كۆرۈش: 455|ئىنكاس: 8

بالىلارنىڭ كۆزىدىن نۇر تارايدۇ ئالەمگە

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بالىلارنىڭ كۆزىدىن نۇر تارايدۇ ئالەمگە

ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان

بالام دېسەم قەلبىمگە ئىللىق سېزىم تارايدۇ،
بالام ئۈچۈن غەملەرگە چۆكۈپ كەلگەن ئادەممەن.
بالىلارغا ھەر ئىنسان ئۈمۈت بىلەن قارايدۇ،
بالىلارنى قەلبىمگە پۈكۈپ كەلگەن ئادەممەن.

بالىلىقنى سېغىنسام ئوماقلارغا قارايمەن،
كۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭ نۇر تاريدۇ ئالەمگە.
بالىلارنى ئەڭ نۇرلۇق چولپان يۇلتۇز سانايمەن،
ئايشۇ نۇرلۇق چولپانلار ھوزۇر بېرەر ئادەمگە.

چاقناپ تۇرسا كۆزلەردە ئوماقلارنىڭ سىماسى،
ھەر ئائىلە، ھەر كۆڭۈل خوشاللىققا تولىدۇ.
ئۇلار بىلەن تارىخنىڭ ئۆچمەس مەڭگۈ  ئىزناسى،
ئۇلار بىلەن ئەتىمىز گۈزەل، پارلاق بولىدۇ.

ئوماقلارغا كۆيۈنۈپ، كەلگۈسىنى سۆيەيلى،
بالىلار شۇ كەلگۈسى ھاياتلىقنىڭ چىرىقى.
ئۇلار ئۈچۈن مېھرلىك قەلبىمىزنى بېرەيلى،
ئۈزۈلمىسۇن ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىن تىنىقى.

ئۇلار دىگەن گۈل-غۇنچە چېچىپ تۇرغان خۇشپۇراق،
غۇنچىلارنى پەرۋىشلەپ گۈل ھىدىنى پۇرايلى.
ئۇلار دىگەن ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرغان بىر بۇلاق،
شۇ بۇلاقتىن ئاۋامغا تاتلىق شەربەت سۇنايلى.

ئەي ئوماقلار بايرىمىڭلار مۇبارەك.

بۈگۈن بايرام  ئوماقلارنىڭ ھۆسنىگە،
گۈل-غۇنچىنىڭ گۈزەل دەۋران، پەسلىگە.
بارچە دىلغا نۇر تاراتقان قوياشنىڭ،
كۈلۈپ چىققان خۇش تەبەسسۇم ۋەسلىگە.

بۈگۈن بايرام، ئاسماندا ئاي، يۇلتۇزغا،
ئاي ھۆسنىنى ئوماقلاردىن كۆرەيلى.
شۇ ئوماقلار بايرىمىنى ئالقىشلاپ،
خوشلىقىغا ھەمدەم بولۇپ كۈلەيلى

ئۇلار دىگەن بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز،
شادلىقىغا خۇش بولمىساق بولامدۇ؟
پەرۋىشلەيلى گۈل -غۇنچىمىز ئېچىلسۇن،
باغلىرىمىز گۈل-غۇنچىسىز پۇرامدۇ؟

ئەي ئوماقلار بايرىمىڭلار مۇبارەك!
قەلبىڭلاردىن شادلىق كۈلكە كەتمىسۇن.
سىلەر دىگەن بارچە ئەلنىڭ ئۈمۈدى،
ئەل ئارمىنى سىلەر بىلەن كۆكلىسۇن.


ئاپتۇر يېڭسار ناھىيە توپلۇق يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!
pari + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-29 16:05:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە تەشەككۇر ، داۋاملىق تىرىشىڭ .رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-5-29 18:38:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسىز.
ۋاقتى: 2015-5-30 00:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىتىپ كەلگەن بالىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن . ياش غۇنچىلارنىڭبۇ بايرىمىنى ياخشى كۈتىۋالايلى
ۋاقتى: 2015-5-30 16:08:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ،داۋاملىق تىرىشىڭ
ۋاقتى: 2015-6-2 13:46:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسىز. ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .
ۋاقتى: 2015-6-2 16:16:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز سىزدىن بەك خۇرسەن بولدۇم
ۋاقتى: 2015-6-2 16:18:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يولاپسىز  سىزدىن بەك خۇرسەن بولدوم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 18:20:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرنىڭ قوللاپ تۇرغىنىڭلارغا.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش