كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 57

2015-يىللىق يېڭى يىل تەبرىكنامىسى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2015-يىللىق يېڭى يىل تەبرىكنامىسى

00.gif

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش ئەھلى، رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئەزىز دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟

پۈتۈن دۇنيا خەلقى كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان قۇتلۇق دەقىقىلەردە بايقاش مۇنبىرىمىزمۇ شانلىق نەتىجىلەر بىلەن تولغان 2014-يىلى بىلەن خوشلىشىپ، ئۈمۈت-ئىشەنچكە ۋە غەيرەت-شىجائەتكە تولغان 2015-يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بايقاش مۇنبىرىمىز يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان قىسقىغىنا ئۈچ يىل ئىچىدە رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلىرىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان كەڭ مائارىپچىلار ۋە ھەر ساھە دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئىككى تۈمەنگە يېقىن قوللىغۇچىسىغا ئىگە، ئۇيۇشقان، ئىتتىپاقلاشقان ئىجتىمائى توپقا ئايلاندى. شۇنداقلا ئەزالىرىنىڭ سەرخىللىقى ۋە تېما-ئىنكاسلىرىنىڭ پايدىلىنىشچانلىقى بىلەن رايونىمىزدىكى مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش مۇنبىرىدىكى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلار بايقاش مۇنبىرىنى يېقىندىن قوللىغان بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارغا چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللايدۇ:

بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدىكى ئەزىز دوستلار، رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان كويۇمچان باغۋەنلەر، بايقاش مۇنبىرىمىزنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھە دوستلار 2015-يىللىق يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ يېڭى يىلدا تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلارغا بەخت-ئامەت، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەر يار بولسۇن! ئۈمۈت ۋە ئىشەنچكە تولغان بۇ يېڭى يىلدا تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەت ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمىز!


baykax kalindari.01_副本.gif

01 (2).png

1.png

2.png

3.png

دوستۇم، 2014-يىلى ئاخىرلاشتى، ئەمما ئۇ قۇرۇق كەتمىدى. بۇ يىل سىزگە نۇرغۇن نەتىجە-مۇۋاپىقىيەتلەرنى، ئاز بولمىغان خۇشاللىقلارنى، ھېچ بولمىغاندا نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارنى، يېڭى ئۈمۈت، يېڭى ئارزۇ-غايىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.... نەتىجە-مۇۋاپىقىيەتلىرىڭىزدىن مەغرۇرلانماڭ! ئۆكۈنۈش-پۇشايمانلىرىڭىزدىن ئۈمۈتسىزلەنمەڭ! يېڭى يىلغا ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىڭ!! 2015-يىلىمۇ قۇرۇق كەلمەيدۇ: يېڭى يىل سىزگە يېڭى خىرىس، يېڭى سىناقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭى يىلنىڭ خىرىس ۋە سىناقلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ! يېڭى يىلنى ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋېلىڭ، سىز چوقۇم غالىپ كېلەلەيسىز! چۈنكى‹‹جاھاننىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن!››.


دوستۇم، يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە يېڭىچە بىر خىل تۇيغۇ، يېڭىچە ئارزۇ-ئۈمۈتلەر جۇش ئۇرماقتا. ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىينە، خىزمەتداشلىرىمىزغا يېڭى يىللىق تەبرىك ۋە تىلەكلىرىمىزنى يوللاۋاتىمىز.....  بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن  بايقاش مۇنبىرى ئارقىلىق مۇنبەرداشلىرىڭىزغا، رايونىمىز مائارىپ سېپىدىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا، ھەر ساھە دوستلارغا يېڭى يىللىق سالىمىڭىزنى، ئىزگۈ ھىسلارغا تويۇنغان تەبرىك-تىلەكلىرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ! گۈزەل تىلەكلەر قېرىنداشلىق، دوستلۇق مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ!!؟

0.gif

بايقاش مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +20تىللا +15تۆھپە +20شۆھرەت +20يىغىشسەۋەبى
火山 + 10 + 10 + 10 + 10قوللايمەن!
زەپەر + 10 + 5 + 10 + 10

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-1 07:43:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا يېڭى يىل ،بارلىق جاپاكەشلەرنىڭ يېڭى يىلىنى چىن كۆڭلىمدىن تەبرىكلەيمەن  يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىللىمىز بىلەن مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسىنى  يارىتايلى  يېڭى يىل دىمەڭ ئاقارغان چاچلار كۈپەيدى دىمەك ياشلىق گۈللىرىدىن بىر يوپورماق قىرقىلدى دىمەك  ،ھاياتنى قەدىرلەپ  گۈزەل كۈنلەرنى ئۆتكىزەيلى ،مەن مۇنبەردىكى بارلىق جاپاكەش ئۇقۇتقۇچى ،ئۇستازلانىڭ يىڭى يىلىنى چىن قەلبىمدىن تەبىرىكلەيمەن،رەھمەت

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +15يىغىشسەۋەبى
ئامان + 15

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-1-2 19:18:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز دوستلار، رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان كويۇمچان باغۋەنلەر،ھەر ساھە دوستلار 2015-يىللىق يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ يېڭى يىلدا تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلارغا بەخت-ئامەت، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەر يار بولسۇن! ئۈمۈت ۋە ئىشەنچكە تولغان بۇ يېڭى يىلدا تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەت ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمىز!
ۋاقتى: 2015-1-3 18:56:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئاتامان ئەپەندى ، كۆپ جاپالارنى چېكىپسىز ، يېڭى يىل دىمەك ، يېڭى ئۈمىد دىمەك . يېڭى يىلدا بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق ئۇستازلارنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تىنىگە سالامەت يار بولسۇن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +15يىغىشسەۋەبى
ئامان + 15

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-12-31 23:23:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا يىڭى يىل مەن مۇنبەردىكى بارلىق جاپاكەش ئۇقۇتقۇچى ،ئۇستازلانىڭ يىڭى يىلىنى چىن قەلبىمدىن تەبىرىكلەيمەن يىڭى يىلدا مىللى مائارىپ ئۈچۈن ئۈزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك توھپىسىنى قوشايلى !

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +15يىغىشسەۋەبى
ئامان + 15

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-12-31 23:34:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى مائارىپ ئۆچۈن ئۆزىنى ئۈن-تىنسىز بېغىشلاۋاتقان بەدەلكار مائارىپ مۇخلىسلىرىنىڭ يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ بەخت سائادەت قوينىدا ساغلام بۇلۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.



يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى
   
تۆتتاش

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى،
يانۋارنىڭلا ئاپئاق كىرپىكى.
يېڭى تاڭدا ئەل ئۈچۈن رەڭداش،
دىلكەشلەرنىڭ قەلب بىرلىكى.

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى،
ئىزلىرىمدىن قالدىم  يامانلاپ.
خۇشلۇق ئىزدەپ ماڭغان چۈشلىرىم،
ھېسلىرىمنى تۇرار قاماللاپ.

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى،
ئۆرۈلمەكتە  كالىندار بېتى.
ئېچىرقىغان قۇياش نۇرىدىن،
چاقناپ  تۇرار ئاشىقنىڭ خېتى.

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى،
ھورۇنلارغا رەھىمسىز كۈنلەر.
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ شۇنداق،
بەخت قۇچۇپ ياتامدۇ  تۈنلەر.

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى،
دېكابىردىن  ھالقىدى قۇياش.
كائىناتمۇ ياساندى قايتا،
يېڭى كۈنگە بۇلۇشۇپ مۇڭداش.

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى،
ھاياجانغا لىق  تولدى دۇنيا.
ئۇيقىسىرىغان كائىنات بىردىن،
بىر سىلكىنىپ ئۆرۈلدى ئوڭغا.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +15يىغىشسەۋەبى
ئامان + 15

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-1-1 09:34:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +15

بارلىق دوستلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن ! يېڭى يىلىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشلىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن !
ۋاقتى: 2015-1-1 11:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا يېڭى يىل ،بارلىق جاپاكەشلەرنىڭ يېڭى يىلىنى چىن كۆڭلىمدىن تەبرىكلەيمەن  يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىللىمىز بىلەن مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسىنى  يارىتايلى  يېڭى يىل دىمەڭ ئاقارغان چاچلار كۈپەيدى دىمەك ياشلىق گۈللىرىدىن بىر يوپورماق قىرقىلدى دىمەك  ،ھاياتنى قەدىرلەپ  گۈزەل كۈنلەرنى ئۆتكىزەيلى ،مەن مۇنبەردىكى بارلىق جاپاكەش ئۇقۇتقۇچى ،ئۇستازلانىڭ يىڭى يىلىنى چىن قەلبىمدىن تەبىرىكلەيمەن،رەھمەت
ۋاقتى: 2015-1-1 11:05:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا يېڭى يىل ،بارلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى يىلىنى چىن كۆڭلىمدىن تەبرىكلەيمەن  يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىللىمىز بىلەن مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسىنى  يارىتايلى .   ،ھاياتنى قەدىرلەپ  گۈزەل كۈنلەرنى ئۆتكىزەيلى ،مەن مۇنبەردىكى بارلىق جاپاكەش ئۇقۇتقۇچى ،ئۇستازلانىڭ يىڭى يىلىنى چىن قەلبىمدىن تەبىرىكلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-1-1 11:31:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ يىڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +15يىغىشسەۋەبى
ئامان + 15

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-1-1 12:02:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق دوسلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +15يىغىشسەۋەبى
ئامان + 15

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-1-1 12:42:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ جاپا چىكىپسىز ، شۇنداق ئىسىل سوۋغا بوپتۇ .
چىۋەر قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن . ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىڭ ، يىڭلىقلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +15يىغىشسەۋەبى
ئامان + 15

باھا خاتىرىسى

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش