| ئەرلەر كىچىك تەرەتتىن كېيىن ئۈچ مىنۇت مېڭىپ بېرىشى كېرەك
خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئەرلەردە ۋاقتىدا ھاجەتخانىغا چىقالماي، سۈيدۈك قىسىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت. لېكىن بۇ ئەرلەرگە پايدىسىز بولۇپ، بىۋاستە جىنسى ئىقتىدارىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. سۈيدۈك تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان مىكروب بولۇپ، ناۋادا سۈيدۈكنى قىسقاندا، بەدەندىكى مىكروبلار ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمەي، سۈيدۈك يولى، دوۋساق، ھەتتا كۆپىيىش ئەزالىرىنى يۇقۇملاندۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرىۋالماسلىق كېرەك. كىچىك تەرەت قىلىپ بولۇپ ئولتۇرىۋالغاندا قورساقنىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىپ، سۈيدۈكنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە مىكروبلارنى ئاسان يىغىۋېلىپ، مەزى بېزى ياللۇغنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئەرلەر كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
|
|