلاپ قېلىنىدۇ. مۇشۇ باسقۇچنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ.


مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-1 19:39:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇمەزگىلدىن ئۇتۇپ،نەچچە ھەسسە قاتلىۋېتىپتىمەن.
ۋاقتى: 2015-2-1 20:36:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز بۇ ھازىرقى ياشلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان نىكا مەسىلىسى .سىز بۇجەھەتتە پىكرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويغىنىڭىزغا رەخمەت
ۋاقتى: 2015-2-4 23:45:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە  بىرى  قاپتۇ   توي قىلغان 30- يىلى   بۇ  باسقۇچ  ئەڭ  خەتەرلىك.
ۋاقتى: 2015-11-9 22:53:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،راست شۇنداق ئوخىشايدۇ،تۇرمۇشۇمدا يۇز بىرىۋاتىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش