كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 1

21.دەرس بۆدۈنە(دەرس لايھەسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21.دەرس بۆدۈنە        دەرس تېمىسى :

تېكىستىنى تەھلل قىلىش،خۇلاسە قىلىش تىپىدىكى دەرس        دەرس تىپى
ئوقۇتۇش نىشانى:-ئۈچ ئۆلچەم بويچە لايھەلەندى.
1.بىلىم ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش نىشانى:-
بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزگە تەشكىللەش، ئاخىردا ئوقۇغۇچىلار يۈزەكى بىلگەن ياكى توغرا ئىگەللىيەلمىگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق، قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلاردىمۇ ھىسياتنىڭ بارلىقىنى،  قۇشلارنى ئاسراپ ئۇلارنى تۇتماسلىقىمىز،ئۆلتۈرمەسلىكىمىزنىڭ لازىملىقىنى، ئېكولۇگىيلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئىنسانلارغا پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىگەللىتىش بىلىم ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش نىشانى قىلىنىدى. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلاردا ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش، ئىدىيۋى مەزمۇننى تاپالايدىغان بولۇش ماھارىتى يېتىلدۈرلىدۇ.
2.جەريان ۋە ئۇسۇل
بۇ دەرىسنىڭ مەزمۇنلىرى ئالدىن لايھەلىگەن مۇلاھىزە مەشىق سۇئاللىرى ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزىگە تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مۇستەققل ھالدا جاۋابىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئىزدىنىپ يەتمەكچى بولغان نىشاننى تاپىدۇ. سۇئاللار كۆرسەتمە ئارگىنال شەكلىدە لايھەلىنىپ كۆپ ۋاستە ئۈسكىنىدىن پايدىلىنىپ ئىكراندا ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئالدىن تەييارلىغان جاۋاپلارنى ئىكراندا كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئالدىن تەييارلىغان مۇلاھىزە جاۋابى بىرلەشتۈرلىدۇ. بۇ جەريانلار ئارقىلىق دەرىسنىڭ موھىم، قىيىن نوقتىللىرى ئىگەللىتىلىدۇ.
2.ھېسيات، پوزىيتسىيە، قىممەت قارىشى
بۇ دەرىسنىڭ مەزمۇنلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئانا بۆدۈنىنىڭ ھىسياتىنى چۈشۈنۈش،ئۇنىڭ ئانلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش جەھەتتە ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن تەسىرلىنىش بىلەن بىرگە ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆلىمىگە ئىچ ئاغرىتىش، بۆدۈنە بالىلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشنى بىلىش، ئاخىردا ئوۋچىلىقىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى چۈشۈنۈپ يېتىش، قۇشلارنى ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشنىڭ موھىملىقىنى بىلىپ يېتىش.مۇشۇ دەرىستىكى ھىسيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرۈش جەريانى قىلىپ يىغىنچاقلاندى.         ئوقۇتۇش نىشانى:-ئۈچ ئۆلچەم بويچە لايھەلەندى
بۇ دەرسنىڭ موھىم نوقتسى بولسا:-ئوقۇغۇچىلار ئەسەر مەزمۇنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى سورىغان سۇئاللارغا بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى لايھەلەپ ئوتتۇرغا قويالايدىغان، قىزغىن پىكىر قىلىپ ئۆز مۇلاھىزسى ئاساسىدا ئويلىغانلىرنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش.        مۇھىم نۇقتا :-
دەرىسنىڭ قىيىن نوقتىسى بولسا:- ھەق- ناھەقنى ، توغرا –خاتانى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش، ئەسەر ۋەقەلىكىنى تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئويلاش ئارقىلىق سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۆلچەملىك، ئادەمنى قايىل قىلارلىق ھالدا  تېپىپ چىقالايدىغان، دەرسنىڭ بىزگە تەسىر قىلغان ئىدىيۋى مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلار تاپالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇ دەرىستىكى بىر قەدەر قىيىن بولغان بىلىم نوقتىللىرى ھىساپلىنىدۇ.        قىيىن نۇقتا :-
قوزغىتىش ئۇسۇلى،ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى،مۇلاھىزگە تەشكللەش ئۇسۇلى،سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىمەن.
ئۆگۈنۈش شەكلى :- ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنۈش، ئىزدىنىپ ئۆگۈنۈش،مۇلاھىزە قىلىپ ئۆگۈنۈش        ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلى:-
182-بەتتىكى قىستۇرما رەسىم، كۆرسەتمە ئارگىنالدىكى رەسىملەر،كۆپ ۋاستە ئوقۇتۇش ئۈسكىنسىدىن پايدىلنىپ كۆرسىتىلىدۇ.        كۆرسەتمىلىك قۇرال:
ساۋاقداشلار بۈگۈن مەن سىلەرگە بىر كارتۇن ئېلىپ كەلدىم ئېكراندا كۆرسەتسەم كۆرۈشنى خالامسىلەر؟دىگەن سۇئال ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى قىزقتۇرۇپ كارتۇن قويۇپ بېرىمەن، ئوقۇغۇچىلار كارتۇننى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ كارتۇندا نېمىلەر ئىپادىلىنىپتۇ، بىز ئىلگىرى ئۆگۈنۈپ ئۆتكەن قايسى دەرس مەزمۇنى بىلەن باغلىنىشلىق دەپ ھېس قىلدىڭلار دەپ سوراپ  يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن.        يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش :
دەرىسكە كىرىپ ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن بۈگۈنكى بىر سائەتلىك تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆزۈمنىڭ ئۆتۈپ بەرگىلى كىرگەنلىكىمنى دەيمەن ھەمدە ساۋاقداشلار بۈگۈن مەن سىلەرگە بىر كارتۇن ئېلىپ كەلدىم ئېكراندا كۆرسەتسەم كۆرۈشنى خالامسىلەر؟دىگەن سۇئال ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى قىزقتۇرۇپ كارتۇن قويۇپ بېرىمەن، ئوقۇغۇچىلار كارتۇننى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ كارتۇندا نېمىلەر ئىپادىلىنىپتۇ، بىز ئىلگىرى ئۆگۈنۈپ ئۆتكەن قايسى دەرس مەزمۇنى بىلەن باغلىنىشلىق دەپ ھېس قىلدىڭلار دەپ سوراپ  يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن.
ئوقۇغۇچىلار بۇ كارتۇندا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ ئالدىنىقى سائەتلىك دەرستە ئوقۇپ چۈشەنگەن «بۆدۈنە» دىگەن تېكىستنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن بىز بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە 21-دەرس «بۆدۈنە» دىگەن ئەسەرنى سىلەرنىڭ ماسلىشڭلار ئاساسدا يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۈگۈنۈپ چىقايلى ئۇنداقتا كىم ئالدىنقى سائەتلىك دەرىسنىڭ موھىم مەزمۇنلىرىنى ھازىر كۆرۈپ ئۆتكەن كارتۇنغا بىرلەشتۇرۇپ تۇرۇپ سۆزلەپ باقىدۇ؟ دەپ سورايمەن. ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈرۈپ ئىختىيارلىق ئاساسىدا سۆزلەپ باقىدۇ .
ساۋاقداشلا يەنە كىم مۇشۇ تېكىستنىڭ مەزمۇندىن سۇئال سوراپ باقسام جاۋاپ بېرىشنى خالايدۇ دەپ سوراش ئارقىلىق دەرسنىڭ مەزمۇنىغا يۈزلەندۈپ كىرىمەن. ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈرۈپ جاۋاپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن ئالدىن لايھەلەپ كىرگەن سۇئاللارنى ئىكراندا كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاپ بېرىشگە تاشلايمەن. ئوقۇغۇچىلار تالىشىپ تۇرۇپ جاۋاپلارنى بېرىدۇ. ئوقۇغۇچلارنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرى ياخشى بولغان بولسا ياخشى جاۋاپ بەرگەن ئوقۇغۇچىلانى ماختاپ ئىلھاملاندۇرلىدۇ. جاۋاپلار تىمىدىن چەتنەپ، مۇۋاپىق بولمماي قالسا قايتا مۇلاھىزنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ توغرا بولغان جاۋاپلارنى ئىگەللىۋېلىشقا شارائىت يارتىپ بېرىلىدۇ.بۇ دەرستە ئوقۇتقۇچى ئالدىن لايھەلەپ كىرگەن سۇئاللار تۆۋەندىكچە بىر قانچە نوقتىلاردا ئىپادىلەندى:
1.«مەن» نىڭ دادىسى قانداق ئادەم ئىدى؟     «مەن»نىڭ دادىسى ئوۋخۇمار ئادەم ئىدى.
2. «مەن» باشتا نىمىگە ھەۋەس قىلىپ قالدى؟ «مەن»باشتا ئوۋچىلىققا ھەۋەس قىلىپ قالدى.
3. «مەن» نىمە ئۈچۈن ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆلىمىگە شۇنچە ئىچ ئاغرىتىدۇ؟
ئانا بۆدۈنە ئۆز بالىلىرىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى، خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن ئىتنى ئازدۇرۇپ يىراقلارغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ ئويلىمىغان يەردىن تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتتى . «مەن» ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆز بالىلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قىلغان ئىش-ھەركەتلىرنى كۆرگەندىن كىيىن بۆدۈنە بالىلىرىغا ھىسداشلىقى قوزغىلىپ، بۆدۈنە بالىلىرىنى ئەمدى
كىممۇ باقار دىگەنلەرنى ئويلاپ ئانا بۆدۈنىگە ئىچ ئاغىرىتىدۇ.
4. «مەن» بۆدۈنە ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇنىڭ ئۆلىمىگە قايغۇرۇپ يىغلاۋاتقاندا دادىسى نىمە ئۈچۈن كۈلىدۇ؟«مەن»نىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ بۆدۈنە بالىلىرىغا ئىچى ئاغرىتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوغلۇم چوڭ بوپتۇ دەپ ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ كۈلىدۇ.
5.سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟ بۇ سۇئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئەسەرنى ئىدىيۋى مەزمۇنىنى ئىزدەپ ئوۋچىلىقىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى چۈشۈنۈپ يېتىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئىھتىمال مۇنداق جاۋاپلارنى مۇستەققل تېپىپ چىقىشى مومكىن.
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ قۇشلارنى، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىماسلىق، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق، قۇشلارنىڭ بىز ئىنسانلارنىڭ دوستى ئىكەنلىكنى بىلىش، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىكولۇگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپچى بولماسلىقنى، قۇشلاردىمۇ كۆيۈمچانلىقىنىڭ بارلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ئانا بۆدۈنىگە ئوخشاش زور بەدەللەرنى بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىش بىلەن بىرگە  ياخشى ئوقۇپ ئاتا-ئانىلارغا، ئانا ۋەتەنگە ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇشىمىزنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندىم. (ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى)
بۆدۈنە ۋە باشقا قۇشلارنى، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغاندا ئېكولۇگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنڭ بۇزۇلۇپ ياشاش موھىتىمىزنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى، قۇشلارنىڭمۇ بىز ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى، قۇشلارنى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشمىزنىڭ لازىملىقىنى، ھازىر ئوۋچىلىق قىلمىساقمۇ ياخشى ئوقۇپ ئۆزىمزنىڭ بىر كىشلىك جەمىئەتتىكى ياخشى بولغان ئورنىمىزنى تاپساق،ئۆزتىرىشچانلىقىمىز،مېنىتىمىز ، ئەقىل-پاراسىتىمىز ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەپ ۋەتەن، خەلىققە، يۇرتقا پايدىمىز يۇقىدىغان ياراملىق ئادەم بولساق بۇنىڭ شەرەپىك ئىكەنلىكىنى قانداقتۇر ئىپتىدائى جەمىيئەتتىكدەك ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ توشقان، بۆدۈنە،چىل قاتارلىقلارنى ئوۋلاپ يىيىشنىڭ ئورنى يوقلىقنى ،بۇنداق قىلىشنىڭ ئېكولۇگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزلىشىغا سەرۋەپ بولدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئوقۇغۇچىلارنى قايل قىلىپ ئىدىيۋى تەربىيە بېرىپ ئۆتىمەن.
ئوتتۇرغا قويۇلغان سۇئاللاردىن باشقا يەنە قانداق سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقىسىلەر؟ دەپ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مۇستەھكەملەش پۇرسىتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ، مۇلاھىزە قىلىش ، يېڭىلىق يارتىش،ئىچكىرلەپ ئىزدىنىشكە يېتەكلەيمەن.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇلاھىزە سۇئاللىرى بولمىسا بۇ ئەسەرگە يەنە قانداق تىمىلارنى قويۇشقا بولىدۇ؟ .. دىگەندەك سۇئاللارنى تاشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ.  ئاخىردا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىپ دەرىستىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرلىدۇ.
       
ئوقۇتۇش جەريانى:-

ئوقۇتۇش جەريانى ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىقى ئاساسىدا سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇش ۋە مۇلاھىزە قىلىش جەريانلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.





ئوقۇتۇش جەريانى:-

بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادى قابىلىيتى، تەپەككۇر قىلىش قابىلىيتى ئۆستۈرلىدۇ.
سۇئاللارنىڭ جاۋاپلىرى ئۈستىدە ئىزنىش ئارقىلىق ئانا بۆدۈنىنىڭ بالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئانلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىش يولىدا ئۆزىنىڭ ئېزىز جېنىنى پىدا قىلىشدىن ئاتا-ئانىلىرىمىنىڭمۇ بىز ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ ھەمدە ياخىشى ئوقۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇپ ياراملىق ئادەم بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىدۇ ۋە ئىپادىلەيدۇ.
بۇ جەريانلاردا ئوقۇغۇچلار دەرىستىن يەتمەكچى بولغان نىشانغا يېتىدۇ.
بۈگۈنكى دەرىستە مۇلاھىزە قىلىپ ئۆگەنگەن سۇئاللارنى رەتلەپ يېزىڭ، جاۋابىنى ئۆز چۈشەنجىڭىزگە ئاساسەن يېزىپ كېلىڭ.
ئاتا-ئانىڭزغا بولغان مىننەتدارلىقىڭزنى ئىپادىلەپ بىر پارچە شىئېر ياكى ئېرادىنامە شەكىدىكى ئەسەر يېزىڭ.        تاپشۇرۇق:-
مۇستەھكەملەش ۋە ئىجاد قىلىش خاراكتىردىكى ئائىلە تاپشۇرقى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
21.دەرس بۆدۈنە  دەرسنىڭ ماۋزۇسى يېزىلىدۇ. ئاستىغا تۆۋەندىكدەك سۇئاللار يېزىلىدۇ.
1.«مەن» نىڭ دادىسى قانداق ئادەم ئىدى؟
2. «مەن» باشتا نىمىگە ھەۋەس قىلىپ قالدى؟
3. «مەن» نىمە ئۈچۈن ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆلىمىگە شۇنچە ئىچ ئاغرىتىدۇ؟
4. «مەن» بۆدۈنە ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇنىڭ ئۆلىمىگە قايغۇرۇپ يىغلاۋاتقاندا دادىسى نىمە ئۈچۈن كۈلىدۇ؟
5.سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟        دوسكا لايىھىسى:-






        قايتا ئويلىنىش






baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-25 10:20:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش