كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 2

«جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئوقۇيمەن» دەرس ئايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



باشلانغۇچ مەكتەپ 4- يىللىقلار ئۈچۈن 1-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى 25-دەرس «جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئوقۇيمەن»نىڭ دەرس ئايانى



باشلانغۇچ مەكتەپ 4- يىللىقلار ئۈچۈن 1-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى 25-دەرس «جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئوقۇيمەن»نىڭ دەرس ئايانى
1. بۇ دەرسلىك باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىقلار ئۈچۈن 1-قىسىم 7-بۆلەك «ئۆچمەس ئىزلار» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ تېكىستىنى دەرىسلىككە كىرگۈزىشتىكى مەقسەت: (1) ئوقۇغۇچىلارغا ئۆسمۈر جۇئىنلەينىڭ جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرىشى ئۈچۈن ئوقۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئوقۇش مەقسىتى ئۈستىدە پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگۈنۈش ۋە تۇرمۇشى بىلەن دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە مىللەتنىڭ روناق تېپىشىدەك بۈيۈك ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلىشىغا ئىلھام بىرىش (2) ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇش جەريانىدا پىرسۇناژلارنىڭ ئىددىيۋى ھېسياتىنى تونۇپ يىتىشكە يىتەكلەشتۇر.
2. بۇ دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تېكىستنى ئوقۇش جەريانىدا پىرسۇناژلارنىڭ ئىددىيۋى ھېسياتىنى ھېس قىلىشتۇر.يەنى ئۆسمۈر جۇئىنلەينىڭ نىمە ئۈچۈن «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش. دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۈستىدە تەھلىل: بۇ دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ھەل قىلىشتا مەن بۇ دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تېكىست ئىچىدىن بولۇپمۇ ئۆسمۈر جۇئىنلەينىڭ چەتئەللىكلەر ئىجارىگە ئالغان زىمىنغا بارغاندىن كىيىىن كۆرگەن ئىشلىرىنى كىچىك سۇئال شەكلىدە لايىھەلەپ ئۆسمۈر جۇئىنلەينىڭ تاغىسىنىڭ ئېيتقان«جۇڭخۇانىڭ ھالى خاراب»دىگەن جۈملىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئۆز زىمىنىدا خارلانغان جوڭگۇلۇقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئارقىلىق ئاشۇ مەنزىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئەلۋەتتە بۇنىڭدا قىستۇرما رەسىمنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسنى دەرس جەريانىدا ھەل قىلىمەن.
3. دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى: ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشنى چۈشنۈش، ئۆسمۈر جۇئىنلەينىڭ ئىرادە تۇرغۇزۇشنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىش بۇنى ھەل قىلشتا مەن باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىللىرى 11~12ياشلاردا بار، ئۇلار 2004-يىلى تۇغۇلغان بالىلار، ئۇلار ناھايىتى بەختىيار دەۋىردە تۇغۇلغان ئۇلار ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى بولۇپمۇ 1910-يىلدىكى ئىشلارنى بىلدۈرۈشتە مەن دەرسكە باشلاپ كىرىش باسقۇچىدىلا «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى» دىن ئارىيە قويۇپ بىرىش ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقاتقان دۆلەت كىشلىرىنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تىكىستنىڭ دەۋىر ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن تونۇششغا ياردەم بىرىمەن بۇ ئارقىلىق دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسنى ھەل قىلىمەن.
4. ئوقوتۇش نىشانى –بۇ دەرسنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشتۇرۇلدى.
5. ئۈگىنىش ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە تەھلىل- بۇ دەرىستە مەن يىتەكلەش قوزغۇتۇش، ئىلھاملاندۇرۇش، سىلىشتۇرۇش، ئۈگىنىش شەكلىدە ھەمكارلىشش، مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىمەن ھەمدە قىسقا فىلىم، رەڭدار دەرسلىك دىتالى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن.
6.ئوقۇتۇش جەريانى تەھلىلى-مەن ئوقۇتۇش جەريانىنى 6باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇردۇم.(1) يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش«نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئارىيە» «دۆلەت قۇرۇش مۇراسمى» نى قويۇپ بىرىپ دەرسكە مۇناسۋەتلىك سوئاللار ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلدۇرۇپ دەرس تىمىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمەن. (2) تىكىست يەنە بىر قىتىم ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بىرىمەن.(3) يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسنى تەكرار ئاساسدا دوسكىغا يازىمەن.(4) ئوقۇغۇچىلارغا تىكىستتىن ھالقىلىق جۈملىلەرنى تىپىشقا يىتەكلەيمەن. «جوڭخۇانىڭ ھالى خاراب» «جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئوقۇيمەن» نى تاپتۇرۇپ تىكىستنىڭ مەركىزى ئىددىيەسنى يورۇتۇپ بىرىمەن.(5) تىكىست ئىچىدىكى سوئاللار ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلىشقا يىتەكلەپ تىكىستنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىگەللىشگە ياردەم بىرىمەن. (6) كىچىك گورۇپ تەھلىلى ئارقىلىق سىلەر نىمە ئۈچۈن ئوقۇيسىلەر، ئىختىيارى پىكىر قىلىشقا يىتەكلەپ ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىشغا ياردەم بىرىمەن.
7. تاپشۇرۇق- ئىككى خىل ئورۇنلاشتۇرىمەن. (1) ئىزدىنىش تاپشۇرۇقى: تور ياكى كىتابتىن جۇئىنلەي توغرىسدا ماتىرىيال توپلاپ كىلىش، (2) 159-بەت جۈملە تۈزۈش مەشقىنى ئىشلەپ كىلىش.





baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-25 10:17:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2016-1-6 12:08:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان دەرى لايھەيىڭىز تەپسىلى ،قەدەم باسقۇچلار تۇلۇق ،ئەتراپلىق تۈزۈلۈپتۇ .رەخمەت سىزگە .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش