2016-يىللىق يېڭى يىل تەبرىكنامىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش ئەھلى، رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئەزىز دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟
پۈتۈن دۇنيا خەلقى كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان قۇتلۇق دەقىقىلەردە بايقاش مۇنبىرىمىزمۇ شانلىق نەتىجىلەر بىلەن تولغان 2015-يىلى بىلەن خوشلىشىپ، ئۈمۈت-ئىشەنچكە ۋە غەيرەت-شىجائەتكە، شۇنداقلا يېڭى خىرىس ۋە يېڭى رىقابەتلەرگە تولغان 2016-يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بايقاش مۇنبىرىمىز يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان قىسقىغىنا ئۈچ يىل ئىچىدە رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلىرىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان كەڭ مائارىپچىلار ۋە ھەر ساھە دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە 25000 دىن ئارتۇق قوللىغۇچىسىغا ئىگە، ئۇيۇشقان، ئىتتىپاقلاشقان ئىجتىمائى توپقا ئايلاندى. شۇنداقلا ئەزالىرىنىڭ سەرخىللىقى ۋە تېما-ئىنكاسلىرىنىڭ پايدىلىنىشچانلىقى بىلەن رايونىمىزدىكى مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش مۇنبىرىدىكى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلار بايقاش مۇنبىرىنى يېقىندىن قوللىغان بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارغا چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللايدۇ:
بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدىكى ئەزىز دوستلار، رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان كويۇمچان باغۋەنلەر، بايقاش مۇنبىرىمىزنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھە دوستلار 2016-يىللىق يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ يېڭى يىلدا تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلارغا بەخت-ئامەت، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەر يار بولسۇن! ئۈمۈت ۋە ئىشەنچكە تولغان بۇ يېڭى يىلدا تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەت ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمىز!
دوستۇم، 2015-يىلى ئاخىرلاشتى، ئەمما ئۇ قۇرۇق كەتمىدى. 2015- يىل سىزگە نۇرغۇن نەتىجە-مۇۋاپىقىيەتلەرنى، ئاز بولمىغان خۇشاللىقلارنى، ھېچ بولمىغاندا نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارنى، يېڭى ئۈمۈت، يېڭى ئارزۇ-غايىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.... نەتىجە-مۇۋاپىقىيەتلىرىڭىزدىن مەغرۇرلانماڭ! ئۆكۈنۈش-پۇشايمانلىرىڭىزدىن ئۈمۈتسىزلەنمەڭ! يېڭى يىلغا ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىڭ!!! 2016-يىلىمۇ قۇرۇق كەلمەيدۇ: يېڭى يىل سىزگە يېڭى خىرىس، يېڭى سىناقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭى يىلنىڭ خىرىس ۋە سىناقلىرىغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىڭ! يېڭى يىلنى ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋېلىڭ، سىز چوقۇم غالىپ كېلەلەيسىز!




دوستۇم، يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە يېڭىچە بىر خىل تۇيغۇ، يېڭىچە ئارزۇ-ئۈمۈتلەر جۇش ئۇرماقتا. ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىينە، خىزمەتداشلىرىمىزغا يېڭى يىللىق تەبرىك ۋە تىلەكلىرىمىزنى يوللاۋاتىمىز..... بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن بايقاش مۇنبىرى ئارقىلىق مۇنبەرداشلىرىڭىزغا، رايونىمىز مائارىپ سېپىدىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا، ھەر ساھە دوستلارغا يېڭى يىللىق سالىمىڭىزنى، ئىزگۈ ھىسلارغا تويۇنغان تەبرىك-تىلەكلىرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ! ئىزگۈ ھىسلارغا تويۇنغان گۈزەل تىلەكلەر قېرىنداشلىق، دوستلۇق مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ!!؟
بۇ تېمىغا ئىنكاس يازغان تورداش دوستلارغا كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە ئاز بولسىمۇ 16 دانە بايقاش تىللاسى مۇكاپات بېرىلىدۇ. ھەر بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىملا ئېرىشەلەيدۇ. مۇكاپات تارقىتىش ۋاقىت چېكى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە.
(ئىنكاس مۇكاپاتىنىڭ ۋاقىت چېكى توشقانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلاش توختىتىلدى. 2016.2.5)
بايقاش مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى |