كۆرۈش: 498|ئىنكاس: 1

خۇبېيدا بۇ يىلدىن باشلاپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇبېيدا بۇ يىلدىن باشلاپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىۋاستىلا ئالىي مەكتەپكە كىرەلەيدۇ
چۇتىيەن شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 11- سېنتەبر خۇبېي ئۆلكىلىك مائارىپ ئىدارىسى «خۇبېي ئۆلكىسى بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىن، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپنى تاللاپ ئوقۇسا بولىدىكەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ «ئۆرلەپ» ئوقۇپ ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرس دېپلومى ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەن.
بۇ «چارە»دە بەلگىلىنىشىچە، بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇتۇش شەكلى بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش شەكلى ۋە «2+3 » دىكى يۇقىرى نومۇر باشقۇچى تەربىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك نەمۇنىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە باغ-ئورمانچىلىق تۈرى، سۇچىلىق تۈرى، كانچىلىق تۈرى، ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ تۈرى، سەنئەت تۈرى، تەنتەربىيە تۈرى ئالىي كەسپىي مەكتەپلىرى يولغا قويىدىكەن. «2+3» ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ بىلەن ئالىي كەسپىي مائارىپ ئىنىستىتۇتى باسقۇچىدا يۈرگۈزىلىدىكەن، ئاخىرقى ئىككى ئوقۇش يىلىدا چۇقۇم ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە يۈگۈزۈلىدىكەن.
ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەش يىللىق ئالىي كەسپىي مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەشكىللىنىدىكەن، شەھەر، ۋىلايەتلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى تەرىپىدىن كونكېرت ئىجرا قىلىنىدىكەن، يەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسىغا كىرگۈزۈلۈپ بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. نۆۋەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكۈچىلەر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىلگىرى تۈگەتكەنلەر ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە ئاساسەن قوبۇل قىلىنىدىكەن، قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى يەرلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىدىن 50 نومۇر تۆۋەن بولىدىكەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-1 22:50:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بولغۇدەك ئوقۇش ۋاختى بىر يىل قىسقىرايدىكەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش