كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 0

ئالقاتنى كۆپرەك چايناپ ئىستېمال قىلسا كۆزگە پايدىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالقاتنى كۆپرەك چايناپ ئىستېمال قىلسا كۆزگە پايدىلىق
كۆزنى ئاسرايدىغان يېمەكلىك تىلغا ئېلىنسا كىشىلەردەرھال ئالقاتنى ئېسىگە ئالىدۇ. «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا «ئالقات بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. جىگەرنى ياخشىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. گەرچە ئالقاتنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى خاتا بولماقتا.
كۆپلىگەن كىشىلەر ئالقاتنى قايناق سۇدا دەملەپ، شورپا ياكى شوۋىگۈرۈچ تەييارلاپ، چېيى ياكى شورپىسىنى ئىستېمال قىلىپ، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە تىرىپلىرىنى تۆكۈۋېتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئالقات تەركىبىدىكى كۆزگە پايدىلىق تەركىبلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئوزۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالقاتنىڭ كۆزنى ئسراش ئىقتىدارى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زېئاكسانتىن (كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى) غا تايىنىش ئارقىلىق جارى قىلدۇرۇلىدىكەن. زېئاكسانتىن كۆرۈش پەردىسىدە كۆپەيگەندىلا ئاندىن ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى توسۇيالايدۇ. ئادەم بەدىنى بۇ خىل تەركىبنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئامالسىز. ئۇنى چوقۇم كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەردىن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن كۆپ ساندىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە زېئاكسانتىن ئىنتايىن ئاز. پەقەت ئالقات تەركىبىدىكى زېئاكسانتىن مىقدارىلا ئادەم بەدىنىگە بىۋاسىتە سۈمۈرۈلىدۇ.
بىراق زېئاكسانتىن سۇدا ئېرىمەيدۇ. قايناق سۇدا دەملەنگەن ياكى قايناتقان ئەھۋالدىمۇ بۇ خىل ماددا تولۇق چىقمايدۇ. ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئۇزاق ۋاقىت چايناپ يۇتۇش. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنلۈكى 20 گىرام ئەتراپىدا ئالقات ئىستېمال قىلسا كۇپايە. ئەگەر قۇرۇتۇلغان ئالقات ئىستېمال قىلىش توغرا كەلسە، يېرىمىنى ئازايتسا بولىدۇ. مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە قۇۋۋىتى ئېشىپ كېتىدۇ.
(مۇكەررەم مۇھەممەد تەرجىمىسى. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش