كۆرۈش: 328|ئىنكاس: 3

ئۈندىداردا توربەتلەرنى زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، سىلەرگە ئۈندىداردا توربەتلەرنى زىيارەت قىلىش ھەققىدە بىلگىنىمچە بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدىم. بىلىدىغانلار ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭلار، بىلمەيدىغانلار بىلىۋېلىڭلار.
بەزىدە ئۈندىداردا تور بەتلەرنى زىيارەت قىلغۇمىز كېلىدۇ. بەزى توربەتلەرنىڭ سالونى بار ۋە تور بېتىگە باغلانغان، شۇڭا شۇ سالونلار ئارقىلىق تور بەتنى زىيارەت قىلالايمىز ياكى ماس تېمىلارنى كۆرەلەيمىز. ئۇنداقتا سالونى يوق ياكى سالوننى بېتىگە باغلىمىغان تور بەتلەرنىچۇ؟ بەزىڭلار يانفون تور كۆرگۈچىسىنى ئېچىپ ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ زىيارەت قىلساق بولىدۇ دېيىشىڭلار مۇمكىن، لېكىن مەندەك ھۇرۇنلارمۇ بار ئەمدى، يەنە بەزى تورداشلارنىڭ يانفونىنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەنرەك بولسا ئىككى ئەپنى تەڭ ئېچىۋالسا يانفونى قېتىۋالىدۇ ياكى ئۈندىدارغا كەلگەن ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا كۆرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنداق چاغدا مۇنۇ ئۇسۇل بىلەن ئۈندىداردىلا تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
Android, IOS, Windows سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ قايسى بىرى بولسۇن ئۈندىدار ئېچىلسىلا بولدى. ئاۋۋال بىرەرسىگە خەت يېزىش كۆزنىكىگە كىرىمىز. خەت يازىدىغان ئادەم تاپالمىسىڭىز ئۆزىڭىزگە، ھۆججەت يوللاشقا ۋە ياكى بىرەر سالونغا يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. كىرگۈزۈش رامكىسىغا زىيارەت قىلماقچى بولغان تور بەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ يوللايمىز.
ئادەتتە نورمال تور بەت ئادرېسى بولسىلا يوللانغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ئۇلانما ئادرېسقا ئۆزگىرەيدۇ.

ئەمدى مۇشۇ ئادرېسنى بېسىپ ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدىكى تور كۆرگۈچ ئارقىلىق تور بەتلەرنى زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

مۇشۇ بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ.
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-5 23:01:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بولغان بىلىملەركەن  رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2016-1-6 11:01:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تېگىشىلىك مەشغۇلات ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەنىڭىزگە تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2016-1-6 11:59:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەپچىپ چارىكەنئىشلىتىپ باقايلى !ھازىر چ چ ئويناشقا قارىغاندا ئۈندىدار  ئۈئوينايدىغانلار جىقلاپ كالدى .   ياخشى تىما يوللاپسىز .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش