كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 0

سامسۇڭنىڭ تۇنجى نۇسخىدىكى Tizen ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سامسۇڭنىڭ تۇنجى نۇسخىدىكى Tizen ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنى 11- ئايدا ھىندىستاندا بازارغا سېلىنىدۇ
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى 21- سېنتەبر خەۋىرى: سامسۇڭ ئېلېكتىرونى يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان Tizen كۆچمە مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ تۇنجى نۇسخىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ قېتىمقىسى سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە 3- قېتىم Tizen ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنىنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتىنى ئاشكارىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە، سامسۇڭنىڭ كۆپلىگەن كۆچمە ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسىگە google(مىكروبىلوگ)نىڭ Android مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، Tizen نىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى زور كۈچ بىلەن «گوگىللاشتۇرۇش» قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن، بۇ تىرىشچانلىقلىرى  سامسۇڭنى كۆچمە يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. گەرچە سامسۇڭ زور مىقداردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنى سېتىپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما google يەنىلا Android دېتالى ئارقىلىق زور مىقداردىكى ئابونتلارنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ. دېمەككى google سامسۇڭ يانفۇن ئابونتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسىدۇر.
ھالبۇكى، سامسۇڭ تۇنجى نۇسخىدىكى Tizen ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنىنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتىنى ئىزچىل ئارقىغا سۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى ئالداپ كېلىۋاتىدۇ.
21- سېنتەبر، سامسۇڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ھىندىستاندا قايتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، 11- ئايدا Tizen نى ھىندىستاندا بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كۆچمە ئالاقە ساھەسىدىكىلەر ئىزچىل Tizen ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنىنىڭ بازار يۇشۇرۇن كۈچى ھىندىستاندا دەپ قارايدۇ. ھىندىستان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتتىكىلەرنىڭ يانفۇن ئىشلىتىش مىقدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئاشقان. ناھايىتى ئەۋزەل بازار ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئەمما ھىندىستاننىڭمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بازىرىنىڭمۇ رىقابەت كۈچى كۈنسېرى كۈچەيگەن. ئالدىنقى ھەپتە google ھىندىستاننىڭ يانفۇن ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Micromax Informatics بىلەن باھاسى 105 ئامېرىكا دوللىرىلىق Android ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشلەپچىقىرىش توختامى ئىمزالىغان.
سامسۇڭ ئېلېكتىرونى لاھىيە مەركىزىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مالىك «دۇنيا ئىقتىسادى» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گەرچە google نىڭ Android ى ۋە ئالمىنىڭ iOS سى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بازىرىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سامسۇڭنىڭ يەنە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت جەريانىدا مالىك Tizen نىڭ باھاسى ۋە سەپلىمىلىرىنى ئاشكارىلىمىغان.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش