بالىلارنى سۆيۈپ، بالىلارنى ئاسراپ، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى! (بالىلار بايرىمىلىق تەبرىك سۆزى) ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار، ئاتا-ئانىلار، بۈگۈن بىز بۇ يەرگە يىغىلىپ پۈتۈن دۇنيا بالىلىرىنىڭ قۇتلۇق بايرام كۈنىنى تەبرىكلىمەكتىمىز، مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ۋەتەننىڭ گۈل-غۇنچىسى، كەلگۈسىنىڭ ئىگىللىرى بولغان سۆيۈملۈك، ئوماق، سەبىي بالىلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان رەھبەرلەر، بارلىق ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! «بالىلار بايرىمى» ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان خەلىئارالىق بايرام بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل بالىلىرىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، بالىلارنى خورلاشقا قارشى تۇرىدىغان بايرام. 1925-يلى 17- نويابىردا گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى چېخوسلوۋاكىيەنىڭ پىراگا شەھرىدە گېرمانىيە قوشۇنىغا قارشى تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى قىرغان بولۇپ توققۇز ئوقۇغۇچى ئۆلتۈرۈلۈپ، 2000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىنغان. شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللاش، ئۇلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1949-يىلى 11-ئايدا خەلقئارا دېمۇكىراتىك ئاياللار جەمئىيىتى موسكىۋادا يىغىن چاقىرىپ، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1- كۈنىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرىمى، خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلەش قارار قىلىنغان. 1949-يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزمۇ بۇ كۈننى بالىلار بايرىمى قىلىپ رەسمىي بەلگىلىگەن. سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار كۈنلىرىمىز ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. بىز ئەجدادلارنىڭ كۈرەشچان روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھازىرقى تىنچ-ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلشىمىزلازىم. ھەممىزگە مەلۇمكى 2015-يىلى مائارپتا ئوقۇتۇش سۈپەت ئۆستۈرۈش يىلى بولۇپ يۇقرىدىن تۆۋەنگىچە ئوقۇتۇش سۈپەت ئۆتكىلى چىڭ تۇتلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە مەن مەكتىپىمىزدىكى كەسىپداش باغۋەنلەردىن ئۈزلىكسىز بىلىم سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈپ بالىلىرىمىزنى يۇقرى ساپالىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەشكە، بارلىق ئاتا-ئانىلارنى مائارىپىمىزنىڭ تەربىيلەش تەلىپىگە ماسلىشىپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەقدىرگە كۆڭۈل بۆلۈپ يېقىندىن ماسلىشىقا، سۆيۈملۈك بالىلىرىمىزنى مەرىپەت گۈلزارىمىزدا يەنىمۇ تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ توپلۇق يېزىمىزغا تىرشىچانلىقىمىز ئارقىلىق شان-شەرەپلەرنى كەلتۈرۈشكە، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇردىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تىنىچلىقنى قەدىرلەيدىغان ئىجات قىلىش روھىغا ئىگە ئىز-باسارلاردىن بولىشىڭلارغا چاقىرىق قىلىمەن! ئاخرىدا تېنىڭلارغا ساقلىق، دىلىڭلارغا پاكلىق، ۋۇجۇدىڭلارغا ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىق يار بولسۇن، ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىڭلارغا يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن. كۆپچىلىككە رەخمەت. توپلۇق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى 2015-يىلى5-ئاينىڭ30-كۈنى |