| ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ( 2015- يىلى 8- ئاي ) 1. ۋەتەننى، پارتىيىنى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش. دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش، دۆلەتنىڭ شان-شەرىپىنى قەدىرلەش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، جوڭگو كوممىنىستىك پارتىيىسىنى قىزغىن سۆيۈش. 2. ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇش. دەرس ۋاقتىدا ئەستايىدىل دەرس ئاڭلاش، ئاكتىپ پىكىر قىلىش، خوشاللىق بىلەن ئوقۇش، ئىزدىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. 3. تىرىشچان، سەمىمىي، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇش. ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش، ئائىلە ئىشلىرىنى ئاكىتىپلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، ئەمگەك پائالىيىتىگە قاتنىشىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قىزغىن قاتنىشىش. 4. ئەدەبلىك، قانۇنغا بويسۇنىدىغان، ئەخلاقلىق بولۇش. دۆلەت قانۇنىغا، مەكتەپ ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، ئاڭلىقلىق بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرۇش، ئاممىۋى تازىلىقنى ساقلاش، ئومومنىڭ مال-مۈلكىنى ئاسراش. 5. ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش. باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، كوللىكتىپنى قىزغىن سۆيۈش، ساۋاقداشلارغا ياردەم بېرىش، كەمتەرلىك بىلەن تەنقىدنى قۇبۇل قىلىش، ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش. 6. سەمىمىىي، راستچىل، مەسئولىيەتچان بولۇش. سۆز-ھەركىتى بىردەك بولۇش، يالغان سۆزلىمەسلىك، ساختىپەزلىك قىلماسلىق، ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش، خاتالىقىنى تۈزىتىش. 7. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش. بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈمۈدۋارلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، مەدىنى تورغا چىقىش. 8. ھاياتلىقنى قەدىرلەپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش. قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، سۇ، ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قوغداش، قۇتقۇزۇشنى بىلىش، زەھەردىن يىراق تۇرۇش. 9. ئىقتىسادچىل بولۇش، ئائىلىسىگە كۆيۈنۈش. يىمەك-ئىچمەك، كىيىم –كېچەكتە بەسلەشمەسلىك، گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەرنى ئاسراش، سۇنى، ئاشلىقنى، توكنى تىجەش، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش بەرپا قىلىش.
|
|