ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﺩﺍ

سەھپە: ئۇنىۋېرسال باھا:0

تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەغدىرىڭ شۇنداق بۇلۇر .
دەرۋەقە ، ئاللا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ، ئۇ ئۆزى ياراتقان ھەربىر بەندىسىنى ، مەخلۇقات – مەۋجۈداتلىرىنى تولۇق چۈشەنگۈچى ھەم ھەممە سىرلارنىڭ تىگىگە يەتكۈچى .
……… ئەمما ، بەزىلەر ئۆز كۆڭلىدە تەڭرىدىنمۇ ئۈستۈن . ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالىتىدىن بەك رازى ، بەك شادىمان . توۋۋا !!! (بىز كىم ؟ نىمىگە كەلدۇق ؟ قانداق كېتىمىز ؟) قانچىلىك ئادەم بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپقاندۇ ؟ ئۇيغۇرلىرىمىز ئارسىدا ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتقان مەنمەنلىك ، چوڭچىلىق ، غەيۋەت ھەم بۇزۇقچىلىق مەندەك بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى تىلغىماي قويمىدى .
ئۆزۇم ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، تۆت يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتى ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى . شۇقەدەر ئەينەن ھالدا مەن كۆپچىلىككە بەزى ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىمىزنىڭ ئاتالمىش ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەي :
– بەزى قىزلا دەسلەپتە ر كېلىشىدە ناھايىتى ئاددى – ساددا ، باشلىرىدا ياغلىق ، بېلىنى ناھايىتى چىڭ باغلاپ كەلگەن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بۇ پۇرسەت ئاسان قولغا كەلمىگەن . كىيىن چوڭ شەھەرنىڭ كەڭتاش كوچىلىرى ، خۇپىيانە ئارامگاھلىرى ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئاستا -ئاستا ئۇلارنىڭ قەلبىدە دەرىسخانىدىن كۆڭۈللۈك ، كىتابپۇرۇچلۇق ئۇمرۇنى بىھۇدە قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن يىغىش قىلىپ بىر قاچا ئاش ئېلىپ بەرگەن ياكى شۇ پۇلنى ئايىماي خەجلەپ بەرگەن ئېتى ئۇلۇغ ، سۇپۇرىسى قۇرۇق ئاق نانچى يىگىتلەر ئۇلار ئۈچۈن ئاتا- ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ . ئالىي مەكتەپتە ئۇلارغا چېپىلىدىغان ئادەم يوق ، خالىغىنىنى قىلسا بولىدۇ . ئوقۇشنىڭ ئۆزى 4 ~ 5 داۋاملىشىدۇ ، شۇڭا چوقۇم بىر-نەچچە يىل پۇخادىن چىققۇچە ئوينىۋىلىش كېرەك . پۇل تۈگىسە ئاتا -ئانىسى چوقۇم سوراپ يۈرمەي ۋاختىدا پۇل سېلىشى كېرەك ، چۈنكى شۇلارنى ئاتا – ئانىسى تۇغقان ، بۇ مەجبۇرىيەت . ئاخىرىدا بىر قەدەر بۇزۇلۇش تېخى پىشمىغانلىق ، تاماكا چېكىشنى بېلىش ، ھاراق كۆتۈرەلەيدىغان بولۇش ، نەشىگە ئۆگۈنۈش ، خالىغان يىگىتنىڭ گۈلى بولۇش راۋرۇس زامانغا لايىقلاشقانلىق . پۈتتۈرگەندە ھەم دادىسىنىڭ كىملىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ھالەتتە نەچچە جاننىڭ ئانىسى بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس . بەزى يىگىتلىرىمىزمۇ ھەم مۇشۇ يوللارغا شېرىك . ئەمدى بۇلار جەمىيەتكە چىقسا نىمە قىلىشى مۇمكىن ؟
ھەي …… ، ھاۋايى – ھەۋەس . نەپسى يوغانلىق ، يېنىڭىزدا كۈلۈپ تۇرۇپ يامان يوللاردا تەڭ مېڭىشىپ بەرگەن دوستىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنى ياخشى ئاقىۋەتتە قالدۇرمايدۇ . ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن ئادەمنى ، ھېچقانداق بىرى كېلىپ قەدىرلەپ قويمايدۇ . كۆڭۇل ياتقان يەردە ئىت ياتمايدۇ دەيدىكەن . ئۆتۈنەي ئۇيغۇرۇم قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەخلەتچىلىكمۇ قىممىتىمىز يوق ھالەتتە يۈرمەيلى ، ئۇ بوشلۇقنى بىز تولدۇرۇپ قويمىساقمۇ ، نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ قىلىشىمىزنى كۈتىۋاتىدۇ ، ئادەم يىغلاپ تۇغۇلىدۇ ، كەنكەندە ھەم ئارمانسىز كۈلۈپ كېتەيلى .

ئاللا رەھمەت قىلسۇن ، كۆڭلىمىزگە ئىمان – ئىنساپ ئاتا قىلسۇن . يامان يوللاردىن ، شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىسۇن . تېنىمىزدىكى شۇ بىر پاچە قىزىل يۈرەك قارىداپ كەتمىسۇن !!!

2008.06.8 ئاپتور: export_user

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup