كۆرۈش: 151|ئىنكاس: 0

دەرس تەييارلىقى 2-يىللىق ئاخىرقى دەرس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجىرىبە دەرسلىگى

تىل-ئەدەبىيات
(8-يىللىقلار 1-قىسىم)

دەرس تېمىسى:
6.ئاخىرقى دەرس






ئوتتۇرا مەكتەپ2-يىللىقلار تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن : زەيتۇنگۇل ئابدىراخمان





دەرس تېمىسى:
6.ئاخىرقى دەرس
ئوقۇتۇش مەزمۇنى :
«ئاخىرقى دەرس»نىڭ قانداق تارىخى شارائىتتا يېزىلغانلىغى،«ئاخىرقى دەرس»  دەپ ماۋزۇ قۇيۇلۇشتىكى سەۋەپ، ھاممور ئەپەندى ۋە كىچىك فىرانىسنىڭ  ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى،ئانا تىلنى قەدىرلەش تۇيغۇسى.  
ئوقۇتۇش نىشانى:
بېلىم ۋە ئىقدىدار نىشانى:
1.ئوقۇغۇچىلارغا «ئاخىرقى دەرس»نىڭ قانداق تارىخى شارائىتتا يېزىلغانلىغى ،«ئاخىرقى دەرس»  دەپ ماۋزۇ قۇيۇلۇشتىكى سەۋەبىنى بىلدۈرۈش..  
2.ئۇقۇغۇچىلاردا ئانا تىلنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش.
3.ھاممور ئەپەندى ۋە كىچىك فىرانىستىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرۈش.
ئۇسۇل ۋە جەريان نېشانى:
ئۇقۇغۇچىلارنى تېپىشماق تېپىشقا،ماقال-تەمسىل تۇلۇقلاشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر قابىليىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ.«ئاخىرقى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك رەسىم كۆرۈشكە يېتەكلەش ئارقىلىق كۈزىتىش قابىليىتى يۇقۇرى كۈتۈرىلىدۇ.كىچىك سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ھېس قىلغاننى ئوتتۇرۇغا قۇيۇش،پېكىر قىلىش قابىليىتى،يېزىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق  ھەمكارلىشىش،ھېس قىلغاننى يېزىش،سۆزلەش قابىليىتى يۇقۇرى كۆتىرىلىدۇ.
ھېسسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى؛
بۇ دەرس ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلدۇ ھەم ئۆز ۋەتىنىنى،ئانا تىلىنى سۈيۈپ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۈگۈنۈش تەربىيەسى بېرىلىدۇ.
مۇھىم نۇقتا:   تېكىستتىكى قايناپ تۇرغان كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى ھېس قىلىش.
قېيىن نوقتا :  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلنى،ۋەتەننى سۈيۈش روھىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى :
ئەستايدىل ئوقۇشقاتېپىشماق تېپىشقا،ماقال-تەمسىل تۇلۇقلاشقا،كۆرسەتمە رەسىم كۈزىتىشكە يىتەكلەش ،قوزغىتىش مۇھاكىمە سۇئاللىرى ئاساسىدا مۈنازىرىگە ئويۇشتۇرۇش،گۇرۇپپىلار ئارا ھەمكارلىشىشقا يىتەكلەش،يېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلار كىچىك گۇرۇپپىلار ئارا ھەمكارلىشىپ پىكىر يۈرگۈزۈش ،مۇھىم ئوقۇملارنى ئەستە قالدۇرۇش،مۇستەقىل كۈزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئۆگىنىدۇ.
ئوقۇتۇش قۇراللىرى:
«سىنىپلار ئارا راۋان»قۇرۇلمىسى،«ئاخىرقى دەرس»كەمۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىم،« ئاخىرقى دەرس»كە دائىر سۆرەتلەر.تېپىشماق،ماقال-تەمسىل يېزىلغان كارتا.
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە مەزمۇنى :
يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش.
ئۇقۇغۇچىلارغا تېپىشماق،ماقال-تەمسىل يېزىلغان كارتا تارقىتىپ، تۇلۇقلاشقا يېتەكلەيمەن.
ھېكمەتلىك باتۇر                  تايغىنىم بار زەنجىرلىك
يۇشۇرنۇپ ياتۇر                   باغلاپ قويغان ئىشىككە
تىلسىمنى ئاچۇر                   رۇخسەت قىلماس ئۆزگىگە
بۇنى كىم تاپۇر؟(          )      ئۆيگە دەرھال كىرىشكە
بىر نەرسە بار بەك ئېسىل           پولات كەمپۈت يىيىشى
پۈتۈن دىلنى يۇرۇتار               يەيدۇ بەرسە ئېگىسى
شۇ مىللەتنىڭ نامىنى             تايغاننىمۇ تاپارسىز
كەڭ جاھانغا تۇنۇتار(           )پولات كەمپۈت نېمىسى(               )

سۈزۈڭنى كۈزەتكىن ،بېشىڭ كەتمىسۇن.(تىلىڭنى كۈزەتكەن،چىشىڭ سۇنمۇسۇن.)
تىل كىچىك بولسىمۇ،(دۇنيانى بۇزۇپ تۈزەيدۇ)
ئانا تىلنىڭ ماھىرى،(ئۆز ئىلىنىڭ شائىرى)
يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش؛
بىر كىشى چەتئەلگە ساياھەتكە چىقماقچى بۇلۇپتۇ،بۇنى ئاڭلىغان  قوشنىسى كىرىپ،ھېلىقى ئادەمگە سىز ساياھەتكە چىقماقچى بولغان شەھەر مەركىزىدە مىنىڭ بالام بار ئىدى،بالام بىلەن كۈرۈشكەچ كەلسىڭىز دەپ ئلتىماس قىلىپتۇ.ھېلىقى كىشىنىڭ ساياھەتنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەنلىگىنى ئاڭلىغان ھېلىقى قوشنىسى كىرىپ كەپتۇ ھەم بالىسى بىلەن كۈرۈشەلىگەن-كۈرۈشەلمىگەنلىگىنى سوراپتۇ.بۇ ئادەم ھېلىقى مومايغا بالىسى بىلەن كۈرۈشكەنلىگىنى،بالىسىنىڭ ساق-سالامەت تۇرغانلىغىنى ئېيتىپتۇ،بۇنى ئاڭلىغان موماي يەنە بالىسىنىڭ  قايسى تىلدا سۆزلىگەنلىگىنى سورىغان ئىكەن، ھېلىقى ئادەم ئەجەپلىنىپ،بالىڭىز چەتئەل تىلىدا سۆزلىدى -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ،بۇنى ئاڭلىغان موماي ئاچچىقلىنىپ،ئۈچ ئوغلۇم بار بۇلۇپ،ئىككىسى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىدا ئۈلۈپ كەتكەن،مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم،بۇ ناكەسنى ئۆلدىگە چىقىرىۋېتەي،مېنىڭ ئۇنداق ئوغلۇم يوق -دەپ ،ئاچچىقلانغىنىچە چىقىپ كېتىپتۇ .
موماي ئوغلىنىڭ ھايات- ماماتىنى نېمە ئۈچۈن «تىل» غا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ؟
  موماي «ئوغلۇم ئۆلدى» دەيدۇ، سىزنىڭچە، ئوغلى راستتىنلا ئۆلگەنمىدۇ؟؟ كۆپ تىل بىلىش شەرەپلىك تۇرسا موماي نىمە ئۈچۈن خاپا بولىدۇ؟
ئاخىرقى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك رەسىم كۆرسىتىلىپ ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا يېتەكلەيمەن.
تۆۋەندىكى سۇئالار ئۈستىدە ئوقۇغۇچىلار مۇھاككىمىگە يېتەكلىنىدۇ.
ئۇ مۇنداق دىدى:« فرانسوزتىلى» ھەممىدىن پۇختا، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل  بىز ئۇنى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.
بۇنىڭدىن ھاممور ئەپەندىنىڭ قانداق خاراكتىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟
ئەگەر ھاممور ئەپەندىنىڭ ئورنىدا سىز بولسىڭىز قوش تىرناق ئىچىدىكى سۆزنىڭ ئورنىغا قايسى سۆزنى قۇياتتىڭىز؟نېمە ئۈچۈن؟
كۆپ تىللىق بۇلۇش شەرەپ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس ھەم جىنايات دىگەننى قانداق چۈشىنىسىز؟
بىز ئۈزىمىزنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىگىمىزنى بېكىتىشتە نىمىنى ئۆلچەم قىلىمىز؟
خەنمەير ئەپەندى يامان خەۋەرنى ئېيتقاندا كىچىك فىرانىسنىڭ ھىسسىياتىدا قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟نېمە ئۈچۈن؟كىچىك فىرانىس ئىملا دەرسىدە قانداق ئىككى تۈرلۈك خىيالدا بولدى،بۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ مەكتەپكە بېرىش يۇلىدا كىچىك فىرانس نېمىلەرنى قىلىدۇۋەنېمىلەرنى ئويلايدۇ؟ ئۇ زادى قانداق بالا؟كىچىك فىرانس مەكتەپكە كېلىپ،مەكتەپ ۋە دەرسخانىدا قانداق ئەھۋالنى كۆردى،بۇ ئەھۋاللار نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
خەنمەير ئەپەندى قانداق ئادەم؟ خەنمەير ئەپەندى ئاخىرقى دەرستە قانداق گەپلەرنى دىدى؟بۇ گەپلەر ئۇنىڭ قانداق ھېسسىياتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؟خەنمەير ئەپەندى نېمە ئۈچۇن ئاخىرقى دەرسنى ئۆتكەندە چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىۋالىدۇ؟
‹‹دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ›› دېگەن جۈملىدە قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلغان؟ بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى نېمە ؟بۇ جۈملىدىكى«ئاچقۇچ،تۈرمە دەرۋازىسى»نېمىگە ئوخشىتىلغان؟
سىز فرانسقا ئوخشاش پۇشايماندا قالماسلىق ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ قانداق قىلىشىم كېرەك دەپ قارايسىز؟ ئانا تىل ھەققىدىكى ماقال-تەمسل ۋە ھېكمەتلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ.
1.گۇرۇپ: خەنمەير ئەپەندىگە قانداق يۈرەك سۈزىڭىز بار؟
2-گۇرۇپ:سىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلماقچى؟
3-گۇرۇپ:ۋەتەنپەرۋەرلىك جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىقلا ئىپادىلىنەمدۇ؟
4-گۇرۇپ: كىچىك فىرانىسقا قانداق يۈرەك سۈزىڭىز بار؟
دوسكا لاھىيىسى؛
                 6.ئاخىرقى دەرس
                                 دائۇدىت
مۇھىت←ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرس،دەرسخانا
پىرسۇناج←خەنمەير ئەپەندى،كىچىك فىرانىس،ھەر ئىككىلىسى ۋەتەنپەرۋەر
كۆپ تىللىق بۇلۇش شەرەپ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس.  
ئانا تىلنى بىلگەننىڭ،               ئۇيغۇر تىلنى بىلمەي تۇرۇپ،،
قوللىرىغا سۆيگۈم كىلۇر.              سەن ئۈزەڭنى ئۇيغۇر دىمە.
ئانا تىلنى بىلمىگەننىڭ ،            ئانا تىلىڭنى ئۇنتۇپ،
تىلىنى كەسكىم كىلۇر.              كەلگۈسىدە ۋاھىم يېمە.
تاپشۇرۇق:
دەرسخانا مەشقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنى ئىشلەپ كېلىڭ.  
‹‹ئانا تىلىم ــ ئالتۇن ئاچقۇچۇم» دېگەن ماۋزودا بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ.
خەنمەير ئەپەندى ئۆزى ۋە ئۆز مىللىتىدىكى قايسى خىل ئىللەتنى ئەيىپلەيدۇ؟نېمە ئۈچۈن؟
دەرستىن كېيىنكى ئويلۇنۇش؛


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش