| iOS 8 سېستىمىسى بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى 18- سېنتەبر خەۋىرى: ئالما بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا جامائەتچىلىككە iOS 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنى چۈشۈرۈۋېلىشقا ئېچىۋەتتى. iPhone 4s ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تىپلىرى، iPad 2 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تىپلىرى، 5- ئەۋلاد iPod Touch ۋە iPad Mini قاتارلىق ئالمىنىڭ كۆچمە ئەسلىھەلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇشۇ سېستىمىنى قوللايدۇ. ئالما يانفونىنى ئىشلەتكۈچىلەر iTunes ئارقىلىق چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ. ئەمما سېستىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى چۇقۇم يانفوندا 1GB بوشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئاندىن ئورنىتىش لازىم، بولمىسا 5.7GB لىق ئىشلىتىش بوشلۇقىغا يۆتكەش ئاۋارىچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، بىر قىسىم iPad تىپلىرىغا 7GB لىق ئىشلىتىش بوشلۇقى بولمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 8GB لىق iPhone 5c ۋە 16GB لىق iPhone لارنىڭ سېستىمىسىنى iOS 8 غا يۇقىرى كۆتۈرگەندە بىر قىسىم ئاۋارىچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە iOS 8 سېستىمىسىنى ئاللىبۇرۇن چۈشۈرگىلى بولىدىغان بولسىمۇ ئەمما چۈشۈرىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا ئابونتلارنىڭ بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتىنى ئېلىۋېلىشى مۇمكىن. ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا ئالما مۇلازىمىتىرى سەرپ قىلىدىغان ئېقىم مىقدارى ئىزچىل بەك يۇقىرى بولۇپ كەلگەن، بۇ قېتىمقىسىنىڭ سەرپ قىلىدىغان ئېقىم مىقدارى خېلىلا تۆۋەنلىگەن. iOS 8 سېستىمىسى iOS 7 سېستىمىسىنىڭ لاھىيە ئېلمىنتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەندىن باشقا يەنە ئىلگىرىكى سېستىمىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا ياساپ چىقىلغان. iOS 8 نىڭ ئەڭ يارقىن ئۆزگەرتىشلىرىدىن بىرى دەل ئالما كۆچمە ئەسلىھەلىرى بىلەن ئۈستەل يۈزى ئەسلىھەلىرى ئارىسىدا ماھىرلىق بىلەن جىپىسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما يەنە يېپيېڭى بولغان «داۋاملىشىشچان» ئىقتىدارلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ iPhone、iPad ۋە Mac ئوتتۇرىسىدىكى تۇتىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پەقەت مۇشۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي iOS 8 سېستىمىسى يەنە ئۇقتۇرۇش مەركىزىگىمۇ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۆزئارا يەتكۈزۈش شەكلى ۋە قوللىنىشچان قوراللارنىمۇ كۆپەيتتى، يېپيېڭى بولغان ئۇچۇر ئىقتىدارى تۇنجى قېتىم ئابونتلارنىڭ توپتا پاراڭلىشىشىغا باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. كۇنۇپكا تاختىسىغىمۇ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، QuickType ئالدىن مۆلچەر كۇنۇپكا تاختىسى قۇشۇلدى. بۇ قېتىم ئۈچىنچى تەرەپ قوللىنىشىغىمۇ ئالما ئەسلىھەلىرىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا كىرىش ۋە TouchID بارماق ئىزىنى تونۇتۇش سېستىمىسى سەپلەندى. iOS 8 سېستىمىسىغا يەنە يېپيېڭى ھەم ساغلام قوللىنىشلار قۇشۇلغان بولۇپ، ئابونتلار ھەر خىل قوللىنىشلار ۋە ئەسلىھەلەر ئىچىدىن ساغلام بولغانلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە ئادەم بىرلىكتە بىر-بىرىنىڭ ئەسلىھە، مۇزىكا، كىتاپ قاتارلىق مەزمۇنلىرىنى ساقلاپ ۋە يەتكۈزۈپ ھەمبەھىرلىنەلەيدۇ. بۇ سېستىما بۈگۈن رەسمىي جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدى يەنە iPhone 6, iPhone 6 Plus قىمۇ 19- سېنتەبردىن باشلاپ رەسمىي ئېچىۋېتىدۇ.
|
|