كۆرۈش: 287|ئىنكاس: 2

21-دەرس «بۆدۈنە»نىڭ بىر سائەتلىك دەرس ئايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرىسلىكى باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق1-ماۋسۇم تىل-ئەدەبىيات 21-دەرس «بۆدۈنە»نىڭ بىر سائەتلىك دەرس ئايانى


(توپلۇق يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان)
دەرس مۇسابىقسىدە تەييارلىغان دەرس ئايانى


      مەن سۆزلىمەكچى بولغان بۇ بىر سائەتلىك دەرس بولسا مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرىسلىكى
باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق1-ماۋسۇم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنىڭ يەتتىنجى بۆلىكى ھايۋانلارنىڭ ھېسياتى دىگەن قىسمى،يەنى 178-بېتىگە ئورۇنلاشقان دەرس بولۇپ، بۇ ئەسەر ژانىر جەھەتتىن ھېكايە ، ئاپتۇرى روسىيە يازغۇچسى تۈرگېنېف. بۇ ئەسەرنىڭ مۇشۇ بۆلەككە ئورۇنلاشتۇرلىشى ئەسەرنىڭ تەربىيۋى ئەھمىيتىنىڭ يۇقرلىقىدىن بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئەسەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئانا بۆدۈنە ئۆز بالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يارلانغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ ئۈستۈن-پەس ئۇچقان بولسىمۇ ئويلىمىغان يەردىن ئوۋ ئىتىنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ قالغانلقى ھەمدە ئىتنىڭ قاتتىق چىشلىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكى،ئۇۋىدىكى بالىلىرنىڭ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن «مەن»نىڭ ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆلىمىگە ۋە بالىلىرىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغانلىقىغا قاتتىق ئىچى ئاغرىتقانلىقى ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ سىيۇژىت بۆلەكلىرى بولۇپ ئاخىرىدا «مەن»نىڭ ئوۋچىلىققا بولغا ئوتتەك ھىسياتنى يوقۇتۇپ ئوۋچىلىققا قىزىقمايدىغان بولۇپ قېلىشى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى قۇشلارنى ئاسراشقا، ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇچار قۇشلارنى ئوۋلىماسلىققا ، ئۆلتۈرمەسلىككە دەۋەت قىلىدىغان تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر بولغان دەرس ھېسابلىنىدۇ.   بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى مۇلاھىزە سۇئاللىرى ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىپ، دەرس مەزمۇنىنى ئەتراپىلىق ئىگەللىتىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرىستىكى ئەڭ موھىم بولغان يېتەكچى ئىدىينى تاپالايدىغان بولۇشنى، تېكىست مەزمۇنى ئاساسىدا سۇئاللارنى لايھەلەپ ئوتتۇرغا قويالايدىغان، قىزغىن پىكىر قىلىپ ئۆز مۇلاھىزسىنى بايان قىلالايدىغان، ھەمدە ھەق-ناھەقنى، توغرا–خاتانى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان،بولۇشنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلدىغان دەرس ھېساپلىنىدۇ.
بۇ بىر سائەتلىك دەرس مەزمۇنى ئۈچ ئۆلچەم بويىچە لايھەلىنىپ تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاندى؛  
1.بىلىم ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش جەريانى؛-
بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزگە تەشكىللەش، ئاخىردا ئوقۇغۇچىلار يۈزەكى بىلگەن ياكى توغرا ئىگەللىيەلمىگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق، قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلاردىمۇ ھىسياتنىڭ بارلىقىنى،  قۇشلارنى ئاسراپ ئۇلارنى تۇتماسلىقىمىز، ئۆلتۈرمەسلىكىمىزنىڭ لازىملىقىنى، ئېكولۇگىيلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئىنسانلارغا پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىگەللىتىش بىلىم ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش نىشانى قىلىنىدى. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلاردا ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش، ئىدىيۋى مەزمۇننى تاپالايدىغان بولۇش ماھارىتى يېتىلدۈرلىدۇ.
2.جەريان ۋە ئۇسۇل
بۇ دەرىسنىڭ مەزمۇنلىرى ئالدىن لايھەلىگەن مۇلاھىزە مەشىق سۇئاللىرى ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزىگە تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مۇستەققل ھالدا جاۋابىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئىزدىنىپ يەتمەكچى بولغان نىشاننى تاپىدۇ. سۇئاللار كۆرسەتمە ئارگىنال شەكلىدە لايھەلىنىپ كۆپ ۋاستە ئۈسكىنىدىن پايدىلىنىپ ئىكراندا ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئالدىن تەييارلىغان جاۋاپلارنى ئىكراندا كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئالدىن تەييارلىغان مۇلاھىزە جاۋابى بىرلەشتۈرلىدۇ. بۇ جەريانلار ئارقىلىق دەرىسنىڭ موھىم، قىيىن نوقتىللىرى ئىگەللىتىلىدۇ.
2.ھېسيات، پوزىيتسىيە، قىممەت قارىشى
بۇ دەرىسنىڭ مەزمۇنلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئانا بۆدۈنىنىڭ ھىسياتىنى چۈشۈنۈش،ئۇنىڭ ئانلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش جەھەتتە ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن تەسىرلىنىش بىلەن بىرگە ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆلىمىگە ئىچ ئاغرىتىش، بۆدۈنە بالىلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشنى بىلىش، ئاخىردا ئوۋچىلىقىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى چۈشۈنۈپ يېتىش، قۇشلارنى ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشنىڭ موھىملىقىنى بىلىپ يېتىش.مۇشۇ دەرىستىكى ھىسيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرۈش جەريانى قىلىپ يىغىنچاقلاندى.
بۇ دەرسنىڭ موھىم نوقتسى بولسا:-ئوقۇغۇچىلار ئەسەر مەزمۇنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى سورىغان سۇئاللارغا بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى لايھەلەپ ئوتتۇرغا قويالايدىغان، قىزغىن پىكىر قىلىپ ئۆز مۇلاھىزسى ئاساسىدا ئويلىغانلىرنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش.
دەرىسنىڭ قىيىن نوقتىسى بولسا:- ھەق- ناھەقنى ، توغرا –خاتانى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش، ئەسەر ۋەقەلىكىنى تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئويلاش ئارقىلىق سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۆلچەملىك، ئادەمنى قايىل قىلارلىق ھالدا  تېپىپ چىقالايدىغان، دەرسنىڭ بىزگە تەسىر قىلغان ئىدىيۋى مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلار تاپالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇ دەرىستىكى بىر قەدەر قىيىن بولغان بىلىم نوقتىللىرى ھىساپلىنىدۇ.
دەرسنىڭ جەريانى بولسا:- بۇ سائەتلىك دەرسكە كىرىپ ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سالاملىشىپ، ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىنى كۈزۈتۈپ چىقىمەن، ئاندىن ئوقۇغۇچىلاردىن ئالدىنقى سائەتلىك دەرستە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوقۇپ كېلىش، مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى لايھەلەپ كېلىش، مۇلاھىزە قىلىپ كېلىش ئەھۋالنى سوراپ، ئۇلارنىڭ قىسقىچە بەرگەن ئۆگۈنۈش دوكللاتىدىن كىيىن ئالدىن تەييارلاپ كەلگەن سۇئاللارنى سوراش، مۇلاھىزە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاساسى مەزمۇنلار يەتكۈزلىدۇ.شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ لايھەلەپ كەلگەن دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشقا شارائت يارىتىپ دەرىسكە نىسپىتەن ئىزدىنىپ كەلگەن سۇئاللىرنى سۆزلىتىمەن ، جاۋاپ بېرىشنى خالىغان ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈرۈپ جاۋاپ بېرىپ چىقىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش ئېلىپ بارىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنى ئۈستىدە ئوتتۇرغا قويغان مۇلاھىزسى ۋە قىسقىچە جاۋاپلىرى ئاساسىدا دەرس مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىگەللىشىنى قولغا كەلتۈرىمەن. يەنە بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقرى بولىشىمۇ ، تۆۋەن بولۇپ قېلىشىمۇ مومكىن ئەمما ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئىلھاملاندۇرۇپ، قوزغۇتۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دەرسخانىدىكى قىزغىنلىقىنى يۇقرى كۆتۈرۈپ قىزغىن بولغان دەرسخانا كەيپىياتنى يارتىپ چىقىمەن. مۇلاھىزە سۇئاللىرى تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە ئوتتۇرغا تاشلىنىپ ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزسى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ ھەمدە ئاخىردا موھىم نوقتىلار خۇلاسە شەكلىدە مۇستەھكەملىنىدۇ. بۇ سۇئاللارنى ئالدىن تەييارلاپ قويغان كۆرسەتمە ئورگىنالىم ئاساسىدا كۆپ ۋاستە ئۈسكىنسىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملك پايدىلىنىپ بىردىن ، بىردىن كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بېرىپ بولغاندا جاۋابىنى ئىكران ئارقىلىق ئومۇمىلاشتۇرۇپ دەرس مەزمۇنىنى تىز ھەم ئەتراپلىق ئىگىللىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىمەن. ( ئوتتۇرغا تاشلىنىپ ھەل قىلىندىغان سۇئاللار قىسقىچە تۆۋەندىكچە):
1.«مەن» نىڭ دادىسى قانداق ئادەم ئىدى؟     «مەن»نىڭ دادىسى ئوۋخۇمار ئادەم ئىدى.
2. «مەن» باشتا نىمىگە ھەۋەس قىلىپ قالدى؟ «مەن»باشتا ئوۋچىلىققا ھەۋەس قىلىپ قالدى.
3. «مەن» نىمە ئۈچۈن ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆلىمىگە شۇنچە ئىچ ئاغرىتىدۇ؟
ئانا بۆدۈنە ئۆز بالىلىرىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى، خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن ئىتنى ئازدۇرۇپ يىراقلارغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ ئويلىمىغان يەردىن تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتتى . «مەن» ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆز بالىلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قىلغان ئىش-ھەركەتلىرنى كۆرگەندىن كىيىن بۆدۈنە بالىلىرىغا ھىسداشلىقى قوزغىلىپ، بۆدۈنە بالىلىرنى ئەمدى كىممۇ باقار دىگەنلەرنى ئويلاپ ئانا بۆدۈنىگە ئىچ ئاغىرىتىدۇ.
4. «مەن» بۆدۈنە ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇنىڭ ئۆلىمىگە قايغۇرۇپ يىغلاۋاتقاندا دادىسى نىمە ئۈچۈن كۈلىدۇ؟
«مەن»نىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ بۆدۈنە بالىلىرىغا ئىچى ئاغرىتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوغلۇم چوڭ بوپتۇ دەپ ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ كۈلىدۇ.
5.سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ قۇشلارنى، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىماسلىق ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق، قۇشلارنىڭ بىز ئىنسانلارنىڭ دوستى ئىكەنلىكنى بىلىش، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىكولۇگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپچى بولماسلىقنى، قۇشلاردىمۇ كۆيۈمچانلىقىنىڭ بارلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ئانا بۆدۈنىگە ئوخشاش زور بەدەللەرنى بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىش بىلەن بىرگە  ياخشى ئوقۇپ ئاتا-ئانىلارغا، ئانا ۋەتەنگە ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇشىمىزنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندىم. (ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى)
ئوقۇغۇچىلار ئىھتىمال تۆۋەندىكدەك جاۋاپلارنى بېرىدۇ. ئەگەر ئوخشىمىغان جاۋاپلار چىقىپ قالسا كۆپچىلىك بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىنىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.  تۆۋەندىكى بۇ سۇئال بولسا مۇشۇ دەرىسلىكتىكى ئىدىيۋى تەربىيە ئاساسى نىشان قىلىنغان سۇئاللار بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىدىن كىيىن ئوقۇتقۇچى خۇلاسە قىلىپ كۈچەيتىپ ئىدىيۋى تەربىيە سىڭدۈرۈدىغان تەربىيۋى خاراكتىرلىك موھىم مەزمۇن ھىسابلىنىدۇ.
بۆدۈنە ۋە باشقا قۇشلارنى، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغاندا ئېكولۇگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنڭ بۇزۇلۇپ ياشاش موھىتىمىزنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى، قۇشلارنىڭمۇ بىز ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى، قۇشلارنى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشمىزنىڭ لازىملىقىنى سۆزلەپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنجىسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز مۇلاھىزىللىرى ئارقىلق چۈشۈنۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئىدىيۋى تەربىيە مەزمۇنىنى تەبىئى سىڭدۈرۈپ ئېلىپ بارىمەن.
ئوتتۇرغا قويۇلغان سۇئاللاردىن باشقا يەنە قانداق سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقىسىلەر؟ دەپ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مۇستەھكەملەش پۇرسىتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ، مۇلاھىزە قىلىش ، يېڭىلىق يارتىش،ئىچكىرلەپ ئىزدىنىشكە يېتەكلەيمەن.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇلاھىزە سۇئاللىرى بولمىسا بۇ ئەسەرگە يەنە قانداق تىمىلارنى قويۇشقا بولىدۇ؟ .. دىگەندەك سۇئاللارنى تاشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ.  ئاخىردا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىپ دەرىستىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرلىدۇ.
دوسكا لايھەسى :-  دەرىسنىڭ ماۋزۇسى ، ماۋزۇ ئاستىغا ئىكراندا كۆرسىتىلىدىغان مۇناسۋەتلەك سۇئاللار لايھەلەندى.
دەرىسنىڭ مۇستەھكەملەش باسقۇچى بولسا :- سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟
«مەن» نىمە ئۈچۈن ئانا بۆدۈنىنىڭ ئۆلىمىگە شۇنچە ئىچ ئاغرىتىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللار ئاساسىدا مۇستەھكەملەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئائىلە تاپشۇرۇقى :-
دەرىس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدىكى تاپشۇرۇققا بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوتتۇرغا قويۇلغان، مۇلاھىزە قىلىنغان سۇئاللارنى خاتىرلەڭ، ئۆز مۇلاھىزىڭىزنى سۇئاللارنىڭ ئاستىغا يېزىپ كېلىڭ دىگەن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادى قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈش خاراكتىرلىك تاپشۇرقىغا ئانىڭزغا  بولغان ۋاپادارلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ بىر پارچە شىئېر ياكى ئېرادىنامە يېزىپ كېلىڭ دىگەن تاپشۇرۇق ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى سائەتلىك دەرىسلەردە ئۈگەنگەن شىئېرىيەت بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەجرىنى چۈشۈنۈش، قانداق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ دەرىسنى ئاياغلاشتۇرىمەن.
















baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-25 12:05:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، بولسا تولۇقسز ئۇچۇر-تىخىنكا دەرسگە مۇناسۋەتلىك دەرس ئايانى ئەۋەتىپ قويسىڭىز
ۋاقتى: 2016-1-4 15:54:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر دەرىس لايھەسىنى قويۇش پائالىيەتلىرى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلىۋاتىدۇ .تىمىڭىزدىن جاپاكەش     ئوقۇتقۇچىلار نەپ ئالغۇسى ھارمىغايسىز .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش