ئەنئەنىۋى توي ۋە يېڭى تۇيغۇلار

سەھپە: باي دادام تەۋسىيەلىرى باھا:8

بۇ بەتتىكى سۆرەتلەر پۈتۈنلەي پۇتۇنلەي  شەخسى سۆرەتلىرىم . باشقا ھەرقانداق توردا رۇخسەتسىز  ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ .
تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ ،شەخسىيىتىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ! <رەھمەت>

ئەنئەنىۋى توي ۋە يېڭى تۇيغۇلار

تۇي ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم ئىش بۇلۇش بېلەن بىرگە ئۇ شۇ توي قىلغۇچىنىڭ تەۋە بولغان قەۋمىنىڭ  مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىپ ۋە ئىپادىلەپ  شۇ قەۋىم كىشىللىرىنى ئۆزگىچە خاسلىقلىرى بېلەن باشقىلاردىن پەرىقلەندۇرىدىغان مەدەنىيەت ھەركىتى ھەم سۇرۇنى ،
جاھان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ توي تۆكۈن ئادەتلىرىمىزدە ھەرخىل يېڭىچە ئادەتلەر بىزگە يات بولغان قائىدىلەر پەيدا بۇلۇپ بىزنى ، جۈملىدىن شۇ توي قىلغۇچىنى، ئاتا ئانىسىنى قىيناپ ھەممە بىزار بۇلىدىغان لىكىن ئۇنى رەت قىلالمايدىغان بىرخىل ئاجىزانە كۈنۈش بىزنى چىرمىۋالدى. خوشال ھالدا قىلىدىغان بۇ توي تۆكۈنلىرىمىز ئىسمى جىسمىغا لايىق <توي> بولدى .
تۆۋەندە ئىككى ياشنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تۇيىنى ئۆزىمىزنىڭ ئۇنتۇلغان ئادەتلىرىمىز بېلەن قىلىشقا تىرىشقان كۈرۈنىشلىرى .
كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان ، ھەممە خاسلىقىنى يوقاتقان ئۇ خىل ھالەت ئىنتايىن قورقۇنىشلىق بۇلىدۇ . <بۇلبۇل بۇلبۇلدەك سايرىسۇن ، كالا كالىدەك مۆرىسە > جاھان شۇنىڭدە رەڭدار ھەم گۈزەل .ئۆز خاسلىقىمىزغا يىتىش ھەم ئۇنى ساخلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر كىم كىچىك بولسىمۇ مەيلى   
ئۈزىمىز قىلالىغان ئىشتىن باشلاپ باقايلى !

تويدىكى سۆرەتلەر

توي كۈچۈرگەن خادىك

  مېڭلا يىگىتلەر باي دادامغا خوتۇنىنى ئەكىلىپ بىرىلى بىر …………

باي دادام تاتلىققا ئامراق چىقىپ قالدى

ھەممىنى ئۈزىلام يەمدىغاندۇ ؟

خوتۇن ئالغاندىكىن بەلنى چىڭ باغلايلى

باي دادا  ماۋۇ ئەتلەسلىرى نەچچە پۇلدۇ ؟

ئۈزىمىزنىڭ پوتىسى ئۈزىمىزگە گۈلدىن بەكرەك يارىشىدىكەنغۇ

تېزىراق ماڭىلى كەچ بولغىچە ئۆيگە كىتىۋالمىساق بولمايدۇ

تۇي قىلمىغان بويتاقلا تويدا ئوينايدۇ

ھەجەپ چىرايلىق تىزىلىپ تۇرۇشۇپتا ماۋۇلا

باي دادام تور خاتىرىسى
m

2010.06.4 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2010.06.20
11:05
1-قەۋەت: «MAHMOUTJAN» مۇنداق دېدى:

تويۇڭىزغا بارالمىدىم ،چاقىرمىغاچ !
تەبىرىكلەپ قۇيار ئىدىم چىن دىلىمدىن ،
شۇنداقتىمۇ بەك سۆيۈندۈم تويىڭزدىن ،
بەخت نۇرى چاقنىغاي شۇ ئۆيىڭىزدىن ………………………..

2010.06.20
11:06
2-قەۋەت: «MAHMOUTJAN» مۇنداق دېدى:

ئۆتكەن ئىدۇق ،بويتاقلىقتا ئاداش بۇلۇپ ،
مەن لوپنۇردار ،سىز قوتاندا ئاچ توق يۇرۈپ ….
تېخى يەشىك نەشپۇتلەرنى سىزگە سۇنۇپ ….
ئۆچمىگەندۇر ئەشۇ چاغلار ئىسىڭزىدىن ………….

2010.06.20
11:07
3-قەۋەت: «MAHMOUTJAN» مۇنداق دېدى:

تەغدىر دىگەن ئەشۇنداقكەن رەھىمسىزكەن ،
كۆلدىن ئېلىپ بەزى چۆلگە تاشلايدىكەن
ئارزۇيىغا ھەركىم سىزدەك يىتەلمەسكەن …
سۆيىنىمەن ،بەخىتلىك بول قېرىندىشىم ………………

2010.6.20

2010.10.29
17:41
4-قەۋەت: «ئاسىيە» مۇنداق دېدى:

باي دادا تويلار مۇبارەك! مەڭگۈ بەختىلىك بولۇڭلار، ئاللا ھالال جۈپتىڭىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشكە نىسىپ قىلسۇن !

2010.11.12
20:13
5-قەۋەت: «ۋىسالئاي» مۇنداق دېدى:

توينىڭ پولوسى بەك ئوخشايدۇ جۇمۇ،رەسىمدىكى پولو يىگەن كۆرۈنىشىڭىز ئىشتىھايىمنى ئىچىۋەتتى.بەك سىغىندىم شۇ پولونى باي دادا.
ئۆزگىچە تويۇڭلاردىن بەكمۇ سۈيۈندۈم.بەختىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن.

2011.05.24
15:29
6-قەۋەت: «مۇھەممەت قادىر» مۇنداق دېدى:

بىز كىم؟ئويلىنايلى،لىكىن نىمىشقا؟

2011.05.24
15:31
7-قەۋەت: «مۇھەممەت» مۇنداق دېدى:

بىز كىم؟ئويلىنايلى،لىكىن نىمىشقا؟مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن

2011.05.24
21:33
8-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

توغرا تىنىمسىز ئويلىنايلى !

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup