| 10.بەش تال ئوق ئوقۇتۇش مەزمۇنى : «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ ئارقا كۈرىنىشى،«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»ئۇرۇشىنىڭ ھەققانى ئۇرۇش ئىكەنلىگى، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»دەۋرىدىكى خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى. ئوقۇتۇش نىشانى: بېلىم ۋە ئىقدىدار نىشانى: 1.ئوقۇغۇچىلارغا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ ئارقا كۈرىنىشى،«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»ئۇرۇشىنىڭ ھەققانى ئۇرۇش ئىكەنلىگى، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»دەۋرىدىكى خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش.. 2.ئۇقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان مۇھاببەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش. 3.كۈچۈرمە جۈملە ۋە ئۆزلەشتۈرمە جۈملە ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېگە بۇلۇش. ئۇسۇل ۋە جەريان نېشانى: ئۇقۇغۇچىلارنى تېپىشماق تېپىشقا،ماقال-تەمسىل تۇلۇقلاشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر قابىليىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ.«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم،ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىم كۆرۈشكە يېتەكلەش ئارقىلىق كۈزىتىش قابىليىتى يۇقۇرى كۈتۈرىلىدۇ.كىچىك سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ھېس قىلغاننى ئوتتۇرۇغا قۇيۇش،پېكىر قىلىش قابىليىتى،يېزىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق ھەمكارلىشىش،ھېس قىلغاننى يېزىش،سۆزلەش قابىليىتى يۇقۇرى كۆتىرىلىدۇ. ھېسسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى؛ خەلقىمىزنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكىمەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى باتۇرانە كۈرىشى،باتۇرلىقى،ئۈلۈمدىن قورقمايدىغان قەيسەر روھى،ۋەتەن، خەلق مۇھاببىتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن يۇرىدىغانلىغىدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلدۇ. مۇھىم نۇقتا: ئوقۇغۇچىلارغا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ ئارقا كۈرىنىشى،«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»ئۇرۇشىنىڭ ھەققانى ئۇرۇش ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈش. . قېيىن نوقتا : ئوقۇغۇچىلارغا ئۇرۇش مەيدانىدا ئىنسان تەبىئىتىدە كۆرىلدىغان ئالاھىدە ھېسسىياتنى ھېس قىلدۇرۇش. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى : ئەستايدىل ئوقۇشقاتېپىشماق تېپىشقا،ماقال-تەمسىل تۇلۇقلاشقا،كۆرسەتمە رەسىم ۋە قىسقا فىلىمنى كۈزىتىشكە يىتەكلەش ،قوزغىتىش مۇھاكىمە سۇئاللىرى ئاساسىدا مۈنازىرىگە ئويۇشتۇرۇش،گۇرۇپپىلار ئارا ھەمكارلىشىشقا يىتەكلەش،يېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلار كىچىك گۇرۇپپىلار ئارا ھەمكارلىشىپ پىكىر يۈرگۈزۈش ،مۇھىم ئوقۇملارنى ئەستە قالدۇرۇش،مۇستەقىل كۈزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئۆگىنىدۇ. ئوقۇتۇش قۇراللىرى: «سىنىپلار ئارا راۋان»قۇرۇلمىسى،ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىم،« ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»غا دائىر سۆرەتلەر.تېپىشماق،ماقال-تەمسىل يېزىلغان كارتا. ئوقۇتۇش جەريانى ۋە مەزمۇنى : يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش. ئۇقۇغۇچىلارغا تېپىشماق،ماقال-تەمسىل يېزىلغان كارتا تارقىتىپ تۇلۇقلاشقا يېتەكلەيمەن. بىر قۇش بار قانىتى يوق ئۇچماس يۈتەلگەندە ئانىسى ئۇچسا قان ئالىدۇ غايىپ بۇلار بالىسى ئەگرى شاختا ئۇۋىسى بار نەزەر سالساڭ يېراققا لازىم بولسا جان ئالىدۇ ( ) كۆرۈنمەيدۇ قارىسى ( ) بىر ئېيىق بار ھۆركىرىسە دەھشىتى زور ھادىس نەرسە تاغ تىترەپ غۇلايدۇ تاش جەڭلەر ئارا غالىس نەرسە ھەتتا تاشنى ئاتار يېراق «تەسەۋۋۇرغا باي ئېكەن»دەپ ئاتقان تېشى ئوتقا ئوخشاش داڭلايمەن كىم جاۋاپ بەرسە( ) سۆڭگىچى ئگرى،تۈپتۈزدۇر بېلى تاپقىن سىرىنى ياماندۇر قەھرى باردۇر كۆپ خىلى يەشكىن،ئىگىلە بىلسەڭ سىرىنى،ئەجەللىك تىلى ئىقبالىڭ ئۈچۈن ساڭا تەئەللۇق،دۈشمەننىڭ جېنى تىرىش ئىلگىرلە( ) بىر نەرسە بار،تۈكۈرىكى ئوغرى قاتىل بۇزۇقلار قاڭقىپ كىتەر يېراققا ئۇ بار يەردە ئامالسىز ئىنتىزاملىق،مەيلىچە ئېلىپ ماڭار ھەتتا ئۇ تۈكۈرەلمەس بىراقلا دۈشمەننىمۇ باغلاقسىز قانداق نىمە بېلەمسىز ماڭا ئېيتىپ بېرەمسىز( ) يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ تۆۋەندىكى سۇئالار ئۈستىدە ئوقۇغۇچىلار مۇھاككىمىگە يېتەكلىنىدۇ. سىلەرچە ئۇرۇش كىشىلەرگە قانداق بالايى-.ئاپەتلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟ئۇرۇشنىڭ ھەممىسى ھەققانى ئۇرۇش ھىساپلىنامدۇ؟نىمە ئۈچۈن؟ «ئۈلۈمدىن قورقما،ئۈلەرمەن بۇلۇپ ياشاشتىن قورق »دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسى نېمە؟بۇنى قانداق ماقال- تەمسىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ؟ ھۇجۇم ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ مەشرىپى ئەمەس،ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش دېگەننى قانداق چۈشىنىسىز؟. دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كۆرسەتمە رەسىم ۋە قىسقا فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كىيىن سىلەر ئۇيغۇر تارىخىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە، ئۇرۇشلاردىن قايسىلىرىنى بىلىسلەر؟ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» قايسى ئۈچ ۋىلايەتتە پارتىلىغان ئىنقىلابنى كۆرسىتىدۇ؟ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھەققىدە: 1944- يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ۋە يەرلىك زالىم ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇمىغا چىداپ تۇرالمىغان ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم ياشلار نىلقا تاغلىرى ئارىسىغا قېچىپ كېلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ۋە يەرلىك زالىم ئەمەلدارلارغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ. ئۇلار شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۆزلىرىنى تۇتۇشقا چىققان نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى بىلەن ئېلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ، تۇنجى جەڭنىڭ غەىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئارقىدىنلا نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن قورال- ياراق ۋە ئوق-دورىلارغا ئېگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىلقا تاغلىرىدىن ياڭرىغان بۇ ئىنقىلاپ ساداسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ، شىمالىنى زىل- زىلىگە كەلتۈرۈپ، تېزلىكتە ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق 3 ۋىلايەت دائىرىسىگە كېڭىيىدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئېزىلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىىشغا ئېرىشىدۇ. شىنجاڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن بۇ ئىنقىلاپ تارىختا «3 ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسە؛ پولات نامەلۇم قىزدىن قانداق مەزمۇندىكى خەت تاپشۇرىۋالدى؟ پولاتنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىدىن پولاتنىڭ قانداق خاراكتىرىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ؟ بۇ خەتنى «قىزنىڭ جەڭچىگەيازغان مۇھەببەت خېتى» دەپلا چۈشەنسەك بولامدۇ؟ بۇ خەتنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئەگەر خەت لايىقى باربېرەر يېگىتكە ياكى ئۆي-ئۇچاقلىق كىشىگە ياكى بېرەر قىز جەڭچىگە چىقىپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى مۈمكىن؟ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان بىر يىگىت مۇنداق مەزمۇندا بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالدى.سىز چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇش پۇسىتىدىن ۋاز كېچىپ،كىيىنكى تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن ئۇقۇشقا سەرپ قىلماقچى بولغان پۇلىڭىزغا بىر يۈرۈش ئېسىل داچا،بىر دانە ئېسىل ماشىنا ئېلىپ كىلەلىسىڭىزلا ئۈزەمنى سىزگە تاپشۇرغان بۇلاتتىم. بۇ خەتنى يازغان قىز بىلەن تېكىستتىكى خەت يازغان قىزنىڭ خارەكتىرىدە قانداق پەرق بار؟بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. قىز-ئاياللارنى ئوقۇشتىن ۋەەەخىزمەت قىلىشتىن تۇسۇش قانۇنسىز دىنى پائالىيەتكە كېرەمدۇ؟ پولات تاپشۇرىۋالغان خەت پولاتقا نىسبەتەن قانداق مۇھىم رول ئوينىدى؟ شۇنىڭدىن كېيىن پولاتنىڭ روھى- ھالىتى ۋە ئەمەلىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ بۇ خەتتىن ئاشۇ قىزنىڭ قانداق خاراكتىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ؟ بۇ قېتىمقى «شىخو ئۇرۇشى» دا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەي جەڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردىمۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا رازى بولىدۇ؟ يۇقۇرىنىڭ بۇيرۇقى ئۈچۈنلىمۇ؟ «3 ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھەققانى ئۇرۇشمۇ ياكى ئادالەتسىز ئۇرۇشمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ «3 ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ ھەققانى ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى قايسى نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرۈش مۈمكىن؟ تۆۋەندىكى كۈچۈرمە جۈملىنى ئۆزلەشتۈرمە جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ مۇئەللىم بېزنى«تازلىق قىلىڭلار»دېدى. ئۇلۇغ بوۋىمىز نەۋائى«ئۈلۈمدىن قورقما،ئۈلەرمەن بۇلۇپ ياشاشتىن قورق»دېگەنىدى. (ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى تېمىلار بۇيىنچە مۇھاككىمە قېلىپ،يېزىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدۇ،بۇ ئارقىلىق ئويلىغاننى يېزىش ھەم سۆزلەش قابىليىتى ئۆستۈرۈلدۇ.) 1-گۇرۇپ:ئەگەر كەلگۈسىدە مۇھاببەت مەسىلىسىگە دۇچ كەلسىڭىز قانداق شەرتلەرنى قۇيىشىڭىز مۈمكىن؟ 2-گۇرۇپ:سىزنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە قۇربان بولغان چەڭچىلەرگە قانداق يۈرەك سۈزىڭىز بار؟ 3-گۇرۇپ:ئەسەرنى ئۇقۇغاندىن كېيىن قانداق قىلىش ئىرادىسىگە كەلدىڭىز؟ 4-گۇرۇپ:ئەتراپىڭىزدىكى جەمىيەت ئامانلىقى ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇۋاتقان جەڭچىلەرگە قانداق يۈرەك سۈزىڭىز بار؟ دوسكا لاھىيىسى؛ 10.بەش تال ئوق تۇردى سامساق خەت يازغان قىز؛ھاياتتىن،مۇھاببەتتىن ئازاتلىقنى ئەلا بىلىدىغان،ۋەتەننىڭ،مىللەتنىڭ بەختىنى ئۆزىنىڭ بەختى ھېساپلايلايدىغان،ئالىي جاناپ خىسلەتكە ئېگە. پولات؛ساۋاتسىز بولسىمۇئەركەكلەرگە خاس غۇرۇرغا ئېگە،باتۇر،قەيسەر خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا رازى ئەركەكلىرىمىزنىڭ تىپىك ۋەكىلى. تاپشۇرۇق: دەرسخانا مەشقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنى ئىشلەپ كېلىڭ. سىز ئەسكەرلىككە قاتنىشىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر ئەسكەرلىككە بېرىپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ دەرستىن كېيىنكى ئويلۇنۇش؛
|
|