كۆرۈش: 290|ئىنكاس: 4

ئىسسىق سۇمۇ ئۈنۈملۈك دورا بولالايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسسىق سۇمۇ ئۈنۈملۈك دورا بولالايدۇ
زۇكام بولۇپ باش ئاغرىغاندا، لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ، بوشراق سىقىپ تەكشى قاتلاپ، ئاغرىقنىڭ كۆز، بۇرۇن، باش ۋە بويۇنلىرىغا يەڭگىل بېسىپ بەرگەندە، باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
ھېق تۇتۇپ قالغاندا بىر يۇرتۇم قايناق سۇنى يەتتىگە بۆلۈپ يۇتۇپ بەرسە، ھېقنى توختاتقىلى بولىدۇ.
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىسا، بىر داس ئىسسىق سۇغا ئىككى قولنى تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا چىلاپ بەرسە، باش ئاغرىقى ئاستا-ئاستا يېنىكلەيدۇ.
مۈرە تالغاندا، ئىسسىق سۇغا ئازراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئاندىن لۆڭگىنى چىلاپ سىقىۋەتكەندىن كېيىن، مۈرىگە بېسىپ بەرسە، مۇسكۇللار بوشىشىپ، مۈرە تېلىش يېنىكلەيدۇ.
شامالدارىش، سوغۇق تېگىش، ئۇزاق مۇددەت نەم، سوغۇق مۇھىتتا ياشاشتىن كېلىپ چىققان رېماتىزملىق بەل ئاغرىقىنى ھوردىنىش ئارقىلىق يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئاغرىقنى ئۈستەلگە تۈز ياتقۇزۇپ توكلۇق ئىستاكانغا قايناق سۇ قۇيۇپ توكقا ئۇلاپ بەلگە ئۇدۇللاپ قويۇلسا، ئىسسىق ھور ئۈزلۈكسىز بەلگە تېگىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇلسا، سوغۇقتىن بولغان ئاغرىققا داۋا بولىدۇ.
دورا ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر زۇكامداپ قالغاندا ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاپ بەدەندىن تەر چىققۇچە تۇرۇپ بەرسە، بولسا سۇغا تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، يېنىك زۇكام ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئازراق يېشىل چاينى ئىستاكانغا سېلىپ قايناق سۇ قۇيۇپ، ھورىدا كۆزنى بىر قانچە قېتىم ھورداپ بەرسە، يىڭنەئاسقۇغا داۋا بولىدۇ.
ئەگەر بەدەنگە ئۇششاق چىقان چىقسا، لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ چىقان ئۈستىگە بېسىپ بەرسە، چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ.

قان بېسىم ئۆرلەپ كەتسە، ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاپ بەرسە، تۆۋەنلەيدۇ.
(ساغلاملىق ۋاقتى گېزىتىدىن. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-15 22:04:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم . كۆپ رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2014-9-19 11:50:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت. ياخشىكەن، بىلىۋالدىم.
ۋاقتى: 2014-10-13 14:29:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسسىق سۇنىڭ رولى ناھايىتى كۆپ ئىككەن. مەن بىلمەيدىغانلىرىمۇ بار ئىككەن.ياخشى تېما يوللاپسىز! ساغلاملىق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-10-13 16:41:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسسىق سۇنىڭ بەزى روللىرنى ئاڭلىغان لىكىن بۇنداق تۇللۇق ئەمەستى .ئەمدى بىلۋالدىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش