كۆرۈش: 390|ئىنكاس: 5

پىسخىكا مەسلىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
توغرا پىسخىكىلىق قاراش يېتىلدۈرۈپ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەيلى

ئىنسان تەبىئي پىسخولوگى ماسلوف پىسخىكىسى ساغلام كىشىلەر ئۆزلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان كىشىلەردۇر دەپ قاراپ،ئۆزلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر ئۆزىنى قۇبۇل قىلغان،قىسمەن مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ كونتىرىللىقىغا ئۇچرايدىغان ئۇچرايدىغان ،ھەم چوڭقۇر دوستانىلىق تۇيغۇسىغا ئېگە،ئىجاتچانلىقى بار كىشىلەردۇر دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.ئەمما بىزدىن كۆپ ساندىكىلىرىمىز ئۆزلىكىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالمايۋاتىمىز،ئۆزىمىزنى بىلەلمەيۋاتىمىز.بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ياشىشىمىزنىڭ ئاساسچىسى كىم؟دېگەننى ئويلىيالمايۋاتىمىز.ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ئەجرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز.مانا بۇ بىزنىڭ پىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىق ھەم بىر تۇسالغۇ.بىزدىكى بىر پىسخىك كېسەللىك.بىز بۇ دۇنيادا ياشاۋاتمايمىز بەلكى كېتىۋاتىمىز،بۇ يۇلىمىزدا قانچىلىك ئەگىر توقايلىقلار بار بۇنى ھىچ قايسىمىز بىلمەيمىز،شۇ جەرياندا بىر قىسىملىرىمىز بېلىپ-بىلمەي بىزنى بۇ دۇنيادا ياشاش پۇرسىتىگە ئېگە قىلغان ئاتا-ئانىلىرىمىزغا چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرنى قۇيىۋاتىمىز.ئاتا-ئانىلىرىمىزنى باشقۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى پەرزەنتلىك ئوبرازىمىزغا داغ تەككۈزىۋاتىمىز.ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بالا،بىز بولساق ئاتا-ئانىلاردەك بۇيرۇقلارنى سۇقۇۋاتىمىز،بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يۈرىگى قانچىلىك ئازاپلاندى بۇنى ئويلىمايۋاتىمىز،ئاتا-ئانىلارغا بىر بالا-قازا،بىر ۋابا بۇلىۋاتىمىز،مانا بۇ بىزدىكى ئەڭ ئېغىر پىسخىكىلىق كېسەللىك.سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار ئويلاپ كۈرەيلى،قايسى بېرىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئەجرىسىز بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشتۇق؟قېنى قايسىمىز يۈزىمىز قىزارماي،يۈرىگىمىز ئاغرىماي،ۋىجدانىمىز ئازاپلانماي تۇرۇپ،مەندە ئۇلارنىڭ ئەجرى يوق دېيەلەيمىز؟ئاتا-ئانامغا قەرزدار ئەمەس دېيەلەيمىز؟پىسخىكىسى ساغلام،ئەقلىي قابىليىتى نورمال،پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئاتا-ئانىغا بولغان مۇھاببەت يالقۇنجاپ تۇرىدۇ ئەلۋەتتە.چۈنكى بىزنىڭ تۇمۇرىمىزدىكى ئۇلارنىڭ قېنى.شۇڭا ئاتا-ئانىلارغا كۈيۈنۈش،ئۇلارنى ئاسراش،قەدىرلەش بىزدىكى مۇقەددەس پەرز ھەم قەرز.ئاتا-ئانىنىڭ بىر بالىنى قاتارغا قوشمىقى گويا يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك،نوتا كۈچەتنى پەرۋىش قىلىپ قاتارغا قوشقاندەك قىيىن بىر ئىش.ئۇلار قۇدۇق قازسا ئۇسسۇزلىقى قانىدۇ،كۈچەت پەرۋىش قىلسا مىۋىگە ئېغىز تىگەلەيدۇ.،ئەمدى بىزنى باقسىچۇ؟«تويغۇزامسەن بالا باققانغا» دېگەندەك بىر قىسىملىرىمىز ئۇلارنى قاخشىتىۋاتىمىز،يىغلىتىۋاتىمىز،بۇ بىزدەك ئەقىللىق سانىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ سادىر قىلغان خاتالىغىمىز.ئاتا-ئانا ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەردۇر،ئەللا مەزەمەخشەرى«ئاتائەڭ تۇنۇشلۇقھەم ئۇلۇغ،ئانابولسا ئەڭ تەلەپچان ۋە مېھرىبان»دېگەن ئېدى.كونىلاردىمۇ «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەتلىسەڭ،بالاڭدىن ھۆرمەت كۈرىسەن»دېگەن گەپ بار،ھەم مۇنداق رېۋايەتمۇ بار.بىر يېگىت ئاتىسىنى دەرياغا ئىتتىرىۋەتمەك بولۇپ ،ئونى ئالداپ دەريا بۇيىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.شۇ چاغدا ئاتا دەرياغا قاراپ خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن،مەيۈسلىنىپ ئوغلىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ.
بالام مەن سەندىن رەنجىمەيمەن،چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەمكەن،ئۆز ۋاقتىدا مەن ئاتامنى مۇشۇ يەردىن دەرياغا ئىتتىرىۋەتكەن،ئەمدى بۈگۈن مېنىڭ بېشىمغا كەلدى،بۇ سېنىڭ خاتالىغىڭ ئەمەس،بەلكى مېنىڭ ئازغانلىغىمنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ساۋاقداشلار يۇقارقى رىۋايەت ھەممىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە.بىز مەكتەپكە تۇنجى كىرگەندە «ئېلىپبە»دىگەن بىر كىتابنى قولغا ئېلىپ،كىتابنىڭ رەڭدارلىغىغا قىزىقىپ قارىغان ئېدۇق،ئەمما بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيتتۇق.ھازىر ئەقىلغە كىردۇق،بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلدۇق.ئاتا-ئانىمىز بىزگە ئۆمۈرۋايەت ئەجىر سىڭدۈرىدۇ،ئەمما بىزدىن ھىچقانداق تەمانى كۈتمەيدۇ،پەقەت بىزنىڭ ياخشى كۈن كۈرىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىدۇ.
ئوماق باللىرىم ئويلاپ باقايلى،ھەممىمىز بۇ سورۇندا خۇشاللىق بىلەن بەخت پەيزىنى سۈرىۋاتقان ۋاقىتتا،چاك-چاك يېرلىپ كەتكەن قوللىرى،مۈكچەيگەن بەللىرى،ئۇسسۇزلۇق ھەم توپا-تۇماندا گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرغان ھالەتتە قەتئى ۋايسىماي ئېتىزلىقلاردا ئىشلىمەكتە.چۈشتە بىز بىلىمىز ئاغرىماي ئىرىشكەن پۇللارنى ئېلىپ ھەر-خىل يىمەكلىكلەرگە تىگىشكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار سوغاق سۇ بىلەن قاتتىق نان غاجىلىماقتا.بىز ھەممىمىز تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتىمىز،ئەقلى ئىقتىدارىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئەقلىي كۈزىمىز ئاجىزلاپ بارماقتا،شۇ سەۋەپتىن ئاتا-ئانىمىزنى تىللا تۈكىلىدىغان دەرەخ ئورنىدا كۈرۈپ،ئۇلارغا ھەر-خىل سېلىقلارنى    سالماقتىمىز.ساۋاقداشلارئويلىنايلى،ئويغىنايلى،ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرايلى.بىزنىڭ ئىللىققىنە كۈلىشىمىزمۇ،مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بەللىرىنى تۇتۇپ قۇيۇشىمىزمۇ،ئاتا-ئانىمىزنى ئالاھىدە ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.قېنى بۈگۈندىن باشلاپ مەن ئاتا-ئانامنىڭ پادىشاھى دەپ ئويلىماي،قەلبىمىزدىكى ناچار پىسخىكىنى يېڭىپ،پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-10 17:56:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن كوپرەك يوللاپ تۇرۇڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-10 20:00:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە مەدەت بەرگىنىڭىزگە ،چۇقۇم تىرىشىپ ئۈمىدىڭىزنى ئاقليمەن
ۋاقتى: 2016-1-10 20:34:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<بالام مەن سەندىن رەنجىمەيمەن،چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەمكەن،ئۆز ۋاقتىدا مەن ئاتامنى مۇشۇ يەردىن دەرياغا ئىتتىرىۋەتكەن،ئەمدى بۈگۈن مېنىڭ بېشىمغا كەلدى،بۇ سېنىڭ خاتالىغىڭ ئەمەس،بەلكى مېنىڭ ئازغانلىغىمنىڭ نەتىجىسىدۇر.>>بۇ قۇرلار ناھايىتى توغرا ئىيتىلغان ،سىزگە تەشەككۇر،پىسخىكا توغرىسىدا كۆپرەك ماتىريال يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۇلگىسى.
ۋاقتى: 2016-1-10 23:07:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مەكتەپلەردە پىسخكا ئىشخانىسى باردە ئەپسۇس ياخشى ماتىرياللار يوق ئىدى. بولسا مۇشۇنداق تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي
ۋاقتى: 2016-1-11 17:55:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيىسى زەپەر ئەپەندىم مەكتەپلەردە پىسخىك مەسلىھەت بىرىش ئىشخانىلىرى بار ئادەممۇ سەپلەنگەن ئەمما  پىسخىك تەربىيە خىزمىتىدە ئىشلىگەن ئەمىلى خىزمەتلىرىمىز يىتەرلىك بولماي ئوقۇغچىلارغا ئۈسۈپ يىتىلىش ھەققىدىكى تەربىيەشۇنداقلا پىسخىك تەربىيە بىرىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغىنى يوق . بۇ خىزمەت بىزدىن يەنە داۋاملىق ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ  .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش