كۆرۈش: 302|ئىنكاس: 3

«كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك قىلىش» دەرس ئايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىقلار1-ماۋسۇم ئەخلاق ۋە جەمىئەت «كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك قىلىش» دەرسدىن بىر سائەتلىك دەرس ئايانى

    بۇ سائەتلىك دەرس باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىقلار1-ماۋسۇم تۆتىنجى بۆلەك ئۆز ئارا كۆيۈنۈپ ، ئۆز ئار غەمخورلۇق قىلىش تىمىسى ئاستىغا ئورۇنلاشقان «كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك قىلىش»دېگەن تىما ئاساسىدىكى مەزمۇنلار بولۇپ بۇ بۆلەكتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىۋىزىملىق روھىنى يېتىلدۈرۈش،ئىژتىمائى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە جامائەت ئەخلاقى ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇ دەرس ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئەتراپىدىكى كىشلەرنى ھۆرمەتلەش،ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئاسراشتىن باشلاپ، ئاسراشنى جەمىئەتتە ئومۇملاشتۇرۇش، ئالدىنىقى سائەتتە ئۆگۈنۈپ ئۆتكەن بىلىملەرنى ئەسلەش ئارقىلىق كېڭەيتىش،ئوقۇغۇچىلارغا قوشنا-قۇلۇملار ئارا ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ۋە خەۋەر ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۈرۈش، ئۇلارغا ئاۋارچىلىق تېپىپ بەرمەسلىكنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە جەمئەتنىڭ كۆپچىلىكتىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى ، جەمىئەتتىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك قىلدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش،كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشقاندىلا ئىش قىلىش ئاسان بولدىغانلىقىنى،جەمىئەتتىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ، جەمئەت ئۈچۈن خالىس مۇلازىمەت قىلدىغانلىقىنى ۋە ياردەم بېردىغانلىقىنى ئىگەللىتىپ ئوقۇغۇچىلاردا كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلدىغان، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېردىغان ئاڭ ۋە ئىستەكنى پەيدا قىلىش مۇشۇ دەرستىكى ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار يەتمەكچى بولغان ئەڭ ئاساسلىق نىشان ھىساپلىنىدۇ. بۇ دەرسنڭ مەزمۇنلىرى ئۈچ ئۆلچەملىك ئوقۇتۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا تۆۋەندىكدەك لايھەلەندى:-        1.بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى
        ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىۋىزىملىق روھىنى يېتىلدۈرۈش،ئىژتىمائى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە جامائەت ئەخلاقى ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇ دەرس ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئەتراپىدىكى كىشلەرنى ھۆرمەتلەش،ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئاسراشتىن باشلاپ، كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئىشلارنى جەمىئەتتە ئومۇملاشتۇرۇش، ئالدىنىقى سائەتتە ئۆگۈنۈپ ئۆتكەن بىلىملەرنى ئەسلەش،كېڭەيتىش،ئوقۇغۇچىلارغا قوشنا-قۇلۇملار ئارا ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ۋە خەۋەر ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۈرۈش، ئۇلارغا ئاۋارچىلىق تېپىپ بەرمەسلىكنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە جەمئەتنىڭ كۆپچىلىكتىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى ، جەمىئەتتىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك قىلدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش،كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشقاندىلا ئىش قىلىش ئاسان بولدىغانلىقىنى،جەمىئەتتىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ، جەميەت ئۈچۈن خالىس مۇلازىمەت قىلدىغانلىقىنى ۋە ياردەم بېردىغانلىقىنى ئىگەللىتىپ ئوقۇغۇچىلاردا كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلدىغان، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېردىغان روھ ۋە ئىستەكنى يېتىلدۈرۈش ئاساسى بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى قىلىپ لايھەلەندى.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
      دەرسنىڭ مەزمۇنلىرى دەرسلىك كىتاپتىكى ئەسكەرتمە، مۇلاھىزە، قىستۇرما رەسىم ۋە ئوقۇتقۇچى ئالدىن تەييارلىغان كۆرسەتمە ئارگىنال ئاساسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇلاھىزسى ئارقىلىق قانات يايدۇرلۇپ ئاساسى بىلىمنى ئىگەللىتىپ ئوقۇغۇچلارنىڭ چۈشۈنۈش، ئىپادىلەش قابىلىيتى يېتىلدۈرلۈپ كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلدىغان، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېردىغان روھ ۋە ئستەكنى يېتىلدۈرۈش،مەزمۇنلارنى توغرا تەھلل قىلالايدىغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.بۇ جەرياندا قوزغىتىش ئۇسۇلى، ھەمكارلىشش ئۇسۇل،يېتەكلەش ئۇسۇلى،مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى قوللىنلدۇ،ئوقۇتۇش جەريانى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا مۇلاھىزە شەكلىدە ئېلىپ بېرلىدۇ.
3.ھېسيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى
بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىۋىزىملىق روھىنى يېتىلدۈرۈش،ئىژتىمائى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە جامائەت ئەخلاقى ئېڭىنى يېتىلدۇرۇش ھەمدە ئەتراپىدىكى كىشلەرنى ھۆرمەتلەش،ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئاسراشتىن باشلاپ، ئاسراشنى جەمىئەتتە ئومۇملاشتۇرۇش، كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلدىغان، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېردىغان روھنى يېتىلدۈرۈش ئاساسى نىشان قىلىپ بەلگىلەندى.
دەرىسنىڭ موھىم نوقتىسنى تۆۋەندىكدەك لايھەلەندى:
كوللىكتىپنى چۈشۈنۈش،كوللىكتىپنىڭ ئىشنى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق قىلىش مەجبۇرىيتى بارلىقىنى بىلىش، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېردىغان روھنى يېتىلدۈرۈش.
دەرسنىڭ قىيىن نوقتىسى:ئۆز مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىش.ئۆزىنىڭمۇ كوللىكتىپنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكنى تونۇپ يېتىش.جەمىيەتتكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ باشقىلار ۋە جەمىئەت ئۈچۈن خالىس مۇلازىمەت قىلدىغانلىقى ۋە ياردەم بېردىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنۈش.
ئەخلاقى تەربىيە نىشانى:بۇ سائەتلىك دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا كوللىكتىپنى قىزغىن سۆيۈش،كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈش،ياخشى ئىشلارنى ئۆزىدىن باشلاپ قىلىش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىققا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرسدا تەربىيە بېرلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىژتىمائى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچەيتىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: قوزغىتىش ئۇسۇلى، ھەمكارلىشش ئۇسۇل،يېتەكلەش ئۇسۇلى،مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرنى قوللىنىمەن.
ئۈگۈنۈش شەكلى:ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنۈش، مۇستەققىل ئۈگۈنۈش، مۇلاھىزە خاراكتىرلىك ئۈگۈنۈش شەكلى قوللىنىلىدۇ.
ئوقۇتۇشتا پايدىلنىدىغان ۋاستىلەر:كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى،دوسكا، دەرسلىك كىتاپتىكى قىستۇرما رەسىملەر.
ئوقۇتۇش جەريانى تۆۋەندىكچە لايھەلەندى:
   يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش جەريانى
     ساۋاقداشلار مەكتەپ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئائىلىسى ئۇنى قوغداش ھەممىزنىڭ مەسئۇلىيتى،ناۋادا مەكتەپ قورۇسى ئىنتايىن مەينەت بولۇپ كەتكەن بولسا ياكى سۇ تۇربىسى ئوچۇق قېلىپ سۇلار چىقىپ كېتىۋاتقان بولسا سىز نېملەرنى ئويلايسىز؟ دىگەن سۇئال ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇلاھىزە جاۋابىدىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنى دەرسنىڭ مەزمۇنىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشقا تەشكىللەيمەن، ئوقۇغۇچىلار كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكدەك سۇئاللارنى تاشلاپ مۇلاھىزە قىلدۇرۇش ئاساسدا دەرىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنلىرى يەتكۈزلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانىدىكى مۇلاھىزلەر تۆۋەندىكچە لايھەلەندى
     1.تۇرمىشىمىزدا دائىم تۆۋەندىكدەك ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ ، ئۇلار گەرچە ھەممە ئائىلىنىڭ            مەنپەتىگە چېتىلسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرسى ئىچىدە ئەمەستەك بىلىنىدۇ، شۇنىڭ     بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ قىلىپ بېرشىنى ساقلايدۇ، بۇ ئىشلارنى زادى كىم       قىلىشى كېرەك؟ كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنسىدە بۇنداق ئىشنى كىم قىلدۇ ؟ دىگەن            مەزمۇندىكى دەرىسلىكنىڭ 86-بېتدىكى ئۈچ پارچە رەسىمدە(ئىش يۈز بەرگەندە كۆپچىلىكنىڭ     باشقىلارنىڭ قىلىشنى ساقلاپ تۇرغان كۆرنىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ) بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى    بۇنداق ئىشلارنى كىمنىڭ قىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزىگە تەشكىللىندۇ (ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ، ئاخىردا خۇلاسلاش ئېلىپ بېرلىدۇ).
2.بۇنداق ئىشلارنى ئەگەر ھېچكىم قىلىشنى خالىمىسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
(ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ، ئاخىردا خۇلاسە قىلىپ بېرلىدۇ)ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكى نوقتىلارغا يېقىنلىششى تەلەپ قىلىندۇ.جەمىئيەت كۆپچىلىكنىڭ ئائىلسى جەمىئيەتتىكى بەزى ئىشلار كۆپچىلىككە مۇناسۋەتلىك بولۇپ ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئىشى شۇڭا بۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇنى ئورۇنداش مەجبۇريىتى بار.
3.دەرىسلىكنىڭ 87-بېتىدىكى 4پارچە قىستۇرما  رەسىمدە تۆۋەندىكدەك سۇئال ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ (كۆپنىڭ كۈچى كۆپ ، كۆپ ياققان ئوت كۆككە يېتەر دىگەننى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟دىگەن ماقال ئاساسىدا (كەنتىكلەرنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يولنى ياساپ بولغانلىقى توغرىسدىكى ئىشلار تەسۋېرلەنگەن بولۇپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك قىلغاندىلا ئاندىن كۆپچىلىكنى نەپكە ئېرىشتۈرگىلى بولدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئاساس قىلنىدۇ).   دەرىستكى
قىستۇرما  رەسىم ۋە مۇلاھىزە سۇئاللىرى كۆپ ۋاستە ئوقۇتۇش ۋاستىدىن پايدىلنىپ كۆرسىتىلىدۇ.
مۇستەھكەملەش جەريانى تۆۋەندىكدەك لايھەلەندى؛
بىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۆزىمىزنىڭ دەرستىن سىرىتقى ۋاقتىمىزدىن پايدىلنىپ
ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق مەھەللە ياكى مەكتەپ ئۈچۈن قايسى ئىشلارنى قىلىپ بەرسەك بولىدۇ؟
دوسكا لايھەسى:كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك قىلىش( تىما)
1.تۇرمىشىمىزدا دائىم تۆۋەندىكدەك ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ ، ئۇلار گەرچە ھەممە ئائىلىنىڭ مەنپەتىگە چېتىلسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرسى ئىچىدە ئەمەستەك بىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ قىلىپ بېرشىنى ساقلايدۇ، بۇ ئىشلارنى زادى كىم قىلىشى كېرەك؟ كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنسىدە بۇنداق ئىشنى كىم قىلدۇ ؟
2.بۇنداق ئىشلارنى ئەگەر ھېچكىم قىلىشنى خالىمىسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
3.كۆپنىڭ كۈچى كۆپ ، كۆپ ياققان ئوت كۆككە يېتەر دىگەننى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟..
ئائىلە تاپشۇرقى:مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن مەھەللىڭىز ياكى مەكتەپ ئەتراپنى كۈزۈتۈڭ، بىز قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ئىشلار بىزنى ساقلاۋاتقانلىقىنى يېزىپ كېلىڭ بۇنداق تاپشۇرۇق بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش،مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش،ئۆزىنىڭمۇ جەميەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكنى ئاڭلىق تونۇتۇش مەقسەت قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.






baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-25 12:02:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇچۇن كۆپ ئەجىر قىلىپسىز،تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2015-12-25 15:00:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇن كۆپ ئەجىر قىلىپسىز،تەشەككۇر
ۋاقتى: 2016-1-4 15:52:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز دەرىس لايھەسىنى ياخشى تۈزۈپسىز .رەخمەت سىزگە .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش